
بۈگۈن ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى بىر ئايلىق رامىزاننى تاماملاپ، بىرلىكتە ھېيت نامىزى ئوقۇپ، ئۇلۇغ روزا ھېيتنى كۈتۈۋالدى.
بۈگۈن يەنە ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىغا يىغىلىپ، «5-ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ 7 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ھەيۋەتلىك نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى.
پايتەخت ۋاشىنگتون ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ۋىرىگىنىيە، مارىلاند شتاتلىرى شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ جاي-جايلىرىدىن كەلگەن نەچچە يۈزلىگەن ئۇيغۇر جامائىتى قوللىرىغا ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق بىلەن ئامېرىكا بايرىقىنى تەڭ كۆتۈرگەن ھالدا نامايىش كەيپىياتىنى يۇقىرى ئەۋجىگە چىقاردى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم شەخسەن ئۆزى نامايىشقا قاتنىشىپ، نۇتۇق سۆزلىدى. رابىيە خانىم سۆزىدە بۇنىڭدىن 7 يىل بۇرۇنقى ‹5-ئىيۇل ۋەقەسى› ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلدى.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتىنىڭ خادىمى زۇبەيرە خانىم، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى جۈرئەت ئوبۇل ئەپەندىلەر نەق مەيداندا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز پىكىرلىرىنى بايان قىلدى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى نۇتۇق سۆزلەپ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل نامايىشى» نى قانلىق باستۇرغانلىقىنى ئەيىبلىدى.
نامايىشچىلار قوشۇنى ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا كۈچ كۆرسەتكەندىن كېيىن كوچا ئايلىنىپ تاكى ۋاشىنگتون مەركىزىدىكى دۇپونت ئايلانمىسىغا قەدەر پىيادە ماڭدى.
دۇنيانىڭ سىياسىي مەركىزى بولغان ۋاشىنگتوندىكى مىڭلىغان كىشىلەر نامايىشنى كۆردى. كوچىدىكى كۆپلىگەن كىشىلەر ھەر خىل ئىپادە ۋە شەكىللەر بىلەن نامايىشچىلارنى قوللىدى ۋە ئۇلارغا مەدەت بەردى.
نامايىش چۈشتىن كېيىن تاكى سائەت 4:30 غا قەدەر داۋاملىشىپ، يۇقىرى كەيپىيات ئىلىكىدە ئاخىرلاشتى.