erkin-asiya-radiosi.jpgئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى

رابىيە قادىر خانىم رامىزان مەزگىلىدە ئۇيغۇر خەلقى دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي بېسىملار بىلەن تەبىئىي ئاپەتلەر ھەققىدە چاقىرىق ئېلان قىلدى

ئۇيغۇر ئېلىدا بۇ يىللىق رامىزاننىڭ تۈرلۈك چەكلىمىلەر شۇنداقلا يوشۇرۇن ۋە تۇيۇقسىز تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرى ئىچىدە داۋام قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

رامىزان ھارپىسىدا ئاز دېگەندە 5 نەپەر تور بەت ساھەسىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى، گۇاڭجۇدا 10 نەپەر ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ تۇتۇپ كېتىلىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا. ئۇنىڭ ئۈستىگە رامىزان كىرگەندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدا ھەر خىل تەبىئىي ئاپەتلەر كەينى-كەينىدىن يۈز بەرمەكتە.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلاردىن رامىزانلىق ئەھۋال سورىدى. ئۇيغۇر خەلقىنى ئىتتىپاقلىق ۋە مۇستەھكەم ئېتىقاد ئاساسىدا كۆز ئالدىدىكى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشكە چاقىردى.

غۇلجىدىكى ساقچى خادىملىرى كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچرىغانلار ئۈچۈن ئۆز ئالدىغا ئىئانە توپلاشنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى

ئىگىلىنىشىچە، 6-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن بۇيان ئىلى ۋادىسىدا ياغقان قاتتىق يامغۇر سەۋەبىدىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىدا كۆرۈلگەن تەبىئىي ئاپەتنىڭ پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۈندىدار قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا پۇقرالارنىڭ كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچرىغانلار ئۈچۈن ئۆز ئالدىغا ئىئانە توپلىشىنىڭ چەكلەنگەنلىك خەۋىرى تارقالغان ئىدى.

غۇلجىدىكى مەلۇم ساقچىخانىنىڭ كېچىلىك نۆۋەتچى خادىمى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، غۇلجىدا كەلكۈن ئاپىتىنىڭ پەۋقۇلئاددە ئېغىرلىقىنى، مۇقىمسىزلىق ۋەقەلىرى يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، پۇقرالارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىئانە توپلاش پائالىيەتلىرىنى چەكلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

خوتەن تەۋەسىدىكى ئاشخانىلارنىڭ رامىزان مەزگىلىدە نورمال تىجارەت قىلىشقا مەجبۇر قىلىنغانلىقى ئاشكارا بولدى

بۇ يىللىق رامىزان باشلانغاندىن بۇيان، خوتەن تەۋەسىدىكى مۇسۇلمانچە ئاشخانىلارنىڭ نورمال تىجارەت قىلىشقا بۇيرۇلغانلىقى، ئاشخانا خوجايىنلىرىنىڭ كۈندۈزدە ھەرقانداق سەۋەب بىلەن ئاشخانىنى تاقاپ قويۇشقا بولمايدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىللىق رامىزان ھارپىسىدا «شىنجاڭنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ئەھۋالى» ناملىق ئاقتاشلىق كىتاب ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە تولۇق كاپالەتلىك قىلىنغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

ھالبۇكى، رادىيومىزنىڭ خوتەن ۋىلايىتىدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش ئاقتاشلىق كىتابىدىكى بايانلىرىنىڭ چىرايلىق ئىبارىلەرگە تولغان قەغەز يۈزىدىكى «سىياسىي تەشۋىقات» تىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى ئاشكارا قىلماقتا.

گۇاڭجۇ شەھەرلىك 75-ئوتتۇرا مەكتەپتىكى 10 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى تۇتۇپ كېتىلگەن

6-ئاينىڭ 9-كۈنى دائىرىلەرنىڭ گۇاڭجۇ شەھەرلىك 75-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ «شىنجاڭ سىنىپى» دا ئوقۇيدىغان 10 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنى تۇتقۇن قىلغانلىقى ئاشكارىلاندى.

ئادۋوكات تاڭ ئەپەندىنىڭ گۇاڭجۇ شەھەرلىك بىرىنچى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدىن ئېلىپ چىققان مەلۇماتىغا قارىغاندا، تۇتقۇن قىلىنغان 10 نەپەر ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ھەممىسى «تېررور گۇماندارلىرى» سۈپىتىدە تۇتۇپ تۇرۇلماقتىكەن. مەلۇم بولۇشىچە، 10 نەپەر تۇتقۇننىڭ سەككىزى ئوغۇل، ئىككىسى قىز ئوقۇغۇچى ئىكەن. ھالبۇكى، گۇاڭجۇ شەھەرلىك ساقچىخانىلار بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى نۇرمۇھەممەت مۇساباي بۇ ھەقتە جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇپ، گۇاڭجۇ ساقچى دائىرىلىرى تۇتقۇن قىلغان 10 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ تەقدىرىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى «دۇنيا مۇساپىرلار كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن تايلاندتىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

20-ئىيۇندىكى «دۇنيا مۇساپىرلار كۈنى» دە ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى بويىچە ئۈچىنچى بىر بىخەتەر ئەلگە يەرلەشتۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلدى.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى ئۆز باياناتىدا تايلاندتا تۇرۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلار ئەگەر خىتايغا قايتۇرۇلسا، ئۇلارنىڭ تۈرمىگە قامىلىش، تەن جازاسىغا ئۇچراشتەك قىسمەتلەرگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.

ئىگىلىنىشىچە، ھازىر تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلار 70 تىن كۆپرەك بولۇپ، رادىيومىز ئۇلارنىڭ رامىزان ھارپىسىدا ئاچلىق ئېلان قىلغانلىقى توغرىلىق خەۋەر بەرگەن ئىدى.

قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ ئاۋات يېزىسىدىكى نۇرىمانخان ئانىنىڭ ئوغلى ساقچىلار تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەن

ئالدىنقى ھەپتە قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ ئاۋات يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق 72 ياشلىق نۇرىمانخان ئانا ساقچى دائىرىلىرىنىڭ تىنىمسىز سوراق-سوئاللىرى ۋە تەقىبلىرىگە چىدىماي رادىيومىز ئارقىلىق ئۆز دەردىنى دۇنياغا ئاڭلاتقان ئىدى.

بۇ خەۋەر دۇنياغا ئاشكارا بولغاندىن كېيىن خەلقئارا تاراتقۇلاردا ئۇلاپ بېسىلىپ، كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلغان ئىدى. ھالبۇكى، يەرلىك ساقچى دائىرىلىرى ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك تەدبىر قوللىنىپ، 22-ئىيۇن كۈنى 72 ياشلىق نۇرىمانخان ئانىنىڭ چوڭ ئوغلى مەمەت ئەزىزنى ئۆز ئۆيىدىن تۇتۇپ كەتكەن.

نۇرىمانخان ئانا بىلەن ئۇنىڭ نورۋېگىيەدە تۇرۇشلۇق ئوغلى تۇرغۇنجان ئەمەت بۇ ۋەقەنى دەلىللىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئاۋات يېزىسىدىكى يەرلىك دائىرىلەر بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى.