2016.06.23

23‏-ئىيۇن كۈنى، چىڭخەينىڭ شىنىڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا سوتى ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ سابىق سېكرېتارى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى جىنىڭ پارىخورلۇق دېلوسىنى كۆرۈپ چىقتى.

سوتتا، جاۋابكار، ئۇنىڭ ئادۋوكاتى ۋە تەپتىش ئەمەلدارى ئۆزلىرىنىڭ پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن. تەپتىش ئەمەلدارى مەھكىمىگە لى جىنىڭ 1996‏-يىلدىن2013‏-يىلغا قەدەر ھوقۇق تۇتۇپ تۇرغان 17 يىل جەريانىدا 13 مىليون 190 مىڭ سوم پارا ئالغانلىقىغا دائىر دەلىللەرنى سۇنغان.

لى جى 2009‏-يىلى ئۈرۈمچى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ 2‏-كۈنى خەلق مەيدانىغا توپلانغان خىتاي نامايىشچىلىرىغا نۇتۇق سۆزلەپ، ئۇلارنى ئۇيغۇرلاردىن ئۆچ ئېلىشقا قۇتراتقۇلۇق قىلغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ بىرى ئىدى.

ئۇ، شۇ چاغدا «يوقالسۇن رابىيە قادىر » دەپ شوئار توۋلىغان ھەم ھۆكۈمەت ۋە ئارمىيە خىتاي خەلقىنىڭ ئارقىسىدا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

بۈگۈنكى سوت دەل «5-ئىيۇل ۋەقەسى»نىڭ ھارپىسىغا توغرا كەلدى. ئۇ، «5-ئىيۇن ۋەقەسى»دىن كېيىن ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ  سېكرېتارلىقىدىن قالدۇرۇلۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا يۆتكىۋېتىلگەن ئىدى.

بۈگۈنكى سوتتا لى جى ئۆزىنىڭ پارىخورلۇق جىنايىتى سادىر قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان ھەم بۇنىڭدىن پۇشايمان قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.