2016.06.13

بۈگۈن ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتى تىبەتنىڭ دىنىي داھىسى دالاي لاما ئۈچۈن ئاممىۋي لېكسىيە ئۇيۇشتۇرغان. بۇ لېكسىيەگە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىدىن نەنسىي پېلوسى، ئاتاقلىق سەنئەتكار رىچارد گېر قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىممۇ شەرەپ مېھمىنى سۈپىتىدە تەكلىپ قىلىنغان. يىغىندا رابىيە خانىمغا ھەمراھ بولغان سىياسىي پائالىيەتچى ئۆمەر قانات ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رابىيە خانىم بۇ يىغىن پۇرسىتىدە يىغىنغا قاتناشقان بىر قىسىم ئامېرىكا دۆلەت ئەربابلىرى ۋە ئاممىۋىي تەشكىلات رەھبەرلىرى بىلەن ئايرىم سۆھبەتلىشىپ، تايلاندىكى مۇھاجىر ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ۋە ئۇلارنى خەتەرلىك ئەھۋالدىن قۇتۇلدۇرۇش ھەققىدە ياردەم سورىغان ۋە بىر قىسىم ئىجابىي جاۋابلارغا ئېرىشكەن.

دالاي لامانىڭ «تىنچلىق ئېڭى ۋە زامانىۋىي ئاڭ» دېگەن تىمىدىكى بۈگۈنكى بۇ لېكسىيەسىگە 5000 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان. دالاي لاما لېكسىيەدىن كېيىن رابىيە خانىم بىلەن ئالاھىدە كۆرۈشۈپ ئۇيغۇر ۋە تىبەت ۋەزىيىتى ھەققىدە ئەھۋاللاشقان.