2016.06.10

د ئۇ ق ۋە گېرمانىيە خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى جۈمە كۈنى گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلغا ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، مېركېلنى ئۇنىڭ خىتاي زىيارىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى ۋە خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىرغان.

مېركېلنىڭ خىتاي زىيارىتى 12‏-ئىيۇن باشلىنىدۇ. ئوچۇق خەت د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بىلەن گېرمانىيە خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى ئۇلرىخ دېلئىۇسنىڭ نامىدىن يېزىلغان.

ئوچۇق خەتتە، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە دىنىي ئېتىقادى خىتاي ئاساسىي قانۇنىدا قوغدالسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت ۋە دىنىي چەكلەش سىياسىتىنىڭ ئېغىر بېسىمىدا ئېزىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ھەمدە مېركېلنىڭ بۇ سەپىرىدە گېرمانىيە ۋەكىللىرىنىڭ «شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ، ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ، پارتىيە كادىرلىرىنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلەش خىتاينىڭ ئۆز ئاساسىي قانۇنىغا خىلاپ» ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى تەلەپ قىلغان.

ئوچۇق خەتتە يەنە، گېرمانىيە ۋەكىللىرىنى ئىلھام توختى مەسىلىسىنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئادۋوكاتلارنى، كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىنى، پائالىيەتچىلەرنى باستۇرۇشىدىن، چەتئەل ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنى باشقۇرۇش قانۇنىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى كۈنتەرتىپكە قويۇشقا چاقىرغان.