
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تەشەببۇسى بىلەن پاكىستاندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى ئۆتكەن يىلى ئافغانىستاننى زىيارەت قىلىپ، ئۇ يەردىكى ئىككىنچى ئەۋلاد مۇھاجىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ئېنىقلىغان ۋە ئۇلارنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئەتراپىغا ئۇيۇشتۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت ئىشلىگەن ئىدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئافغانىستاندىكى 2-ئەۋلاد ئۇيغۇر ياشلىرىدىن ئەكبەر مارىن قاتارلىق بىر تۈركۈم ياشلار، دەسلەپكى قەدەمدە ياشلار جامائىتى شەكلىدە تەشكىللىنىپ ئۆتكەن ھەپتە مازارىشېرىپتا بىر ئىشخانا ئاچقان.
بۇ ھەقتە مەلۇمات بەرگەن پاكىستان ۋە ئافغانىستاندىكى ئىككى نەپەر ئۇيغۇر پائالىيەتچى، مەزكۇر ئىشخانىنىڭ ئېچىلىشىنى ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۆز مىللىي كىملىكلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە مىللىي ھەرىكەتكە قېتىلىش سەپىرىدە بېسىلغان بىر قەدەم دەپ تونۇشتۇردى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسىنى ئاڭلىغايسىلەر.