24-ماي كۈنى دۆلەت مەجلىس بىناسىدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان «خىتاينىڭ سوزۇلغان قولى: 89-يىلدىكى تيەنئەنمىن ۋەقەسىدىن بۈگۈنگە قەدەر تەنقىدچىلەرگە يەر شارى خاراكتېرلىك زەربە بېرىش ھەرىكىتى» ناملىق يىغىن ئېچىلدى. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ مۇۋەققەت رەئىسى ئېلشات ھەسەن خىتاينىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا ۋە ئۇلارنىڭ ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا قارىتا قىلىۋاتقان بېسىمى ھەققىدە ئىسپات بەردى.
ئېلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر يىغىندا ئۇ، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى مۇخبىرى شۆھرەت ھوشۇرنىڭ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ۋە ئۆزىنىڭ ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قىلىنغان تەھدىت ۋە بېسىملار ھەققىدە توختالغاندىن باشقا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى دولقۇن ئەيسانىڭ ئۆتكەن ئايدا خىتاينىڭ بېسىمى سەۋەبلىك ھىندىستاندا ئېچىلىدىغان يىغىنغا بېرىش سالاھىيىتىنىڭ بىكار قىلىنىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.
مەلۇم بولۇشىچە مەزكۇر يىغىندا يەنە، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىدىن گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ مۇخبىرى ژۇرنالىست سۇ يۈتۇڭ، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان خوڭكوڭلۇق كىتاب سودىگىرى گۈي مىڭخۇانىڭ قىزى ئانجىلا گۈي، ئامېرىكىدا پاناھلىقتا ياشاۋاتقان خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى تېڭ بياۋ قاتارلىقلارمۇ ئىسپات بەرگەن.