دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئالدىنقى كۈنى رادىيومىزنىڭ خىتايچە بۆلۈمىگە بايانات بېرىپ، تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېننىڭ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
تەيۋەندە دېموكراتىيە ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ قايتا ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەنلىكىنى، تەيۋەن خەلقىنىڭ ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە ساھەسىدە قازانغان نەتىجىلىرىنىڭ بىر نامايەندىسى دەپ مەدھىيىلىگەن رابىيە خانىم، پرېزىدېنت سەي يىڭۋېننى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى كۆزىتىشكە، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە؛ شۇنداقلا دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك جەھەتتە خىتايغا ئىجابىي نۇقتىدىن تەسىر كۆرسىتىشكە دەۋەت قىلدى. رابىيە خانىم يەنە، دۇنيا ۋە ئالاقىدار رايوننىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن سەي يىڭۋېننىڭ خىزمەتلىرىگە ئۇتۇق تىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.