د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم 20-ماي بايانات ئېلان ئىلىپ، تەيۋەننىڭ يېڭى پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېننى تەبرىكلىدى. ئۇ باياناتىدا، پرېزىدېنت سەي يىڭۋېننىڭ ئۆز تەسىر كۈچىنى قوللىنىپ، خىتاينىڭ دېموكراتىيەلىشىشىدە ئاكتىپ رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلدى.
تەيۋەن دېموكراتىيە ئالغا پارتىيەسى رەھبىرى سەي يىڭۋېن جۈمە كۈنى قەسەم بېرىپ، پرېزىدېنت ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالغان ئىدى. رابىيە قادىر خانىمنىڭ باياناتىدا تەكىتلىشىچە، ئۇيغۇر مىللىتى ئۇچراۋاتقان بۇزغۇنچىلىق ھازىر ئاسىيا ۋە خىتاي رايونلىرىدىكى ئىنتايىن مۇھىم مەسىلىگە ئايلانغان.
ئۇ: «ئاسىيانىڭ ياكى دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداش، تەيۋەن دېموكراتىك جەمئىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، مەيلى قىسقا مۇددەتلىك ياكى ئۇزۇن مەزگىللىك بولسۇن ئۇيغۇر رايونىنىڭ مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشى زۆرۈر» دېگەن.
رابىيە قادىر خانىم، شۇڭا، پرېزىدېنت سەي يىڭۋېننىڭ دېموكراتىك ھوقۇقىنى قوللىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسى كىشىلىك ھەق-ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تەيۋەن ھۆكۈمىتى ئىلگىرى سابىق پرېزىدېنت ما يىڭجيۇ دەۋرىدە بەزى سىياسىي پارتىيە گۇرۇھلار ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن تەيۋەننى زىيارەت قىلىشىغا ۋىزا بېرىشنى رەت قىلغان ئىدى.