
مەركىزى نيۇ-يوركتىكى ئەلمۇنېر ۋەخپىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە رەھبىرى مۇفتى مۇنېر ئەخمەت ئاخون ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمغا، مەزكۇر جەمئىيەت تەسىس قىلغان «ئۆمۈرلۈك نەتىجە مۇكاپاتى» نى ئۆز قولى بىلەن تاپشۇرۇپ بەردى.
مۇفتى مۇنېر ئۆزىنى «مەن ئۇيغۇر، تېگىم خوتەندىن، بۇ ۋەتەنداشلار، يۇرتداشلار ئۇچرىشىشىدىن ئۆزۈمنى بەك پەخىرلىك ھېس قىلىمەن…» دەپ تونۇشتۇرغاندا، رابىيە قادىر خانىم ئۆزىنىڭ بۇ كۈتۈلمىگەن مۇكاپاتقا قارىغاندا، بۈگۈنكى بۇ يۇرتداشلىق ئۇچرىشىشىدىن بەكرەك ئىپتىخارلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
31-مارت كۈنى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ۋاشىنگتون زىيارىتىگە قارشى بىرلەشمە نامايىش قىلىپ ئىشخانىسىغا قايتقان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم كۈتۈلمىگەن بىر مۇكاپاتنى تاپشۇرۇپ ئالدى. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن رابىيە قادىر خانىم مەركىزى نيۇ-يوركتىكى ئەلمۇنېر ۋەخپىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە ۋە رەھبىرى مۇفتى مۇنېر ئەخمەت ئاخۇن ۋە ئۇنىڭ ئىككى نەپەر ياردەمچىسىنى ئۆز ئىشخانىسىدا قىزغىن كۈتۈۋالدى.
ئۇلار سەمىمىيەت ۋە ھۆرمەت ئىلىكىدە رابىيە قادىر خانىم بىلەن تۇنجى نۆۋەت يۈز تۇرانە كۆرۈشۈشى بولسىمۇ، ئەمما رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھاياتى پائالىيەتلىرىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋە ئۇ جايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان خىزمەتلىرىگە قايىل ئىكەنلىكىنى شۇنداقلا بۇ يولدا ئۇنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ تۆلەۋاتقان مىسلىسىز بەدەللىرىگە چەكسىز ھۆرمەت بىلدۈرىدىغانلىقىنى، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئاسارىتى ئاستىدىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھال ئەھۋالىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
تەشكىلات رەئىسى مۇفتى مۇنىر ئەخمەت بۇ تەشكىلات تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان «ئۆمۈرلۈك نەتىجە مۇكاپاتى» نى ئۆز قولى بىلەن رابىيە قادىرغا تاپشۇرۇپ بېرىش پۇرسىتىگە مۇيەسسەر بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەلمۇنېر فوندىدىن كەلگەن مېھمانلار ئۆزلىرىنىڭ تەشكىلاتى ۋە خىزمەتلىرى ھەققىدە رابىيە قادىر خانىمغا قىسقىچە دوكلات قىلدى.
ئۇلارنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئەلمۇنېر ۋەخپى مۇسۇلمان ئەھلىگە خىزمەت قىلىشنى مەقسەت قىلىپ 2010-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، جەمئىيەت ئامېرىكا ۋە دۇنيا مىقياسىدا مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلام مائارىپىنى كۈچەيتىش، دەۋەت، مۇسۇلمانلارنىڭ ئورنى ۋە ھەق-ھوقۇقلىرىنى، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق، مائارىپ ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن.
جەمئىيەتنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئۆزىدىلا 10 مىڭدىن كۆپ جامائىتى ۋە ئەگەشكۈچىلىرى بار بولۇپ، جەمئىيەت رەئىسى مۇفتى مۇنېر ئەخمەت بولسا، ئامېرىكىدا ۋە ئىسلام دۇنياسىدا تونۇلغان ھۆرمەتكە سازاۋەر ئىسلام ئالىملىرىدىن ئىكەن.
ئۇنىڭ بىر قانچە دىنىي كىتابلىرىدىن باشقا «رەيھان» ۋە «ئەكبەرىې جاھان» تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا مەخسۇس ئىسلام دىنىي دەۋەت ۋە ساۋات پروگراممىسى بار ئىكەن.
فوندىنىڭ خىزمىتىدىن باشقا يەنە ئۇ ئىسلام پەتىۋاچىلار ئۆمىكىنىڭ مەسلىھەتچى ئۆلىمالىرىنىڭ بىرى بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا تەكلىپلىك دەرسلەر بېرىدىكەن.
مۇفتى يەنە نيۇ-يورك شتاتىدا مۇسۇلمانلارنىڭ ھېيتتا بىر كۈن ئارام ئېلىشى قاتارلىق ھەقلىرىنىڭ قانۇنلاشتۇرۇلۇشىدا رول ئوينىغان ئۆلىما بولۇپ، ئۇنىڭ باشقۇرۇشىدىكى ئەلمۇنېر جەمئىيىتى نۆۋەتتە ئامېرىكىنىڭ بوستون شەھىرىدە ئامېرىكا بويىچە تۇنجى ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتى، يېتىم ۋە تۇل، ئىگە-چاقىسىز ئاياللار پاراۋانلىق ئورۇنلىرىنى بىر گەۋدە قىلغان شەھەرچە رايون قۇرۇلۇشى قىلىۋېتىپتۇ ۋە ئۇنىڭ نامىنى «مۇشكى خوتەن» دەپ قويماقچى ئىكەن.
فوندىنىڭ رەئىسى مۇفتى مۇنېر ئەخمەت سەمىمىيەت بىلەن قولىدىكى ئالاھىدە تەييارلاپ كەلگەن ئائىلە نەسەبنامىسىنى رابىيە قادىر خانىمغا سۇنۇپ، «مەن ئۇيغۇر، مېنىڭ يىلتىزىم شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن دىيارىدىن، مېنىڭ ئاتا، بوۋام قاراقاشنىڭ ئىلچى شورباغدىن» دېۋىدى، رابىيە خانىم تېخىمۇ ھەيران بولدى ۋە بەكمۇ سۆيۈندى.
مۇفتى مۇنېر ئۆز ئائىلىسىنىڭ ئۇزاق زامانلاردا ئۇيغۇر ئېلىدىن پاكىستان ۋە ئەرەبىستانلارغا ھىجرەت قىلىپ بېرىپ شۇ جايلارغا جايلىشىپ، كېيىنكى ئۈچ ئەۋلاد چەتئەللەردە ياشاۋاتقان بولسىمۇ، بۇ جەمەتنىڭ نەسەبى «نىياز مۇھەممەت ئۇيغۇر خوتەنى تۈركىستانى» دېگەن ئۇيغۇرلۇق فامىلە نامىنى ساقلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنىڭ گەرچە ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشەلمىسىمۇ، قەلبىنىڭ ۋەتىنىگە تەلپۈنىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە خىزمەت ۋە ياردەمدە بولۇش ئىستىكى بارلىقىنى بىلدۈردى.
ھاياجانلانغان رابىيە قادىر خانىم ئۆزىنىڭ بۇ كۈتۈلمىگەن مۇبارەك مۇكاپاتتىن بەكرەك، يىلتىزىنى ئىزدەپ ئۆزىگىچە ئۇلاشقان بۇ يۇرت سۆيگۈسىدىن قاتتىق تەسىرلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مېھمانلار بىلەن قايتىدىن قىزغىن كۆرۈشتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ھال ئەھۋاللىرى، دىنىي، سىياسىي ئىقتىسادىي جەھەتلەردىكى ۋەزىيەتلىرىگە ئۇزۇن مۇڭداشتى، ھەمكارلىشىش مۇمكىنچىلىكى بار ساھەلەر ئۈستىدە مەسلىھەتلەشتى.
رابىيە خانىم «بۈگۈنكى بۇ مۇبارەك ئۇچرىشىشتىن مەن ئۇيغۇرۇمنىڭ مەيلى نېمە سەۋەبلەردىن نەلەرگە تاراپ كەتمىسۇن، ئۆزىنىڭ يىلتىزىنى ئىزدەيدىغان ۋەتەن سۆيگۈسىنى، يۇرت سۆيگۈسىنى، مىللەت سۆيگۈسىنى يەنە بىر قېتىم چوڭقۇر ھېس قىلدىم» دېدى.