
يېقىندا رادىئومىزدا ئېلان قىلىنغان «ئۇيغۇرلار ئەدەبىيات دەرسلىكىدىكى تېكىستلەرنىڭ ئالماشتۇرۇۋېتىلگەنلىكىگە نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى» ناملىق ماقالىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېڭى مەۋسۇملۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئەدەبىيات دەرسلىكلىرىدە ئۇيغۇر كلاسسىكلىرى ۋە زامانىۋى ئەدىبلىرى ئەسەرلىرىنىڭ ئورنىغا خىتاي كلاسسىكلىرى ۋە ئەدىبلىرىنىڭ تەرجىمە ئەسەرلىرىنىڭ كىرگۈزۈلگەنلىكى ھەققىدە ئېيتىلغان ئىدى.
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قازاقىستانلىق سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «خىتاي ئۆز قانۇنلىرىنى بۇزۇۋاتىدۇ. بۇ ئاتالمىش قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى، مۇشۇ يەردىكى مىللىي سىياسەتنىڭ بىر تارمىقى. بۇ مەسىلىنىڭ يوشۇرۇن مەقسىتى بار، يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى ئەۋلادلىرىنى، كەڭ مەنىدە ئېيتقاندا، مەدەنىيىتىدىن چېكىندۈرۈش، مىللىي روھىنى خىتايلاشتۇرۇش، دەپ ئويلايمەن. ئۇلۇغ چىڭگىز ئايتماتوف دېگەندەك، ياشلارنى ماڭقۇرتلاشتۇرۇش. قوش تىللىق مائارىپنىڭ ئەسلى مەقسىتىمۇ شۇ. تىلىمىزنى خىتايلاشتۇرۇش ئارقىلىق بىر مىللەت سۈپىتىدە كەلگۈسىدە يوق قىلىش.»
ئوتتۇرا ئاسىيادا تونۇلغان ئەدەبىياتشۇناس ئالىم رابىك ئىسمايىلوفنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇرلار، بىرىنچى نۆۋەتتە، دائىم خەلقنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرغان ۋەتەنپەرۋەر مۇتەپەككۇرلىرىنىڭ جاسارىتى، شائىر ۋە يازغۇچىلىرىنىڭ قالدۇرغان ئۇلۇغ مىراسى بىلەن پەخىرلىنىپ كەلگەن.
ئۇ، ئەنە شۇ مىراسنىڭ بولۇپمۇ ياش ئەۋلادلارنى تەربىيىلەشتە مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ، مۇنداق دېدى: «تارىخىي ۋەتىنىمىزدە، مەسىلەن، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ كىتابلىرى چىقتى. ئۇنىڭ ھەر بىر شېئىرى مىللىي روھ، ۋەتەنگە بولغان مۇھەببەت، ئازادلىق ھېسسىياتلىرى بىلەن تولغان. مەن ئويلايمەنكى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، لۇتپۇللا مۇتەللىپ ۋە باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇغان ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ يۈرىكىدە ئۆز ۋەتىنىگە بولغان ئىپتىخارلىق، ئۆز خەلقىگە بولغان غۇرۇر ئويغىنىدۇ. بىزمۇ بۇ دۇنيادىن ئۆتىمىز. بىزدىن نېمە قالىدۇ؟ قالىدىغىنى، مانا شۇ قەھرىمانلىرىمىزنى كۈيلەش، ئۇلارغا يادىكارلىقلارنى ئورنىتىپ، كەلگۈسى ئەۋلادقا ئۆزىمىزنىڭ مىراسىنى قالدۇرۇشتۇر.»
قىرغىزىستاندا ئىستىقامەت قىلىۋاتقان تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى نازىم قەمبىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ باي مەدەنىيىتىگە، ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئەدەبىياتىغا نىسبەتەن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بېسىم سىياسىتى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىزدە لۇتۇن، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، ئۆتكۈر كەبى تالانت ئىگىلىرىنىڭ ئەمگەكلىرىنى دەرسلىكلەردىن چىقىرىۋەتسە نېمە بولىدۇ؟ ئۆز تارىخىنى بىلمىگەن خەلقنى ‹ماڭقۇرت› دەيدۇ. ئۆتمۈشى يوق مىللەتنىڭ كېلەچىكىمۇ يوق. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆتمۈشىمىزنى ھېچ قاچان ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەك. بىزنىڭ ئەدىبلىرىمىز بىر قانچە مىڭ يىللىق تارىخى بار مىللەت سۈپىتىدە بىز بىلەن بىللە بولۇشى كېرەك.»
مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر 300 مىڭدىن كۆپ ئۇيغۇر ياشايدىغان قازاقىستاندا ئاتمىشتىن ئوشۇق ساپ ئۇيغۇر تىلىدا ۋە ئۇيغۇر، رۇس، قازاق تىللىرىدا ئوقۇتۇلىدىغان ئارىلاش مەكتەپلەر مەۋجۇت بولۇپ، ئۇلار ئالمۇتا ۋىلايىتىدىكى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ئونلىغان يېزا ۋە كەنتلەردە ئورۇنلاشقان.
ئۇيغۇرلار قازاقىستاننىڭ ئاساسىي قانۇنى، شۇنداقلا مەملىكەتلىك مائارىپ قانۇنى ۋە قائىدىلىرىنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا بولۇپمۇ تىل ۋە ئەدەبىيات پەنلىرى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ تارىخىنى، مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىش، تىلىنى راۋاجلاندۇرۇش، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ساقلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە. ئۇيغۇر بالىلىرى ئۆز خەلقىنىڭ ئونلىغان مەشھۇر كلاسسىكلىرى ۋە ئاتاقلىق شائىر-يازغۇچىلىرىنىڭ ئىجادى بىلەن يېقىندىن تونۇشماقتا.
ئىگىلىشىمىزچە، پۈتكۈل دۇنيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداشتا رابىيە قادىر باشلىق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇھىم رول ئوينىماقتا. ق. غوجامبەردى ئەنە شۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ مەسىلىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۈرگۈزۈۋاتقان قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى بىلەن بىللە خەلقئارا تەشكىلاتلارغا يەتكۈزۈشى لازىملىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ، مۇنداق دېدى: « د ئۇ ق خەلقئارادىكى زىيالىيلارنى، كەڭ ئاممىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ دوستلىرىنى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىگە سەپەرۋەر قىلىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا قانۇنلارغا رىئايە قىلىشىنى تەلەپ قىلىشى كېرەك.»