rabiye-qadir-turmidin-azad.jpgئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى بىلەن خىتاي تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلىپ ئامېرىكا كەلگەن ۋاقتى. 2005-يىلى 17-مارت، چىكاگو.

 RFA

rabiye-tom-lantos-2015-mukapat-2.jpg

دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنىدە، رابىيە قادىر خانىمنىڭ لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىنى تاپشۇرۇپ ئېلىش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2015-يىلى 10-دېكابىر، ۋاشىنگتون.

ئۆزىنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىن ئازاد بولغانلىقىنىڭ 11-يىللىق خاتىرىسى مۇناسىۋىتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، ئۆزىنىڭ ئەركىنلىككە چىقىپ ئامېرىكا تۇپرىقىغا تۇنجى قەدىمىنى ئالغان چاغدىكى ھاياجانلىق مىنۇتلارنى ۋە رادىئومىزغا قىلغان تۇنجى ئەركىن باياناتىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

خىتاي ھۆكۈمىتى رابىيە خانىمنىڭ خەلقئارادىكى پائالىيەتلىرىنى چەكلەش ۋە ئاۋازىنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى تۈرمىلەرگە قاماپ، ھازىرغا قەدەر ھەر خىل بېسىم ۋە زۇلۇم ئىشلىتىپ كەلمەكتە، ھالبۇكى، خىتاي ئاسارىتى ئاستىدىكى ئائىلىسىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە سورىغان سوئالىمىزغا جاۋاب بەرگەن رابىيە خانىم «شەرقىي تۈركىستاندا قالغان بالىلىرىم، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىم ئوچۇق تۈرمىدە ياشاۋاتقاندەك ياشاۋاتىدۇ، ئۇلارلا ئەمەس، پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقى ئوخشاشلا ئېغىر زۇلۇم ئاستىدا، شۇڭا خىتاينىڭ بۇ بېسىمى پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىمنىڭ ئازادلىقى يولىدىكى مىللىي دەۋادىن مېنى توختىتىپ قالالمايدۇ.» دېگەن بايانلىرىنى قايتىلىدى.

رابىيە خانىم خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بېسىمى بىلەن ئۆزىدەك بىر ئايال سىياسىي جىنايەتچىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنىڭ تارىخىي قىممىتىگە «خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق ھىمايىچىلىرىنىڭ كۈچلۈك بېسىمى بىلەن خىتاينىڭ مەندەك بىر ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسنى مۇددەتتىن بۇرۇن قويۇپ بېرىشى تۇنجى قېتىملىق بىر مۆجىزە، بۇ شۇنداقلا خەلقئارانىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە ھەمدە ئۇلارنىڭ ئەركىنلىك يولىدىكى كۈرەشلىرىگە ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلۈپ، ئېلىپ بارغان ھەرىكىتىنىڭ غەلىبە قىلغانلىقىدەك ئەھمىيەتكە ئىگە، سىمۋوللۇق ۋەقە ئىدى» دەپ باھا بەردى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارا سەھنىدىكى بۈگۈنكى تەسىرى كۈچى ۋە ھەققىدىمۇ توختالدى.

رابىيە قادىر خانىم يەنە: «11 يىل ئىچىدە ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى خىتاينىڭ زۇلۇم سىياسىتى تېخىمۇ ئېغىرلاشتى، ئۇيغۇرلار تېخىمۇ ئېغىر بەدەل تۆلىمەكتە. ئەمما بۇ زۇلۇم كۈچەيگەنسېرى خەلقىمىز تېخىمۇ ئۇيۇشتى ۋە تېخىمۇ ئويغانماقتا. شۇڭا مەن بۇنىڭدىن ئەندىشە قىلمايمەن، چۈنكى خەلقىم ئويغاق، زۇلۇمدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بەدەل تۆلەشكە تەييار» دېدى.

رابىيە قادىر خانىم يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى كۈچەيتكەن نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە، «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۆلۈمدىنمۇ زور خەتەر ئانا تىلى، دىنى ۋە مەدەنىيىتىدىن ئايرىلىپ قېلىش» دەپ ئوتتۇرىغا قويدى ۋە بۇلارنى قوغداش ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاش بىلەن باراۋەر ئەڭ مۇھىم كۈرەش دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ يەنە ئۇيغۇر مىللىي دەۋاسى ئۇچراۋاتقان رىقابەت ھەققىدە توختالغاندا، ئۇيغۇر مىللىي دەۋاسى ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بارلىق ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە شۇنىڭدەك ئۇيغۇر جامائىتىگە سېلىۋاتقان بۆلگۈنچىلىك، ئالدامچىلىق ۋە ھەر خىل زىيانكەشلىكلىرىگە قارىتا ھوشيارلىقىنى ئاشۇرۇشقا ۋە ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا مىقياسىدا ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ يېڭى بىر باسقۇچقا كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشقا چاقىردى.