
تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ شەھەرلىرىدىن بۇرسادا 19-مارت كۈنى ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى، تۈركىيە ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن تۈركىي مىللەتلەر بىر يەرگە جەم بولۇپ نورۇز بايرىمىنى قۇتلىدى.
ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، ئۇيغۇر سەنئەتچىلەر قاتناشتى. ئۇلار ئۇيغۇر ناخشا-ئۇسسۇللىرىدىن ئۆرنەكلەر كۆرسەتكەندىن سىرت، ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى ئاڭلاتتى.
بۇ بايرام تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە، ئىستانبۇل، ئىزمىر ۋە ئاداناغا ئوخشاش پۈتۈن شەھەرلىرىدە تەنتەنىلىك ئۆتكۈزۈلەتتى. بۇ يىل تېررورلۇق ھۇجۇم كۆپىيىپ كېتىشى تۈپەيلى ئاز ساندا شەھەردە نورۇز قۇتلاندى. بۇلاردىن بىرى بۇرسا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن نورۇز بولدى.
19-مارت كەچ سائەت 7 دە بۇرسا شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن نورۇز بايرىمى پائالىيىتىگە بۇرسا شەھىرىنىڭ باشلىقى رەجەپ ئالتەپە، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى، كۆپ ساندا پارلامېنت ئەزالىرى قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.
ئالدى بىلەن بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان دۇنيا قاراپاپاقلار بىرلىكى رەئىسى تونۇلغان تېلېۋىزىيە پروگراممىچىسى سەيفۇللاھ تۈركسۆي ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقى قىلىپ، تۈرك دۇنياسىنىڭ شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ نورۇز بايرىمىنى قۇتلىغان ۋە بۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈش مەقسىتى ھەققىدە توختالغان.
ئارقىدىن بۇرسا شەھەر باشلىقى رەجەپ ئالتەپە ئەپەندى، تۈركلەرنىڭ 5 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە قەدىمىي بايرىمى بولغان نورۇز بايرىمىغا ساھىبخانىلىق قىلغانلىقىدىن ئۆزىنى بەختلىك ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ پائالىيەتنىڭ تۈركىي خەلقلەرنىڭ بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەندىن كېيىن تۈرك دۇنياسىنىڭ نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلىگەن.
پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان قاراپاپاقلار بىرلىكى رەئىسى سەيفۇللاھ تۈركسۆي ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىلەر بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
سەيفۇللاھ تۈركسۆي ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلىگەندىن كېيىن بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمغا ھۆرمەت ۋە ئېھتىرامىمنى بىلدۈرىمەن. بىز تۈركىيەدە تېررورلۇق ھۇجۇم كۈچەيگەن بىر مەزگىلدە نورۇز بايرىمىنى قۇتلىدۇق. قۇتلىشىمىز كېرەك ئىدى، چۈنكى نورۇز بىز تۈركلەرنىڭ 5 مىڭ يىللىق بايرىمى. بىز تۈركىي مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى قېرىنداشلىقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تۈركىيە قاراپاپاق تۈركلىرى بىرلىكى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇرسا شەھىرىدە نورۇز پائالىيىتى ئۆتكۈزدۇق. بۇ پائالىيەتكە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن تۈركىي مىللەتلەردىن مۇھىم شەخسلەر، پارلامېنت ئەزالىرى، زىيالىيلار، ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە سەنئەتچىلەر قاتناشتى. سەنئەتچىلەر ناخشا، مۇزىكا ۋە ئۇسۇللاردىن ئۆرنەكلەر كۆرسەتتى. ناھايىتى ياخشى ئۆتتى.»
سەيفۇللاھ تۈركسۆي ئەپەندى مىڭ ئەتراپىدا كىشى ئىشتىراك قىلغان نورۇز پائالىيىتىدە شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ھەققانىي دەۋاسىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىز بۇ پائالىيەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا، بىز تۈركىيە ۋە تۈركىيەنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلغان قاراپاپاق تۈركلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ھەققانىي دەۋاسىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىمىزنى، قەيەردە ئېزىلگەن، زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان مەزلۇم بىر قېرىندىشىمىز بولسا، بىز ئۇلارغا ياردەم قىلىدىغانلىقىمىزنى تەكىتلىدۇق. بۇ ھېسسىيات بىلەن نورۇز بايرىمى مۇراسىمىمىزنى ئاخىرلاشتۇردۇق.»
بۇرسادا ئۆتكۈزۈلگەن تۈرك دۇنياسى نورۇز فېستىۋالىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن نۇتۇق سۆزلىگەن سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ئۆزىنىڭ پۈتۈن نورۇز ئەھلىگە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ سالىمىنى يەتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالغانلىقىنى تەكىتلىدى.
سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى نورۇز مۇراسىمىدا قىلغان نۇتقىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تېررورنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان تۈرك خەلقىگە سەۋر تىلەيدىغانلىقىنى، تېررورغا لەنەت ئوقۇيدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەنلىكىنى بايان قىلدى.
قاراپاپاقلار كافكازىيەدە ياشايدىغان بىر تۈركىي مىللەت بولۇپ، تۈركىيەنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدىمۇ مەۋجۇت. قاراپاپاقلار بۇندىن ئىككى يىل بۇرۇن قاراپاپاقلار بىرلىكىنى قۇرۇپ پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا.