د ئۇ ق 18-مارت رابىيە قادىر خانىم تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەنلىكىنىڭ 11 يىللىق خاتىرە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جامائەتنى «شەرقىي تۈركىستاندا كىشىلىك ھوقۇقنى ئالغا سۈرۈشنى قوللاش» قا چاقىردى.
د ئۇ ق نىڭ باياناتىدا، ئۇنىڭ خەلقئارا بېسىمدا تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن بىردىن-بىر ئۇيغۇر مەھبۇس ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلىپ، ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشى، ئۇيغۇر دېموكراتىيە ھەرىكىتىدىكى ئىزچىل يېتەكچىلىك رولى «خىتاينىڭ ئىچى – سىرتىدا ئادالەت، دېموكراتىيە ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلارغا زور ئىلھام بولدى» دېيىلگەن.
رابىيە قادىر خانىم 2005-يىلى 17-مارت قويۇپ بېرىلىپ، تۈرمىدىن ئۇدۇل ئامېرىكىغا سۈرگۈنگە يوللانغان ئىدى.
د ئۇ ق باياناتىدا، رابىيە قادىر خانىمنىڭ قويۇپ بېرىلىشى خىتاينىڭ پوزىتسىيەسىگە قارشى خەلقئارا ئومۇمىي تىرىشچانلىقنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، بۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ياۋروپا ئىتتىپاقى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇ مەسىلىنى خەلقئارا جامائەتكە ئىزچىل، ئۈنۈملۈك يەتكۈزۈپ، قارار چىقىرىش، خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا خەت يېزىش نەتىجىسىدە ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى تەكىتلىگەن.
د ئۇ ق باياناتىنىڭ ئاخىرىدا: «خەلقئارا جامائەت بىرلىشىپ ئىزچىل شەرقىي تۈركىستاندا كىشىلىك ھوقۇقنى ئالغا سۈرۈشنى قوللىشى كېرەك… بىز ھەرىكىتىمىزنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، خىتايغا ئۇنىڭ قاتتىق قول كەمسىتىش سىياسىتىگە خاتىمە بېرىشى، ئاخىرىدا رايوندا ھەقىقىي تىنچلىق، مۇقىملىقنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن بېسىم ئىشلىتىشىمىز شەرت» دېگەن.