otchachar-ot-chachar-tutqun.jpgخىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك بېسىمىغا چىدىماي، قارشى چىققان ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن ئوتچاچار.

ئۇيغۇر رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن ئالدىنقى كۈنى بېيجىڭدا ئىككى يىغىن داۋامىدا قىلغان سۆزىدە ئۇيغۇر رايونىدا «زوراۋان تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىدە ئازىيىش» بولغانلىقىنى ۋە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنىڭ ئۆسكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بۈگۈن جاڭ چۈنشيەننىڭ بۇ سۆزلىرىگە ئىنكاس قايتۇردى. رابىيە خانىم سۆزىدە ئالدى بىلەن قارشىلىق ھەرىكەتلىرىدە پەسىيىش بولغانلىقىنىڭ گۇمانلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئارقىدىن «ئەگەر بۇ راست بولغان تەقدىردە، بۇ، قارشىلىقنىڭ پەسەيگەنلىكى ئەمەس، شەكلى ئۆزگەرگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى» دېدى. ئۇ يەنە «جاڭ چۈنشيەن ئېلىپ كەلگەن بىردىن بىر يېڭىلىق – ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا ئوتچاچار قوللىنىش» دېدى.

سوئال: ھۆرمەتلىك رابىيە خانىم جاڭ چۈنشيەن ئالدىنقى كۈندىكى سۆزىدە ئۇيغۇر رايونىدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىدە پەسىيىش بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى، سىزچە ۋەزىيەتتە راستىنىلا شۇنداق بىر ئۆزگىرىش بارمۇ؟
جاۋاب: ئالدى بىلەن ۋەزىيەت ھەققىدىكى بۇ مەلۇماتنىڭ توغرىلىقى گۇمانلىق، چۈنكى ھېچقاچان خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقى تۈركىستاندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن خەۋەر قىلمىدى، ھەتتا شەھەردىن-شەھەرگىمۇ بىلدۈرمەي كەلدى. ئەگەر جاڭ چۈنشيەننىڭ ۋەقەلەر ئازايدى دېگىنىنى توغرا دەپ قارىساقمۇ، بۇ ھەرگىز ۋەزىيەتنىڭ ئوڭشالغانلىقىدىن، جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قارشىلىقنىڭ پەسەيگەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، بۇ دېمەك قارشىلىقنىڭ شەكلىدە ئۆزگىرىش بولدى، ۋاقتىدا ئۆزگىرىش بولدى دېگەن گەپ، ئۇرۇش، قارشىلىق قەلبلەردە داۋام قىلىۋاتىدۇ دېگەن گەپ؛ مەنچە كىشىلەرنىڭ ئۆز غەزىپىنى ئاشكارىلاشقا پۇرسەت بولمىغان، ئىچىگە يۇتقان ۋاقتى ئەڭ خەتەرلىك باسقۇچ، تېخىمۇ چوڭ ۋەقەلەرنىڭ چىقىشىدىن بىر بېشارەت دېمەكتۇر.

سوئال: سىز ئۇيغۇر رايونىنىڭ مۇقىملىق ۋەزىيىتىدە ياخشىلىنىش يوق دېگەن چېغىڭىزدا كونكرېت قايسى ئىش ياكى قايسى پاكىتقا ئاساسلىنىسىز؟
جاۋاب: ئالدى بىلەن ئىنسان تەبىئىتى. ئۇرۇش، سوقۇش، باستۇرۇش بىلەن بىر ئىنساننىڭ قەلبىنى ئۇتقىنى بولمايدىغانلىقى، نارازىلىقىنى ئۇنتۇلدۇرغىنى بولمايدىغانلىقى بىر رېئاللىق. جاڭ چۈنشيەن دەۋرىدە يەركەن ۋەقەسىگە ئوخشاش چوڭ قەتلىئاملار يۈز بەردى، بۈگۈر ئىسياندەك چوڭ ئىسيانلار ئوتتۇرىغا چىقتى، مارالبېشى ۋەقەسى، لۈكچۈن ۋەقەسى، قەشقەر تاختا كۆۋرۈك ۋەقەسى، باي كۆمۈركان ۋەقەسى قاتارلىق دۇنياۋى تەسىر پەيدا قىلغان قانلىق ۋەقەلەر يۈز بەردى، بۇ ۋەقەلەرنىڭ مىڭلارچە كىشى ئۆلدى، يارىلاندى، تۈرمىلەرگە تاشلاندى. بۇنچىۋالا زور ۋەقەلەردىن كېيىن، بۇنچىۋالا پاجىئەلەرنى باشتىن كەچۈرگەن، ئادالەت ئۈچۈن بۇنچىۋالا بەدەل تۆلىگەن بىر مىللەتنى قارشىلىقتىن ۋاز كەچتى ياكى چېكىندى، دەپ قاراش ئەقىلگە ئۇيغۇن ئەمەس.

سوئال: جاڭ چۈنشيەن ھۆكۈمەتنىڭ ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارى ئاشتى دېگىنىگە قانداق قارايسىز؟
جاۋاب: بۇ يەردە كاتتا مۇكاپات سوممىلىرىغا ياكى ساختا تەقدىرنامىلىرىگە تايىنىپ تۇرۇپ ئۇيغۇرلاردىن مەنپەئەتپەرەس كىشىلەرنى ئۆزىگە تارتىش، ئاتارمەن -چاپارمەنلەرنى توپلاش ۋە پايلاقچى، ماراقچىلاردىن قولغا كەلتۈرۈش تەجرىبىسىنىڭ ئاشقانلىقىنى كۆزدە تۇتقان بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئۇنداق مەنپەئەتپەرەس كىشىلەر دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدە ھەرقانداق مىللەتتە بار، ئەمما سانى كۆپ سانلىق ئەمەس، بىر جەمئىيەتنىڭ يۈزلىنىشىنى ۋە تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان كۈچتە ئەمەس. شۇڭا بۇ يەردە جاڭ چۈنشيەن ھېسابنى خاتا سوقۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. يەنە بىرى ئەگەر خىتاي يېقىنقى ۋەقەلەردە قوللانغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە ئوتچاچارلارنى ئىشلىتىشنى كۆزدە تۇتۇۋاتقان بولسا، بۇ ۋەھشىيلىكنىڭ ئۇيغۇر قارشىلاشقۇچىلارنى كەينىگە چېكىندۈرەلمەيدىغانلىقى ئېنىق، چۈنكى نۆۋەتتە زۇلۇمغا قارشى قولىغا قورال ئالغانلارلا ئەمەس، ھەتتا قولىغا قەلەم ئالغانلارمۇ، ئۆلۈمگە ئۆزىنى ھازىرلاپ تۇرۇپ قەدىمىنى بېسىۋاتىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرلار ئۆلۈمدىن قورقۇش باسقۇچىدىن ئۆتۈپ كەتكىنى خېلى يىللار بولدى، بۇ نۇقتىدىمۇ جاڭ چۈنشيەن ئازغىشىپتۇ.

سوئال: جاڭ چۈنشيەن بۇ سۆزلىرى ئارقىلىق خىتاي خەلقى ياكى دۇنياغا قانداق سىگنال بەرمەكچى سىزچە؟
جاۋاب: ھەممىگە مەلۇم، جاڭ چۈنشيەن 5-ئىيۇل ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن ۋەزىيەتنى ئوڭلاش ئۈچۈن يەنى ۋاڭ لېچۈەن پەيدا قىلغان جاراھەتنى ئوڭلاش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن. ئۇ دەسلەپتە «قاتتىق قول ئەمەس، مۆتىدىل خاراكتېرلىك ئەمەلدار» دەپ تەرىپلەنگەن. ئەمما جاڭ چۈنشيەن تەيىنلەنگەندىن كېيىن ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش بولمىدى قارشىلىق ھەرىكەتلىرى نەچچە ھەسسە كۈچەيدى، يەنى جاڭ چۈنشيەندىن مەركەزنىڭ كۈتكەن ئۈمىدى ئاقلانمىدى، رايوننى باشقۇرۇشتا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى. جاڭ چۈنشيەن دەل ئاشۇ مەغلۇبىيىتىنى يوشۇرۇش ۋە پەردازلاش ئۈچۈن يۇقىرىقى باياناتىنى بەردى دەپ قارايمەن. ئەسلىدە بۇ يەردىكى مەسىلە جاڭ چۈنشيەننىڭ باشقۇرۇش ئىقتىدارىدىكى مەسىلە ئەمەس، خىتاي مەركىزى ۋە رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقى تۈركىستان بېسىۋېلىنغاندىن كېيىنكى ئىجرائاتلىرىنىڭ نەتىجىسى، رايوندا تىنچلىق رەھبەر ئالماشتۇرۇش بىلەن ئەمەس، مۇستەملىكىچىلىككە خاتىمە بېرىلىش بىلەن پەيدا بولىدۇ.

سوئال: جاڭ چۈنشيەن دەۋرىدە يۈز بەرگەن ئۆزگىرىش سۈپىتىدە نېمىلەرنى كۆرسىتەلەيسىز؟
جاۋاب: قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى بېسىقتۇرۇشتا، قورالسىز ئاممىنى باستۇرۇشتا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە ئوتچاچار قوللىنىش جاڭ چۈنشيەن ئېلىپ كەلگەن بىردىن بىر يېڭىلىق.

سوئال: بۇ پۇرسەتتە جاڭ چۈنش يەن ۋە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىگە بىر چاقىرىق ياكى تەشەببۇسلىرىڭىز بارمۇ؟
جاۋاب: مەن خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئۆزىنى، خىتاي خەلقىنى ۋە دۇنيانى ئالدىماسلىققا، ئەڭ مۇھىمى مىللەتلەر ئارا مۇناسىۋەتتە تېخىمۇ چوڭ ھاڭلارنى پەيدا قىلماسلىققا، مىللەتلەر ئارا ئاللىقاچان شەكىللىنىپ بولغان ئۈچ-ئاداۋەت زىددىيەتنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا تېخىمۇ زورايتىپ ئۇلغايتىپ ئامانەت قالدۇرماي، سەمىمىي بولۇپ، ئىنسانىيلىققا قايتىپ، تېز ۋە ئۈنۈملۈك ھەل قىلىشنىڭ يولىنى تېپىشقا دەۋەت قىلىمەن. مانا بۇ مىللەتلەر مۇناسىۋىتى مەسىلىسىدە ھەقىقەتەن، يىراق مەنپەئەتنى، ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى كۆزلىگەنلىك بولىدۇ، بىر مىللەتنى باستۇرۇپ يوقىتىۋېتىشتىن ئىبارەت ئوتتۇرا ئەسىر زېھنىيىتىنىڭ بۈگۈنكى دەۋردە كارغا كەلمەيدىغانلىقىدەك رېئاللىقنى ئېتىراپ قىلىشقا دەۋەت قىلىمەن.