2016.03.10

جەنۋەدە بۇ جۈمە كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان نوبېل مۇكاپاتى ساھىبلىرىنىڭ سۆھبەت يىغىنىغا دالاي لامانىڭ قاتنىشىپ سۆز قىلىدىغانلىقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قارشىلىق قىلىشىغا ئۇچرىدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى مەزكۇر يىغىنغا ئىشتىراك قىلىدىغان دېپلوماتلار ۋە ب د ت ئەمەلدارلىرىغا مەكتۇپ يوللاپ ئۇلارنى بۇ پائالىيەتكە قاتناشماسلىققا چاقىرغان.

ئۇلار خېتىدە، دالاي لامانىڭ بۇ يىغىنغا چاقىرىلىشىنى خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا قىلىنغان دەپسەندىچىلىك دەپ قارايدىغانلىقىنى، دالاي لامانىڭ ھەرقانداق بىر دۆلەتتە، ھەرقانداق ئۇسلۇب ۋە نامدىكى بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ مەكتۇپ 8-مارت كۈنى يېزىلغان بولۇپ، ئۇ دەل ئامېرىكا ۋە كانادانىڭ بۇ يىغىننى قوللىغۇچى دۆلەت ئىكەنلىكى ئېلان قىلىنغان كۈن ئىكەن. يىغىننى ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇن بولغان «جەنۋە گرادۇېيت ئىنستىتۇتى» باشلىقى فىلىپ بۇررىن رويتېرس مۇخبىرىغا قىلغان سۆزىدە، بۇ ھەقتە نۇرغۇن بېسىم كەلگەنلىكىنى، بىراق بۇ يىغىننىڭ بىكار قىلىنمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بىلدۇرىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇندىن ئىلگىرىمۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە باشقا دۇق ۋەكىللىرىنىڭمۇ مۇشۇ خىلدىكى يىغىنلارغا قاتنىشىشىنى چەكلەش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان ئىدى.