«8-مارت خەلقئارا خانىم-قىزلار بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەگە جايلاشقان غازى ئۇنىۋېرسىتېتىدا چاقىرىلغان «خەلقئارا دۇنيا ئاياللار بايرىمى» ناملىق يىغىندا ئۇيغۇر خانىم-قىزلار مەسىلىسى نۇقتىلىق ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
8-مارت كۈنى ئەتىگەن سائەت 10 دا باشلانغان يىغىنغا ئالاھىدە تەكلىپ بويىچە ھازىر جەنۇبىي ئافرىقىدا ياشاۋاتقان ئەلا گەندى خانىم، جەنۇبىي كورېيەدىن پروفېسسور دوكتور گاپ ھەئە كو، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ئىنسان ھەقلىرى قەھرىمانى مارىنا پىسكلاكوۋا خانىم، ئەزەربەيجاندىن سىئانا جافاروۋا خانىم، تۈركىيەدىن پروفېسسور دوكتور ئايلىن گۆرگۈن باران ۋە پروفېسسور دوكتور سۇنا باشاق خانىملار قاتناشتى ۋە دۇنيادىكى خانىم-قىزلارنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقلىرى توغرىسىدا دوكلات بەردى. يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىممۇ ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇ يىغىنغا بىۋاسىتە قاتنىشالمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ مەزكۇر يېغىن ئۈچۈن تەييارلانغان ۋىدېئولۇق نۇتقى قويۇلدى.
ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ 6-7 يۈز ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان غازى ئۇنىۋېرسىتېتى مۇدىرى پروفېسسور دوكتور سۇلايمان بۈيۈكبەربەر ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقىدا ئۇيغۇر تۈركلىرىدىن رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۈرك دۆلىتىگە كىرەلمەسلىكىنىڭ ناھايىتى ئەپسۇسلىنارلىق بىر ئەھۋال ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «ھەممىڭلارغا مەلۇم، رابىيە قادىر خانىم بۇرۇن ئۇنىۋېرسىتېتىمىزدا چاقىرىلغان بىر يىغىندا تېلېفون ئارقىلىق دوكلات بېرىپ ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتقان ئىدى. ئۇ زاماندا ئاڭلىغان ئىدۇق. ئەپسۇسكى ۋىزا ئالالمىغانلىقى ئۈچۈن قاتنىشالمىدى. بىر تۈرك تۈركىيەگە كېلىش ئۈچۈن ۋىزا ئالالمىدى. بۇ ئەپسۇسلىنارلىق بىر ئىش. رابىيە قادىر خانىمنى ھەممىمىز تونۇيمىز، ئامېرىكىدا ياشايدۇ. بۈگۈن يىغىنىمىزدا يوق. ئۇ ۋەكىلىنى ئەۋەتتى. ئۇ، رابىيە قادىر خانىم نامىدىن دوكلات بېرىدۇ. بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى مۇھىم شەخسلەر.»
سۇلايمان بۈيۈكبەربەر ئەپەندى 8-مارت دۇنيا ئاياللار بايرىمىنىڭ روھىغا مۇۋاپىق شەكىلدە بۇ يىغىندا خانىم-قىزلارنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقى شۇنداقلا ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى توغرىسىدا دوكلاتلار بېرىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «يىغىننىڭ مەقسىتى بۈگۈننىڭ روھىغا مۇۋاپىق ھالدا خانىم-قىزلارنىڭ ھەقلىرىنى، باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا ئىنسان ھەقلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش. ئىنسانلارنىڭ ئاڭ سەۋىيەسى ئۆسكەنسېرى، پەزىلەتلىك بولغانسېرى دۇنيا ئەر، ئايال دەپ ئايرىمايدىغان، بىر-بىرىنى كەمسىتمەيدىغان سەۋىيىگە يېتىدۇ. بۇنداق بىر دۇنيا بەرپا قىلغان ۋاقتىمىزدا ئاياللارنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقى توغرىسىدا سۆز قىلىشقا ھاجەت قالمايدۇ دەپ ئويلايمەن. دۇنيادىكى بۇ مەسىلىلەرنىڭ نېگىزىدە نادانلىق بار. ئەگەر دۇنيادا نادانلىق تۈگىسە بۇ مەسىلىلەرمۇ تۈگەيدۇ، دەپ ئويلايمەن. دۇنيادا جىنسىي كەمسىتىش، ئىرقىي كەمسىتىشلەر تۈگىشى كېرەك.»
ئارقىدىن «خەلقئارا دۇنيا ئاياللار بايرىمى» تېمىسىدا چاقىرىلغان خەلقئارالىق يىغىننىڭ كۈن تەرتىپىگە بىنائەن جەنۇبىي ئافرىقىدىن كەلگەن ئەلا گەندى خانىم سۆز قىلدى. ئۇ، ئافرىقا دۆلەتلىرىدىن ئىرقىي كەمسىتىشنىڭ تارىخى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، دۇنيادىكى بولۇپمۇ ئافرىقا دۆلەتلىرىدىكى ئەر-ئايال تەڭسىزلىكىنى يوق قىلىشنىڭ يوللىرى توغرىسىدىكى كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.
يىغىندا داۋامىدا يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ۋىدېئوغا تارتىپ ئەۋەتكەن نۇتقى يىغىن ئەھلىگە قويۇپ بېرىلدى. رابىيە قادىر خانىم ئالدى بىلەن بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان غازى ئۇنىۋېرسىتېتى رەھبەرلىرىگە رەھمەت ئېيتقاندىن كېيىن، ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى دۇچار بولۇۋاتقان ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.
رابىيە خانىم نۇتقىدا پۈتۈن دۇنيا خەلقىنى شۇنداقلا تۈرك خەلقىنى ئېزىلىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىگە ياردەم قىلىشقا چاقىردى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ نۇتقىدىن كېيىن رابىيە خانىمغا ۋاكالىتەن مەزكۇر يىغىنغا قاتناشقان ئۆمەر قانات ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇ رابىيە قادىر خانىم نامىدىن «خىتاي ھۆكۈمىتى بېسىمى ئاستىدىكى ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى ۋە مەزكۇر بېسىم سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە ئېلىپ كېلىۋاتقان تەسىرى» تېمىسىدا دوكلات بەردى.
ئۇ، دوكلاتىدا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە تارىختىن بېرى، ئاماننىساخان ۋە نۇزۇگۇملارغا ئوخشاش قەھرىمان ئاياللارنىڭ يېتىشكەنلىكىنى، بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ دۇنيانىڭ ھېچقانداق جايىدا مەۋجۇت بولمىغان مىسلىسىز زۇلۇم ۋە بېسىمغا دۇچار بولۇۋاتقانلىقىنى، تۇغۇش، دىنغا ئېتىقاد قىلىش، ئانا تىلىدا سۆزلەش، ئوقۇش ۋە ساياھەت قىلىش، ئەركىن سۆزلەش ھەق ۋە ھوقۇقىغا ئىگە ئەمەسلىكىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
«8-مارت خەلقئارا خانىم-قىزلار بايرىمى» بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان خەلقئارا بايرام. بۇ بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن «خەلقئارا دۇنيا ئاياللار بايرىمى» تېمىسىدا چاقىرىلغان خەلقئارالىق يىغىندا نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇر خانىم-قىزلار مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، 2009-2012-2013-يىللىرى غازى ئۇنىۋېرسىتېتىدا چاقىرىلغان ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى يىغىنلارغا تېلېفون ئارقىلىق قاتنىشىپ دوكلات بەرگەن ئىدى.