duq-washington-dc-2016-parizh-parij-qurultay.jpgدۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇھىم رەھبەرلىرى ۋاشىنگىتوندا ئۇچراشتى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇھىم رەھبەرلىرى 28 – فېۋرالدىن 1 – مارتقا قەدەر ۋاشىنگتوندا ئۇچرىشىپ، 5 – نۆۋەتلىك قۇرۇلتاينى پارىژدا ئېچىشنى قارار قىلغاندىن كېيىن، مۇخبىرىمىز بۈگۈن قۇرۇلتاي رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنى زىيارەت قىلىپ، بۇ قېتىمقى يىغىن ۋە پارىژدا ئېچىلغۇسى قۇرۇلتاي ھەققىدە مەلۇمات سورىدى. رابىيە خانىم 5 – نۆۋەتلىك قۇرۇلتاينىڭ ئەھمىيىتى ۋە پارىژدا ئېچىلىشىنىڭ سەۋەبلىرى ئۈستىدە نۇقتىلىق توختالدى.

سوئال: ئالدى بىلەن 5 – نۆۋەتلىك قۇرۇلتاينىڭ پارىژدا ئېچىلىشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە بىر ئىزاھات بەرسىڭىز.

جاۋاب: پارىژ ئىنقىلاب، ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە جەھەتتىن دۇنيادا ئۈلگىلىك، سىمۋوللۇق شەھەرلەردىن بىرى. بىز ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان بىر تەشكىلات بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بۇ قېتىمقى يىغىننى مانا مۇشۇنداق بىر شەھەردە ئېچىشنى ئۇيغۇن كۆردۇق. ئىككىنچىدىن، ياۋروپادىكى بارلىق تەشكىلاتلىرىمىزغا مۇساپە جەھەتتىن قولاي بولۇشىنى كۆزدە تۇتتۇق. ئۈچىنچىدىن، مۇھاجىرەتتىكى قېرىنداشلىرىمىزغا ئايان بولغاندەك، قۇرۇلتاي ئىجرائىيە كومىتېتى ئەزالىرى 5 – نۆۋەتلىك قۇرۇلتاينى بېرلىندا ياكى ۋاشىنگتوندا ئېچىش مەسىلىسىدە پىكىر ئىختىلاپىغا چۈشتى ۋە بۇ ھەقتە كەسكىن تالاش – تارتىشلار يۈز بەردى. شۇڭا بۇ ئىختىلاپنى ھەل قىلىشتا ئوتتۇرا يولنى تاللاش ئۈچۈن پارىژنى مۇۋاپىق كۆردۇق.

سوئال: بىلىشىمىزچە، قۇرۇلتاي رەھبەرلىرىنىڭ بۇ قېتىم ۋاشىنگتوندا ئۇچرىشىشى بىرئاز ئۇشتۇمتۇت بولدى، دېمەك بۇ ئۇچرىشىشنى ئاساسلىقى ئەنە شۇ سىز دېگەن ئىختىلاپنى ھەل قىلىش ئۈچۈن دېسەك توغرا بولامدۇ؟

جاۋاب: شۇنداق، توغرا بولىدۇ.

سوئال: بۇ ئۇچرىشىش ۋە مۇزاكىرە قانداق ئۆتتى؟

جاۋاب: قۇرۇلتىيىمىزنىڭ ئىچىدىلا ئەمەس، مۇھاجىرەتتىكى بارلىق ئۇيغۇر تەشكىلات ۋە پائالىيەتچىلىرى ئارىسىدا سۆزلەشسەكلا كېلىشەلمەيدىغان مەسىلە يوق. چۈنكى ھەممىمىزنىڭ مەقسىتى ۋەتىنىمىزنى ئازاد قىلىش، شەرقى تۈركىستان خەلقىگە ھۆرلۈك ئېلىپ كېلىش، دۈشمىنىمىز ئورتاق. شۇڭا مۇزاكىرىمىز ئۆز – ئارا چۈشىنىش، يول قويۇش، ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتتى. ھەممە مەسىلىدە پىكىر بىرلىكىگە كەلدۇق.

سوئال: ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى كەسكىن تالاش – تارتىشلارنىڭ تەسىرى مۇزاكىرەڭلاردا سايىسىنى كۆرسەتتىمۇ؟

جاۋاب: بارلىق تەشكىلاتچىلىرىمىزنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى پىداكارلىق. چۈنكى بىز مېڭىۋاتقان يولدا شۇ يولدا ماڭغۇچىغا بىر مەنپەئەت يوق. پەقەت جاپا – مۇشەققەت ۋە بەدەل تۆلەش بار. خەلقىمىزنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلاپ، ۋىجدانىمىزغا جاۋاب بېرىش ۋە ئاللانىڭ دەرگاھىغا يۈزىمىز يورۇق بېرىش، بىز بۇ يولدىكىلەرنىڭ كۈچ ۋە ئېنېرگىيە مەنبەسى. شۇڭا بىز ئۆتكەن تالاش – تارتىشلارنىڭ ھېچبىرىنى تەكرارلىماسلىق، پەقەتلا ئالدىمىزغا قاراش ۋە بۇندىن كېيىن نېمە قىلىش ھەققىدە سۆزلىشىش شەرتى بىلەن مۇزاكىرە ئېلىپ باردۇق. شۇڭا مۇزاكىرىمىز كۆڭۈللۈك ۋە نەتىجىلىك ئاخىرلاشتى. مەزكۇر ئىختىلاپقا چۈشكەنلەر ئارىسىدا ئۇتتۇرغان تەرەپ بىلەن بولمىدى، ھەممىمىز ئۇتتۇق.

سوئال: ئېچىلغۇسى 5 – نۆۋەتلىك قۇرۇلتاينىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەرسىڭىز؟

جاۋاب: قۇرۇلتىيىمىز نىزامنامىسى بويىچە قۇرۇلتاي 4 يىلدا بىر قېتىم ئېچىلىدۇ، ئۆتكەن خىزمەتلەرنى خۇلاسىلەيدۇ ۋە كېيىنكى 4 يىللىق پىلان تۈزۈلىدۇ، بۇ نۇقتىدىن نورمال قۇرۇلتاي. ئەمما بۇ قېتىم يۇقىرىدا دېيىلگەن ئىختىلاپ سەۋەبىدىن، قۇرۇلتاي رەھبەرلىك قاتلىمى يېقىنقى 10 يىل ئىچىدىكى زور بىر ئىمتىھانغا دۇچ كەلدى ۋە بۇ ئىمتىھاندىن ئۆتتى. بىر تەشكىلات ئىچىدە ئوخشىمىغان، ھەتتا ئۆكتىچى پىكىرلەرنىڭ بولۇشى بىر ئاجىزلىق ئەمەس، بايلىق. گەپ، ئوخشىمىغان پىكىرلەرنى غايىدىن چەتنىمىگەن، ئاساسلىق دۈشمەننى ئۇنتۇمىغان، ئۆز – ئارا پارچىلىنىشقا يول ئاچمىغان ئاساستا ھەل قىلىش – قىلالماسلىق ئىقتىدارى شۇ تەشكىلاتنىڭ ساپاسىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا دەيمەنكى، قۇرۇلتىيىمىز بارغانسېرى كۈچلىنىۋاتىدۇ، پائالىيەتچىلىرىمىز پىشىپ يېتىلىۋاتىدۇ. بۇ پىشىپ يېتىلىش، بۇ چېنىقىش بۇنىڭدىن كېيىن قۇرۇلتىيىمىزنىڭ شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىقىدىن ئىبارەت بۇ مۇبارەك غايە ئۈچۈن تېخىمۇ چوڭ ۋە تېخىمۇ ئەمەلىي قەدەملەرنى بېسىشىمىزغا كۈچ ئاتا قىلىدۇ.