
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم 17 – فېۋرال چۈشتىن كېيىن ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل ياردەمچى دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى توم مالىنوۋسكىي قاتارلىق بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر تۈرلۈك بېسىملىرىدىن قېچىپ چەتئەللەردە مۇساپىر بولۇۋاتقان، بولۇپمۇ سۈرىيەگە بېرىپ قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاتقان.
د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم پەيشەنبىدىكى بۇ مۇھىم ئۇچرىشىشىدا، ئامېرىكا ۋە خەلقئارانىڭ دىققەت نەزىرىنى خىتايغا قايتۇرۇپ كېتىلگەن ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ ئاقىۋىتىگە ۋە ئۆزىمۇ بىلمەي ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىگە بېرىپ قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا قارىتىشقا چاقىرغان ھەمدە خىتاينىڭ مۇساپىر ئۇيغۇرلارنى ئىسلام دۆلىتىگە ماڭغان، دېگەن سۆزىنى رەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ چەتئەلگە قېچىشىنى خىتاينىڭ سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ قېچىشىغا تۈرتكە بولغان كۈچنىڭ ناتونۇش بولغان ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۇرۇش بولماستىن، بەلكى نەچچە ئون يىللاردىن بۇيان داۋام قىلىپ كەلگەن باستۇرۇش ۋە كەمسىتىش خاراكتېرلىك دۆلەت سىياسىتى، دەپ كۆرسەتكەن.
رابىيە قادىر خانىم بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىدىكى ئوخشىمىغان بۆلۈم ئەمەلدارلىرىغا خىتاينىڭ زۇلۇمىدىن چېقىپ ئوتتۇرا شەرققە قاڭقىپ چىقىپ قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ، سۈرىيە مۇساپىرلىرىغا ئوخشاشلا قۇتقۇزۇشقا موھتاج مۇساپىرلار ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئۇ يەنە ئامېرىكا ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ، ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىگە ئايرىم قارىشىنى ۋە ئۇلارنىڭ خىتاينىڭ زىيانكەشلىكلىرىدىن قۇتقۇزۇشقا موھتاج ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكىنىڭ ئۇلارنىڭ ئۇرۇش ئوتىدا قالغان جايلاردا بىھۇدە قۇربان بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇناسىپ تەدبىر ئېلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
رابىيە قادىر خانىم نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، مۇساپىر ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا ئاڭلىتىش يولىدا دەۋا پائالىيەتلىرىنىڭ كۈچەيتىلگەنلىكىنى، گەرچە بۇ مەسىلىگە قارىتا ھەر قايسى دۆلەت ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئورتاق دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ھەقتە ئېنىق بىر قارار ئېلىنمىغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.