
يېقىندا تەيۋەننىڭ ما يىڭجيۇ ھۆكۈمىتى د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، ئىجرائىيە رەئىسى دولقۇن ئەيساغا ۋىزا بېرىشنى رەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ 18 – فېۋرالدىن 21 – فېۋرالغىچە تەيۋەن تاۋيۈەندە ئۆتكۈزۈلىدىغان «ئاسىيا – تىن چ ئوكيان دىنىي ئەركىنلىك مۇنبىرى» يىغىنىغا قاتنىشىشىنى توستى. ما يىڭجيۇ ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرىكىتى تەيۋەن ئۆكتىچىلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان. بەزى ئۆكتىچىلەر، بۇ يىل 5 – ئايدا تەيۋەن دېموكراتىيە ئالغا پارتىيەسىنىڭ رەئىسى سەي يىڭۋېن ھوقۇقنى ئۆتكۈزۈۋالسا، رابىيە قادىر قاتارلىق كىشىلەرگە تەيۋەن يولىنىڭ ئاسانلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تەيۋەندىن چىقىدىغان «تەيبېي تايمىس» گېزىتى 17 – فېۋرالدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، شۇ كۈنى تەيۋەننىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى لۈ شيۇليەن يىغىن ئەھلى بىلەن ئۇچراشقاندا رابىيە قادىر خانىم، چېڭ گۇاڭچېڭ، لوبساڭ سانگاي قاتارلىق ئۈچ كىشىنىڭ يىغىنغا قاتنىشالمىغانلىقىدىن ئۆزىنىڭ تولىمۇ ئۆكۈنىدىغانلىقىنى ئېيتقان ۋە تەيۋەن ھۆكۈمىتىنى ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلمىدى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بىز تەيۋەندە چاقىرىلغان بۇ قېتىمقى «ئاسىيا – تىنچ ئوكيان دىنىي ئەركىنلىك مۇنبىرى» يىغىنىغا قاتنىشىدىغان رابىيە قادىر خانىمغا تەيۋەن دائىرىلىرىنىڭ ۋىزا بەرمەسلىك سەۋەبلىرى ھەققىدە تەيۋەندە نەشر قىلىنىدىغان «تەيبېي تايمىس»، «لىبېرتىي تايمىس» قاتارلىق خىتاي ۋە ئىنگلىز تىلىدىكى گېزىتلەرنىڭ توكيو شۆبىسى مەسئۇلى، تەيۋەنلىك ئاتاقلىق مۇخبىر مىكى چاڭ ئەپەندى بىلەن بۇ ھەقتە تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مىكى چاڭ ئالدى بىلەن رابىيە قادىر خانىم قاتارلىقلارنىڭ ۋىزا ئالالماسلىقى سەۋەبىنىڭ ھازىرقى ما يىڭجيۇ ھاكىمىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى توغرىسىدا توختىلىپ: «مېنىڭ ئويلىشىمچە، ئىلگىرى تەيۋەن گومىنداڭ پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى ما يىڭجيۇ ھاكىمىيىتىگە دالاي لاما، رابىيە قادىر قاتارلىقلارنىڭ تەيۋەنگە كىرىشى توغرىسىدا سۆز ئېچىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ھازىرقى ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە تەيۋەندە سايلام ئېلىپ بېرىلىپ، ما يىڭجيۇ ھاكىمىيىتىگە خاتىمە بېرىلىش ئالدىدا تۇرىدۇ. يېڭى پرېزىدېنت سەي يىڭۋېن 5 – ئاينىڭ 22 – كۈنى ھاكىمىيەتنى قولىغا ئالىدۇ. شۇڭغىچە بولغان ئارىلىقتا تەيۋەن ھاكىمىيىتىدە يەنىلا ما يىڭجيۇنىڭ تەسىرى بار. شۇڭا ما يىڭجيۇ تەختتە بولىدىكەن. دالاي لاما بىلەن رابىيە قادىرنىڭ تەيۋەنگە كېلىشى مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ما يىڭجيۇغا بەلگىلىك تەسىرى بار. بىراق، 5 – ئايدا ھاكىمىيەت ئالماشسا ئۇ چاغدا دالاي لاما بىلەن رابىيە قادىرنىڭ تەيۋەنگە كىرىشى ئاسانلىشىدۇ دەپ قارايمەن» دېدى.
مۇخبىر مىكى چاڭ سۆزىدە يەنە:«5 – ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ تەيۋەنگە كىرىشى ۋە تەيۋەندە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشى نورماللىشىدۇ. سەۋەبى يېڭى ھاكىمىيەتنىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى بولمايدۇ دەپ ئويلايمەن» دېدى.
تەيۋەن مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، تەيۋەن دېموكراتىك تىنچ ئوكيان ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى، تەيۋەننىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى لۈ شيۇليەن 16 – فېۋرال بايانات ئېلان قىلىپ مەزكۇر يىغىنغا قاتنىشىدىغان نوپۇزلۇق كىشىلەردىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى چېڭ گۇاڭچېڭ ۋە دالاي لامانىڭ ۋەكىلى لوبساڭ سانگاي قاتارلىقلارغا تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرغا قەدەر ۋىزا رۇخسىتىنى بەرمەسلىكنىڭ سەۋەبلىرى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمىدىن ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭدىن ئۆزىنىڭ بەكمۇ ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تەيۋەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇزۇگۇم كودېرىكنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى تەيۋەندە چاقىرىلغان يىغىنغا رابىيە قادىر خانىم قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ قاتنىشىشى رەت قىلىنغانلىقى توغرىسىدا گەرچە، تەيۋەندىكى نوپۇزلۇق گېزىت ۋە تاراتقۇلاردا كۆپلىگەن بەس – مۇنازىرىلەر بولۇۋاتقان بولسىمۇ، بىراق نۇرغۇنلىغان تەيۋەنلىكلەر ئۇلارنىڭ يىغىنغا قاتنىشالمىغانلىقىغا ئانچە ھەيران قالمايدىكەن. سەۋەبى گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى ما يىڭجيۇ تەختكە چىققاندىن كېيىن، كىشىلەر تەيۋەندە دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق دېگەندەك ئىنسان ھەقلىرى ئۆلدى، بۇ، گومىنداڭ بىلەن گۇڭچەنداڭ ئاكا – ئۇكا بولۇپ باشقۇرۇۋاتقان ھاكىمىيەت دەپ قارايدىكەن. كۆپلىگەن تەيۋەن ياشلىرى يېڭى سايلانغان پرېزىدېنت سەي يىڭۋېننىڭ تەيۋەننى يېڭىچە دېموكراتىك ئۇسۇلدا قايتىدىن قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن.
تەيۋەنلىك مۇخبىر مىكى چاڭ ئۇزۇندىن بۇيان رابىيە قادىر خانىمنىڭ تەيۋەنگە بېرىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشىنى ئۈمىد قىلىپ كېلىۋاتقان ۋە بۇ شارائىتنى ھازىرلاش ئۈچۈن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن ئۇزۇندىن بۇيان ھەمكارلىشىۋاتقان تەيۋەنلىكلەردىن بىرى بولۇپ، ئۇ، 2009 – يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن «5 – ئىيۇل ۋەقەسى» توغرىسىدا شۇ يىلدىن باشلاپ رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۇ ھەقتىكى توكيودا ئېلىپ بېرىلغان دوكلات سۆزلەش پائالىيەتلىرىنى تەيۋەن تاراتقۇلىرى ئارقىلىق تەيۋەندە كەڭ تەشۋىق قىلغان، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئىزچىل قوللاپ كېلىۋاتقان تەيۋەنلىك مۇخبىرلاردىن بىرى.