
14 – فېۋرالدا ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ ئەمگەكچىقازاق ناھىيىسىدە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ ئاكتىپ ئىشتراكچىلىرىدىن بىرى بولغان، شائىر، ژۇرنالىست مالىك سادىروفنىڭ ۋاپات ئەتكەنلىكىنىڭ بىر يىللىق مۇناسىۋىتى بىلەن پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى. ئۇنىڭدا سۆزگە چىققان سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى، شۇنداقلا م. سادىروفنىڭ ساۋاقداشلىرى، دوستلىرى، يۇرتداشلىرى ئابدۇللام سامساقوف، مەھەممەتجان جانباقىيېف ۋە باشقىلار مەرھۇمنىڭ ئىجادىي پائالىيىتى، ۋەتەن، خەلق ئالدىدىكى خىزمىتى، ئىنسانىي خىسلەتلىرى ھەققىدە ئۆز ئەسلىمىلىرىنى، پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مەھەممەتجان جانباقىيېف م. سادىروف ئىجادىيىتىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «مەن مالىك ئاكىنى 35 يىلدىن بېرى ياخشى بىلەتتىم ھەم ئۇنىڭ 22 يىلىنى يېقىن ۋە ئىناق قوشنا بولۇپ ئۆتكۈزگەن ئىدۇق. شەخسەن مەن ئۈچۈن ئۇ قابىلىيەتلىك شائىر، مېھرىبان ئاكا ھەم دوست. 20 – ۋە 21 – ئەسىرلەردە تارىخىي ۋەتىنىمىز ئۇيغۇرىستان ھەم قازاقىستاندا ياشىغان مالىك سادىروف كۆپلىگەن تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ شاھىدى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۇ ھاجەتسىز نەرسىگە قەلەم تەۋرەتمەي، ھەقىقەتنى، پەقەت ھەقىقەتنىلا يازىدۇ. شائىر دېگەن ئەجايىپ ئىنسان. ئۇنىڭ يۈرىكى ياراتقۇچىنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن ئۇرۇپ تۇرغاندەك. ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ قۇرلىرى – ئۇنىڭ ھايات قىسمەتلىرىنىڭ يەكۈنى. ئاتا – ئانىسىدىن كىچىك يىتىم قالغان ئۇ، بالىلىقىدىن باشلاپ پەقەت ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياشىدى، كەمچىلىكلىرىدىن توغرا خۇلاسە چىقىرىپ، پەقەت ياخشىلىققا ئىنتىلدى ۋە تەغدىر ئۇنىڭغا چوڭ تالانتنى ئاتا قىلدى. شۇڭلاشقا ئۇ ھەر دايىم ئۆزىنىڭ يېڭى شېئىرى ياكى داستانىنى ئوقۇپ بەرگەندە، مەن قەلبەن شۇنداق خۇلاسىگە كېلىمەن: «راست، مالىك ئاكا ھەقىقەتەنمۇ ئۇيغۇر تەغدىرى پاجىئەسىنىڭ ئەينىكى ۋە تىرىك شاھىدى». ئۇ – ۋىجدان، ھار – نومۇس شائىرى، ئۇ بىزنىڭ خەلقىمىزنىڭ ئەتىكى كۈندىكى تەقدىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا كۆيۈنگەن شائىر.»
مۇراسىمدا م. سادىروفنىڭ يېقىندا نەشر قىلىنغان «ئازادلىق جەڭچىسى ياكى ئەجدەرھاغا سانچىلغان نەيزە» ناملىق كىتابى قىسقىچە تونۇشتۇرۇلدى. مەزكۇر كىتابتا ئەدىبنىڭ شۇ ناملىق داستانى، ھەر يىللىرى يورۇققا چىققان ماقالىلىرى ھەم شېئىرلىرى، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە باشقىلارنىڭ م. سادىروف ھەم ئۇنىڭ ئەمگەكلىرى ھەققىدىكى پىكىرلىرى، باشقا نەشرلەردىن ئېلىنغان بەزى ماقالىلەر ئورۇن ئالغان.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى م. سادىروفنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىگە قوشقان تۆھپىسى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «تونۇلغان شائىر مالىك سادىروف ناھايىتى ۋەتەنپەرۋەر بولغان. مەركىزىي ئاسىيادا ھەقىقەتەن م. سادىروف ئوخشاش ۋەتەنپەرۋەر، ۋەتەننى سۆيىدىغان ھەم ۋەتەن ماۋزۇسىدا ئىجاد قىلغان شائىرلار، يازغۇچىلار كەمدىن – كەم. بۈگۈنكى شارائىتقا، «ئاتۇ» پاجىئەسىدىن تارتىپ غۇلجىدىكى، ئۈرۈمچىدىكى ۋەقەلەرگە ۋە باشقىلارغا ئۇ ئىنكاس قايتۇرغان. شۇ جۈملىدىن 2006 – يىلى رابىيە قادىر دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن، رابىيە قادىر خانىمنىڭ خەلقئارادا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى ئاساسىدا ناھايىتى ياخشى بىر داستان «ئازادلىق جەڭچىسى ياكى ئەجدەرھاغا سانچىلغان نەيزە» ناملىق ئەسىرىنى يېزىپ چىقتى. بۇ ئەسەرنىڭ مەركەزلىك فىگۇرىسى رابىيە قادىر.»
ق. غوجامبەردى م. سادىروفنىڭ 2009 – يىلى ۋاشىنگتوندا بولغان قۇرۇلتايغا قاتناشقانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئارىسىدىكى بىردىن – بىر شۇنداق ئاكتىپ كىشىلەردىن بولغانلىقىنى، م. سادىروفنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۆز تەسىراتلىرىنى ناھايىتى گۈزەل شېئىرىيەت تىلى بىلەن تەسۋىرلىگەنلىكىنى كۆرسىتىپ، يەنە مۇنداق دېدى: «مالىك ئاكا بىز ئۇيۇشتۇرغان سورۇنلارغا كېلىپ، شېئىرلىرىنى ئوقۇپ، بىزنىڭ مۇراسىملارنى ناھايىتى جانلاندۇراتتى، ياشلارغا كۈچلۈك تەسىر قىلاتتى. ھازىر مالىك ئاكىنىڭ ئارىمىزدا يوقلۇقى بىلىنىپ تۇرىدۇ.»
مۇراسىمدا سۆزلىگۈچىلەر م. سادىروفنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ئېغىر سىناقلار، شۇ جۈملىدىن يەتتىسۇدا سوۋېت ھاكىمىيىتى ئورناپ، كۆپ ۋاقىت ئۆتمەيلا بۇ يەردە يۈز بەرگەن «ئاتۇ پاجىئەسى»نىڭ سىرلىرىنى ئېچىشقا ھەرىكەت قىلغانلىقىنى، بۇ ھەقتە ئۇنىڭ ماقالىلىرىنىڭ، ئەسەرلىرىنىڭ يورۇققا چىقىپ، خەلقتە چوڭ ئىنكاس قوزغىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ ھەقتە ئالماتادىكى «مېكتېپ» نەشرىياتى ئۇيغۇر تەھرىراتىنىڭ باشلىقى رەخمەتجان غوجامبەردىيېف مۇنداق دېدى: «ھەر بىر ئۇيغۇرنى 1918 – يىلقى «ئاتۇ» پاجىئەسىنىڭ سەۋەب ۋە ئاقىۋىتى ئويلاندۇرۇپ، تولغاندۇرىدىغانلىقى سۆزسىز. بۇ ئەسنادا كۆپلىگەن سوئاللارنىڭ قويىلىشىمۇ تەبىئىي، ئەلۋەتتە. كۆرنەكلىك شائىر، ژۇرنالىست مالىك سادىروفنىڭ «ئۇيغۇر قىسمىتى ياكى «ئاتۇ پاجىئەسى ھەققىدە ھەقىقەت» ناملىق داستانىنى ئوقۇش جەريانىدا بىز ئەنە شۇ سوئاللارغا ئەتراپلىق جاۋاب ئالىمىز. ئەسەرنى يېزىشتا ئەدىپنىڭ ھەر خىل تارىخىي مەنبەلەردىن پايدىلىنىپ، كۆپ ئىزدەنگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەشكە ئەرزىيدۇ. نەتىجىدە ئەدىپ ئۆز ئالدىغا قويغان مەقسىتىگە قول يەتكۈزىدۇ، يەنى ئوقۇرمەنلىرىگە بۇ قانلىق پاجىئەنىڭ نېمە سەۋەبتىن يۈز بەرگەنلىكى، ئۇنىڭ قانداق ۋەھشىلىك بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغانلىقى، نەتىجىدە مېھنەتكەش خەلقنىڭ ئادىل، بەرپاكار ئەمگىكى تۈپەيلى ئالماتادىن – غالجاتقىچە، ياركەنتتىن – قورغاسقىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئۇلۇق يىپەك يولى بويىدا بەرپا قىلىنغان يۈزلىگەن ئاۋات يېزا – قىشلاق، مەھەللە – كەنتلەرنىڭ خانۇ – ۋەيران قىلىنىپ، مىڭلىغان قانداشلىرىمىزنىڭ بىگۇنا قانلىرى تۆكۈلۈپ، قەتىلىئام قىلىنىپ، پۈتۈنسۈرۈك ئەۋلادتىن جۇدا بولغانلىقىمىزنىڭ ھەسرىتى ناھايىتى مەزمۇنلۇق، قايناق ھېسسىياتتا ئەكس ئېتىلگەن. شائىر ئۆتمۈشتىن ساۋاق ئېلىپ، دائىم سەزگۈر، ھوشيار بولۇشقا، ئۆز – ئارا ئىتتىپاقلىق، ئېغىز بىرلىككە ئۈندەيدۇ.»
م. سادىروف 1937 – يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىلى ۋىلايىتىگە قاراشلىق ئابلاش يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، 1957 – يىلى غۇلجا شەھىرىدە ئەخمەتجان قاسىمى نامىدىكى بىلىم يۇرتىنى تاماملىغان، ئاندىن ئۈرۈمچىدىكى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ رۇس تىلى فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. 1963 – يىلغىچە مەكتەپلەردە مۇئەللىملىك قىلغان م. سادىروف قازاقىستانغا كۆچۈپ چىقىپ، ئۇزۇن يىللار داۋامىدا مەتبۇئات ساھەسىدە ئىشلىدى. ئۇ «تۇنجى قەدەم»، «ھەقىقەت قۇياشى» شېئىرىي توپلاملىرىنىڭ، «ماتانەت»، «ئاتۇ پاجىئەسى» ناملىق كىتابلارنىڭ ئاپتورى.