2016.02.09

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىس رابىيە قادىر خانىم 9 – فېۋرال كۈنى ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى تور بېكىتىدە بايانات ئېلان قىلىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 5 – نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ يىل 6 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن 5 – كۈنىگە قەدەر ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگىتون شەھىرىدە ئېچىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا «بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايغا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 4 – قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان ۋەكىللەر، مۇھاجىرەتتە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بارلىق شەرقىي تۇركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، چەتئەللەردىكى جامائەت ئەرباپلىرى، ۋەتەنپەرۋەر زاتلار، زىيالىيلار، دىنىي ئۆلىمالار ۋە ئۇيغۇر ياشلار ۋەكللىرى قاتنىشىدىغانلىقى شۇنداقلا قۇرۇلتايدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ نىزامنامىسىنى كۆزدىن كەچۇرۇش، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىك ھەيئىتىنى سايلاش ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ كېلەر 4 يىللىق پروگراممىسى، پائالىيەت پىلانى ۋە يول خەرىتىسىنى بېكىتىش ۋە باشقا مۇھىم قارارلار قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى» ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئىمزاسىدىكى باياناتتا د ئۇ ق نىڭ 5 – قۇرۇلتىيىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

رابىيە قادىر خانىم باياناتىنىڭ ئاخىرىدا يەنە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 5 – ئۇمۇمىي قۇرۇلتىيىنىڭ ئۇتۇقلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۇچۇن، يېقىندا قۇرۇلتاي تەييارلىق كومىتېتى قۇرۇلىدىغانلىقى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ۋەتەنداشلارنىڭ پىكىر – تەلەپلىرىنى ۋە تەكلىپلىرىنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ئەۋەتىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.