uyghur-sot-yeken-weqesi.jpgسوت مەھكىمىسىنىڭ 28-ئىيۇل يەكەن ۋەقەسىگە چېتىشلىق دەپ قارالغان 6 نەپەر جىنايەت گۇماندارىنى «تېررورلۇق قىلىش» جىنايىتى بىلەن سوتلاۋاتقان كۆرۈنۈش. 2014-يىلى 13-ئۆكتەبىر، قەشقەر.

خىتاينىڭ 11 نەپەر ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسنىڭ جازاسىنى يېنىكلىتىش ھۆكۈمى ھەققىدە بۈگۈن رادىئومىزدا پىكىر بايان قىلغان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، ھۆكۈمدە ماھىيەتلىك بىر ئۆزگىرىش يوقلۇقىنى، مەھبۇسلارنى پۇشايمان باياناتى بەرگۈزۈش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ غۇرۇرى ۋە ئىززەت-ھۆرمىتىگە ھۇجۇم قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

بۇنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ جەمئىيەتتىكى قەدىر-قىممىتىنى چۈشۈرۈش يەنى ئېتىبارسىزلاش قەستى دەپ ئاتىغان رابىيە خانىم، ئېلان قىلىنغان پۇشايمان باياناتلىرىنىڭ سۈنئىيلىكىنى ۋە ئۇنىڭ مەجبۇرىي يازدۇرۇلغانلىقىنى، بۇ باياناتلارنىڭ خىتاي كۈتكەندەك نەتىجە بەرمەيدىغانلىقىنى يەنى ئۇيغۇر جامائەت پىكرىنىڭ يەنىلا ھەق-ئادالەت ئۈچۈن بەدەل تۆلىگەن سىياسىي مەھبۇسلار تەرەپتە تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ رابىيە خانىم بىلەن بۇ ھەقتە ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى ئاڭلايسىلەر.