خىتاي ھۆكۈمىتى ئاۋسترالىيەنىڭ غەربىدىكى پېرت شەھىرىدە، «غەربىي ئاۋسترالىيە – جۇڭگو شىنجاڭ مەدەنىيەت فېستىۋالى» دېگەن نام ئاستىدا سەنئەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەدەنىيەت پائالىيىتىنى 4 – فېۋرال كۈنى باشلىغان بولۇپ، خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ قىسقا سۈرەتلىك خەۋىرىدە بىر قانچە پارچە ئۇيغۇرچە ئۇسۇل ئوينىلىۋاتقان كۆرۈنۈش ئەكىس ئەتكەن..
خىتاينىڭ پېرت شەھىرىدىكى باش كونسۇلخانىسىنىڭ تور بېتىدە بۇ ھەقتە بىر قەدەر تەپسىلىيرەك مەلۇمات بېرىلگەن بولۇپ، 4 – فېۋرال كۈنى مەدەنىيەت فېستىۋالىنىڭ ئېچىلىش سۆزىنى بۇ شەھەردىكى خىتاي باش كونسۇلى سۆزلەپ، «شىنجاڭنىڭ خىتاينىڭ غەربىدىكى يېرى كەڭ، مەنزىرىسى گۈزەل، كۆپ مىللەت خەلقى ئىناق ئورتاق ياشايدىغان گۆھەر ماكان» ئىكەنلىكى، غەربىي ئاۋسترالىيەدە خىتاي مۇھاجىرلار ياشايدىغانلىقى، ئۇلار يىراق يات يۇرتلاردا تۇرسىمۇ، ئەمما قەلبىنىڭ ۋەتەنگە باغلانغانلىقى»نى ئەسكەرتكەن.
خەۋەردىم مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىن كەلگەن بۇ سەنئەتكارلارنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۇمەت تاشقى ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ خىتاي مىللىتىدىن بولغان مۇئاۋىن باشلىقى باشلاپ كەلگەن،
ئاۋسترالىيە غەرب ئەللىرىدىكى ئۇيغۇرلار بىر قەدەر كۆپ ئولتۇراقلاشقان مەملىكەت بولۇپ، ئادىلاي، سىدنېي ۋە باشقا شەھەرلەردە ئۇيغۇرلار بىر قەدەر زىچ جايلاشقان. بۇ يەرلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قانچە ئاممىۋى جەمىيەتلىرى ئاكتىپ پائالىيەت قىلماقتا، ۋە ھەر يىلى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشلىرى ئۆتكۈزۈپ تۇرىدۇ. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىرىمۇ ئىلگىرى ئاۋسترالىيەدە زىيارەتتە بولغان ھەم ئۇ ھەققىدە ئىشلەنگەن «مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى» مېلبۇرۇن كىنو فېستىۋالىدا قويۇلۇپ بېيجىڭنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى.