
بۈگۈن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكىراتىيە فوندى جەمئىيىتى 5 – فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنى خاتىرىلەپ ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى. نامايىشتا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، 5 – فىۋرال شېھىتلىرى ۋە مەھبۇسلىرىنىڭ ئىش – ئىزلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى، ئۇلارغا ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ھۆرمەت بىلدۈردى شۇنداقلا خىتاينىڭ شۇ كۈنكى دۆلەت زوراۋانلىقىنى ئەيىبلىدى. نامايىشتا ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن ئالىم سېيىتوپ بىلەن ئۆمەر قاناتمۇ سۆز قىلىپ 5 – فېۋرال ۋەقەسىنىڭ يېقىنقى زامان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىدىكى ئەھمىيىتى، جۈملىدىن ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئاراغا تونۇلۇشىدا ئوينىغان باشلاتقۇچ رولىغا يۇقىرى باھا بەردى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۇ ۋەقەدە تۆلىگەن بەدەللىرىنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. بۇ نۇتۇقلار نامايىشچىلارنىڭ قىزغىن ئالقىش ۋە شۇئارلىرى بىلەن دەستەكلەندى.
ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، بۇنىڭدىن 20 يىللار ئاۋۋال غۇلجا شەھىرىدە ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا ناركومانلىق يەنى خىروئىنغا ئادەتلىنىش باش كۆتۈرۈپ كۆپلىگەن ياش جانلارغا زامىن بولغان، كۆپلىگەن ئائىلىلەرنى ۋەيران قىلغان. كۈندىن – كۈنگە كېڭىيىۋاتقان بۇ ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى توسۇشتا خىتاي ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈندۇر پاسسىپ تۇرۇۋالغان. خىتاي ساقچىلىرى سىياسىي دېلولاردا كۆرسىتىدىغان ئۇ سەزگۈرلۈك ۋە قاتتىق قوللۇقىنى خىروئىن ئەتكەسچىلىرىنى تۇتۇش ۋە جازالاشتا كۆرسەتمىگەن. ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئاقىۋىتىنى ئالدىن كۆرەلىگەن بىر تۈركۈم ياشلار بۇ چاغدا ئوتتۇرىغا چۈشۈپ مەشرەپ ئۇيۇشتۇرۇش يولى بىلەن، مەشرەپتە ياشلارغا دىنىي تەربىيە بېرىش ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقى دۇچ كەلگەن بۇ ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇشتا بەلگىلىك نەتىجە ياراتقان. كۆپ ساندا ياشلار بۇ خەتەرلىك يولدىن ئۆزىنى تارتقان، ئەمما مۇكاپاتلىنىشقا تېگىشلىك بۇ ئاكتىپ پائالىيەت، خىتاينى ئەندىشىگە سالغان ۋە خىتاي تەرەپ شۇ مەشرەپلەردە يېتەكچىلىك رول ئوينىغان دىنىي زاتلارنى تۇتقۇن قىلغان. ئۇيغۇر ياشلىرى ئەنە شۇ تۇتقۇنلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىپ غۇلجا شەھىرىدە نامايىش ئۆتكۈزگەن. تېنچلىق شەكلىدە باشلانغان بۇ نامايىش قانلىق باستۇرۇلغان.
بۈگۈن ۋاشىنگىتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىغا توپلانغان نامايىشچىلار، مانا شۇ ۋەقەنى خاتىرىلىمەكتە.