erkin-asiya-radiosi.jpgئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى

رابىيە قادىر خانىم خىتاينىڭ «كەچۈرۈم» ئىنى ئەيىبلىدى

خىتاي 2-فېۋرال كۈنى ئۈرۈمچى 1-تۈرمىدە سوت ئېچىپ، 11 نەپەر ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسنىڭ جازاسىنى يېنىكلەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بۇ ئىشقا دەرھال ئىنكاس قايتۇردى. رابىيە خانىم ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ كەچۈرۈمگە ئەمەس، ئاقلىنىشقا ئېھتىياجى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

مەزكۇر مەھبۇسلارنىڭ تەھدىت ۋە قېيىن-قىستاق ئارقىلىق ئۆز ئىرادىسىگە خىلاپ سۆزلەرنى قىلىشقا مەجبۇرلانغانلىق ئېھتىماللىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان رابىيە خانىم، خىتاينىڭ بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ زۇلۇمغا قارشى ئىرادىسىنى بوشاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ مەقسەتنىڭ ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

جازاسى يېنىكلىتىلگەن مەھبۇسلار ئارىسىدا ئىلھام توختى تىلغا ئېلىنمىدى

1-فېۋرال جازاسى يېنىكلىتىلگەن 11 نەپەر سىياسىي مەھبۇس ھەققىدىكى خەۋەردە ئىلھام توختى تىلغا ئېلىنمىدى.

ئۇ 11 نەپەر سىياسىي مەھبۇسنىڭ ئىچىدىكى 7 كىشى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىل، پاكىستاندا قولغا ئېلىنىپ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن پائالىيەتچى مەمەتتوختى مەتروزى قاتارلىق كىشىلەر بار.

1-تۈرمىدە بۇلتۇر سېنتەبىر «دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش ۋە مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش جىنايىتى» بىلەن ئەيىبلىنىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان مەشھۇر ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىمۇ جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان ئىدى.

ئىلھام توختى مۇددەتسىز قاماق جازىسىغا ھۆكۈم قىلىنغاندىن كېيىن، نارازىلىق ئەرزى سۇنغان، ئەمما ئۇنىڭ ئەرزى رەت قىلىنىپ ئەسلى ھۆكۈم كۈچكە ئىگە قىلىنغان ئىدى.

چاغاندا مەزگىلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرت ئاتلاپ سەپەر قىلىشى يەنىمۇ قىيىنلاشتۇرۇلغان

ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدە چاغان مەزگىلىدە خىتاي يولۇچىلارغا قۇلايلىق يارىتىلغان بولسا، ئەكسىچە ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرت ئاتلاپ سەپەر قىلىشى يەنىمۇ قىيىنلاشتۇرۇلغان.

«ئاسىيا كىندىكى» تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە تاشيول، تۆمۈريول ۋە ھاۋا ترانسپورتىدا نۆۋەتچى ئاپتوبۇس، پويىز ۋە ئايروپىلانلارنىڭ سانىغا كاپالەتلىك قىلىدىكەن.

ھالبۇكى، چاغان مەزگىلىدە پاسپورتىنى ئالالماي ئوتتۇرا ئاسىيا سەپىرىدىن قالغان بىر ئۇيغۇر كارخانىچى، ئۈرۈمچىدە پاسپورت بېجىرىش ئىشلىرى تېخى داۋام قىلىۋاتقان بولسىمۇ، مۇلازىمەت ئوبيېكتىنىڭ ئاساسەن خىتايلار بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئاقسۇنىڭ ئاۋات ناھىيىسىدىن بىر دېھقان، ئۆزىنىڭ پاسپورت بېجىرىش تۇرماق، ناھىيىسىدىن ئايرىلىپ چاغانلىق ئىش ئىزدەش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە بارىدىغانغىمۇ تارماقلارنىڭ رۇخسىتىنى ئالالماي ئىشسىز قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

كۇچا ناھىيىسىدىكى مەلۇم يېزىلىق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىكى ئالاقىدار خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، چاغاندا بەلگىلىمە بويىچە سىرتقا چىقىدىغان دېھقانلار ئۈچۈن ئىش بېجىرىلمەيدىكەن.

ئوباما مۇسۇلمانلارغا قارشى كۆتۈرۈلۈۋاتقان پىكرى ئېقىمىنى ئەيىبلىدى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما 3-فېۋرال بالتىموردىكى مەسچىتنى زىيارەت قىلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئامېرىكىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى ۋە ئامېرىكىدا مۇسۇلمانلارغا قارشى كۆتۈرۈلۈۋاتقان پىكرى ئېقىمىنى ئەيىبلىدى.

باراك ئوباما مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا پرېزىدېنتى بولۇش سۈپىتىم بىلەن شۇنى كېسىپ ئېيتىمەنكى، سىلەر بۇ يەرگە تەۋە. سىلەر ئامېرىكىنىڭ بىر پارچىسى. سىلەر ھەم ئامېرىكىلىق ھەم مۇسۇلمان.»

باراك ئوباما سۆزىدە يەنە، دۇنيا مىقياسى ۋە ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ۋەقەلىرىدىن كېيىن، مۇسۇلمانلارغا قارشى كۆتۈرۈلۈۋاتقان بەزى خاتا كۆز قاراشلارنى تەنقىد قىلدى. ئۇ يەنە نۆۋەتتە دۇنيادا مۇسۇلمانلارنى نىشان قىلغان بەزى ئۆچ ئېلىش ھەرىكەتلىرى كۆرۈلگەنلىكىنى، جۈملىدىن بۇنىڭ ئامېرىكا ئىچىدىمۇ يۈز بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالدى ۋە بۇنىڭ بۇنىڭ ئىنتايىن خاتا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاينىڭ چاغاننى ئۇيغۇرلارغا تېڭىشى ئەيىبلەندى

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ چاغان بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان پائالىيەتلەرگە ئۇيغۇرلارنى قاتنىشىشقا مەجبۇرلىشى ۋە ئۇيغۇر يېزىلىرىدا دېھقانلارنى چاغانلىق قىزىل ناخشا ئورۇنلاشقا سېلىشى ئۇيغۇر مۇنازىرە مەيدانلىرىدا «ئۇيغۇرلار چاغان بايرىمىنى ئۆتكۈزۈشى كېرەكمۇ-يوق؟» دېگەن تېمىدا مۇنازىرىلەرنى ئوتتۇرىغا چىقارغان ئىدى.

ئامېرىكىدىكى «پۇقرالار كۈچى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ياڭ جيەنلى ئەپەندى بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى بولمىغان چاغان بايرىمىنى ئۇلارغا تېڭىشى، ئەمەلىيەتتە ‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى سىياسىتى› گە قارشى، ‹چوڭ خىتايچىلىق› نى تەشەببۇس قىلىدىغان بىر مەدەنىيەت ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى» دېدى.

ئىقلىم، جۇغراپىيىلىك شەرت-شارائىت، تارىخىي ئەنئەنە، ئېتىقاد ۋە باشقا ھەر جەھەتلەردىن چاغان بايرىمىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن ئامېرىكىدىكى تارىخ پەنلىرى دوكتورى قاھار بارات ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چاغاننى زورلاپ تېڭىشى بىلەنلا ئۇنى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىگە سىڭدۈرەلمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.