خىتاي 2 – فېۋرال كۈنى ئۈرۈمچى 1 – تۈرمىدە سوت ئېچىپ 11 نەپەر ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسنىڭ جازاسىنى يېنىكلەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بۇ ئىشقا دەرھال ئىنكاس قايتۇردى. ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ كەچۈرۈمگە ئەمەس، ئاقلىنىشقا ئېھتىياجى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن رابىيە خانىم خىتاينىڭ بۇ ئاتالمىش كەچۈرۈمىنى، جۈملىدىن كەچۈرۈم خەۋەرلىرىدە مەزكۇر مەھبۇسلارنىڭ نامىدا نەقىل ئېلىنغان بايانلارنى سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئىززەت – ھۆرمىتىگە قەست قىلىش دەپ ئەيىبلىدى. مەزكۇر مەھبۇسلارنىڭ تەھدىت ۋە قېيىن – قىستاق ئارقىلىق ئۆز ئىرادىسىگە خىلاپ سۆزلەرنى قىلىشقا مەجبۇرلانغانلىق ئېھتىماللىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان رابىيە خانىم، خىتاينىڭ بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ زۇلۇمغا قارشى ئىرادىسىنى بوشاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ مەقسەتنىڭ ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
رابىيە خانىم بۇ ھەقتە ئىزاھات بېرىپ نۆۋەتتە ئۇيغۇر ياشلىرى سىياسىي ئىدىيە جەھەتتە ئەگىشىدىغان ئۈلگىلىك كىشىلەر ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە تارىخىدا يېتەرلىك دەرىجىدە مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، شۇڭا مەزكۈر مەھبۇسلارغا دېگۈزۈلگەن تۆۋەنامىلەرنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ ئىلگىرىلىشىگە قىلچە تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.