
توم لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئادالەت فوندىنىڭ 2015- يىللىق لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ كاننان سارىيىدا ۋاشىنگتون ۋاقتى 11 دە باشلاندى.
توم لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتنىڭ ساھىبلىرى بولمىش بۇ خانىملار مىسلىسىز بەدەللەرگە قارىماي ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقى ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرىشىۋاتقان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر، مىسىردىن كاناداغا كېلىپ مۇساپىر بولغان، دۇنيا مىقياسىدا ئېتىقاد ئەركىنلىكى، ئاياللارنىڭ باراۋەرلىك ھوقۇقى ئۈچۈن كۈرىشىۋاتقان داڭلىق ئاپتور ئىرشاد مانجى، سومالىدىن بالىلىقىدا خورلۇققا ئۇچراشتىن قېچىپ گوللاندىيەدە پاناھلانغان، ئاياللارنىڭ ئائىلە زوراۋانلىقىغا ئۇچرىشى ۋە مەجبۇرىي نىكاھلاندۇرۇلۇشىغا قارشى خەلقئارادا پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ تونۇلغان پائالىيەتچى ئايائان خىرسى ئالىي بولۇپ 3 نەپەر قەيسەر ئايال مۇراسىم زالىغا قىزغىن ئالقىشلار ئىچىدە كىرىپ كەلدى.
مەزكۇر مۇراسىمغا بىر قىسىم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى، ئامېرىكىدىكى ئەلچىخانا ۋەكىللىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلات ۋەكىللىرى، ئامېرىكا ۋە خەلقئارالىق مەتبۇئات ئورۇنلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى بولۇپ 200 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.
مۇراسىمغا رىياسەتچىلىك قىلغان فوندىنىڭ قۇرغۇچىسى توم لەنتوس ئەپەندىمنىڭ ئىنسان ھەقلىرىنى قوللاش ۋە قوغداش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان قىزلىرىدىن ئانېتتا لەنتوس خانىم مۇكاپات ساھىبلىرىنى ھۆرمەت ۋە ئېھتىرام بىلەن : «بۈگۈن، بۇ مۇكاپاتنىڭ 3 نەپەر مۇكاپات ساھىبىنىڭ ھەممىسىلا ئايال زاتى، شۇنداقلا ئوخشاشلا مۇسۇلمانلار ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان قەھرىمان ئاياللار. ئۆز ئالدىغا تارىخ ياراتقان بۇ قەيسەر ئاياللار بىلەن بۇ مۇكاپاتلاش سورۇندا بىرگە بولغىنىمدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمەن» دەپ تونۇشتۇردى.
مۇكاپات ساھىبلىرىنىڭ ھايات پائالىيەتلىرى تونۇشتۇرۇلغان ھۆججەتلىك فىلىم مۇراسىم ئەھلىگە كۆرسىتىلگەندىن كېيىن، مەزكۇر فوندى جەمئىيەتنىڭ رەئىسى كاترىنا لەنتوس خانىمنىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ ئانىسى دەپ ئېتىراپ قىلىنغان مۆھتەرەم رابىيە قادىر خانىم» دەپ تونۇشتۇرۇشى بىلەن ئەڭ ئالدىدا رابىيە قادىر خانىم سەھنىگە چىقىپ 2015- يىللىق توم لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىنى تاپشۇرۇپ ئالدى.
رابىيە قادىر خانىم ئۆزىنىڭ نۇتقىدا تام لەنتوس ئەپەندى ۋە لەنتوس فوندىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش ئېزىلىۋاتقان مىللەتلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش يولىدا قىلىۋاتقان كۈرەشلىرىنى قوللىغانلىقىغا ۋە ئۆزىگە بۇ مۇكاپاتنى لايىق كۆرگەنلىكىگە ئالاھىدە رەھمەت بىلدۈردى.
ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻜﻪﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻰ، «كىشىلىك ھوقۇق، ئەركىنلىك ھوقۇقى» ﻧﻰ، ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ھﻪﻗﻠﯩﺮﻯ ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺕ ﺑﺎﺵ ﺗﯧﻤﯩﺴﻰ قىلغان ئىدى.
رابىيە قادىر خانىم نۇتقىدا بۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ: «بۈگۈن دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 10- دېكابىر دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ يىللىق كىشىلىك ھوقۇق شوئارىنى ‹ ھەقلىرىمىز، ھۆرلۈكىمىز ئۈچۈن مەڭگۈ كۈرەش قىلىمىز› دەپ ئېلان قىلدى. بۇ ئەركىنلىكنىڭ كىشىلىك ھوقۇق بىلەن باراۋەر ﻳﯜﻛﺴﻪﻙ ﺋﻮﺭنىنى ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﻯ. دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنىدە بۇ مۇكاپاتنىڭ تارقىتىلغانلىقى 65 يىلدىن بۇيان كىشىلىك ھوقۇقى، ئازادلىقى ئۈچۈن كۈرىشىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان شۇنداقلا دۇنيانىڭ تېررورچىلىققا قارشى كۈرىشىنى سۇيىئىستېمال قىلغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئۈمىد بېغىشلايدۇ» دېدى ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە، ئۇلارنىڭ ئادالەت ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەقلىق كۈرەشلىرىنى قوللاشقا چاقىردى.
رابىيە قادىر خانىمنىڭ نۇتقىدىن كېيىن، ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ ھۆرمەت ۋە ئېھتىرام بىلدۈرگەن مېھمانلارنىڭ ئالقىش سادالىرى ئۇزاققىچە ئۈزۈلمىدى.
لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۇ يىللىق مەزكۇر مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى سۆيۈندۈردى.
مەخسۇس مۇشۇ مۇراسىمغا قاتنىشىش ئۈچۈن ۋاشىنگتونغا يېتىپ كەلگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، بۇنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن خۇشاللىنارلىق بىر خەۋەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ مۇكاپاتنىڭ رابىيە قادىر خانىمغا بېرىلىشى ئۇنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى ئۈچۈن ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى ۋە تۆلىگەن بەدەللىرىنىڭ خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنىشى بولۇپلا قالماي، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ كۈن تەرتىپكە كېلىشى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كۈرەشلىرىنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكى ۋە بىزنىڭ بۇ كۈرەشتە توغرا يولدا كېتىۋاتقانلىقىمىزنىڭ، بۇ يولىمىزنى داۋام قىلساق يەنىمۇ كۆپ قوللاشقا ئېرىشەلەيدىغانلىقىمىزنىڭ ئىپادىس، دەپ قارايمەن» دېدى.
مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى توم لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئادالەت فوندىنىڭ رەئىسى كاترىنا لەنتوس خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ: «مەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى، كىشىلىك ھوقۇقى ئۈچۈن تەھدىت ۋە زور بەدەللەرگە قارىماي كۈرەش قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ لىدېرى، ئانىسى، رابىيە قادىر خانىمدىن ئىنتايىن چوڭقۇر تەسىرلىنىمەن، بۇ قەيسەر ئايالدىن پەخىرلىنىمەن. ئۇ پۈتۈن دۇنياغا بىر ئۈلگە ياراتقان بىر ئايال. فوندىمىزنىڭ رابىيە قادىر خانىمنى بۇ مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈشىمىز ئۇنىڭ مىسلىسىز روھىي بېسىم ۋە خەتەرلەرگە قارىماي كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش كۈرەشلىرىنى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلغىنىمىزلا بولۇپ قالماستىن، بەلكى ئۇنى بۇ كۈرەشكە ئىلھاملاندۇرغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى، ئۇلارنىڭ ئېتىقاد ئەركىنلىكى، ئۆزىنىڭ غۇرۇرى، باراۋەرلىك ھوقۇقى، كىشىلىك ھەق-ھوقۇق كۈرەشلىرىگە بىر ئىجابىي كۈچ قۇۋۋەت بېغىشلاش. ئامېرىكا ۋە خەلقئارادىكى سىياسىيون، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئورتاق ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن رابىيە قادىر خانىمغا لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى بېرىش، خىتاي دۆلىتىنىڭ رەھبەرلىرىگە نىسبەتەن ئىنسان ھەقلىرىنى ھۆرمەت قىلىشقا، ئۆزىنىڭ قانۇن ۋە خەلقئارالىق قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىشقا بىر چاقىرىق ئېلان قىلىش» دېدى.
مۇراسىمغا قاتناشقان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى توم لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ سابىق خادىمى خانس خوگارىف زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ:«رابىيە قادىر خانىم لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىغا تامامەن لايىق. رابىيە خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى ئۈچۈن مىسلىسىز كۈرەش قىلىپ ئىنتايىن مۇھىم ۋە ئەھمىيەتلىك خىزمەتلەرنى قىلىپ كەلمەكتە. مەن رابىيە خانىمنى چىن كۆڭلۈمدىن تەبرىكلەيمەن. بۇ مۇكاپاتنىڭ دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈنىدە تارقىتىلىشى خەلقئارانىڭ دىققىتىنى يەنىمۇ ئۇيغۇرلارغا مەسىلىسىگە قارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.» دېدى.
مۇكاپات ساھىبلىرى رابىيە قادىر خانىم، ئىرشاد مانجى ۋە ئايائان خىرسى ئالىيلار مۇراسىمدىن كېيىن خەلقئارالىق مەتبۇئاتلارنىڭ زىيارەتلىرىنى قوبۇل قىلدى.
شۇ قاتاردا رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان رابىيە قادىر خانىم، بۇ مۇكاپات ئۇيغۇرلارنىڭ ئادالەت يولىدىكى كۈرەشلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى، ئامېرىكا ۋە خەلقئارانىڭ كىشىلىك ھوقۇق كۈنىدە ئۇيغۇرلارغا، خىتايغا ھەمدە دۇنياغا بەرگەن سىگنالى دەپ چۈشىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.