Tewellut-qehriman-ghojamberdi-1.jpg

ئۇيغۇر مىللىي پائالىيەتچىسى، تارىخچى ۋە سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ 70 ياشلىق تەۋەللۇتىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2015-يىلى 6-دېكابىر، ئالماتا. RFA/Oyghan

6-دېكابىردا ئالماتانىڭ دوستلۇق مەھەللىسىدىكى «ئامال» كافېخانىسىدا تارىخچى ۋە سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ 70 ياشلىق تەۋەللۇتىغا بېغىشلانغان تەنتەنىلىك مۇراسىم بولۇپ ئۆتتى.

ئۇنىڭغا ئالمۇتا شەھىرى ۋە ئالمۇتا ۋىلايىتىگە قاراشلىق پانفىلوف، ئۇيغۇر، ئەمگەكچىقازاق، تالغىر، جامبۇل ناھىيىلىرى، رۇسىيە، قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىدىن ۋەكىللەر، شۇنداقلا ئالماتادا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەر خىل جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلەر رەھبەرلىرى، ئۇلارنىڭ باشقارما ئەزالىرى، زىيالىيلار، ياشلار، يۇرت-جامائەتچىلىك قاتناشتى. شۇنداقلا تەۋەللۇت ئىگىسىنىڭ نامىغا ئامېرىكىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، گوللاندىيە ئۇيغۇر جامائىتى، تۈركىيە شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى نامىدىن خەمىت گۆكتۈرك، بېلگىيەنىڭ ئانتۋېرپېن شەھەرلىك«ئۇيغۇرىستان مەدەنىيەت مەركىزى» ۋە دۇنيا تۈركلەرنىڭ ياۋروپا پلاتفورمىسى، شىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتى ۋە جامائىتى، تاتارىستاننىڭ «كۆك بۆرە» ھەرىكىتى، باشقۇردىستان دۇنيا قۇرۇلتىيى، ياكۇتىيەنىڭ «جەمئىيەتلىك تەشكىلاتلار ھوقۇقلىرى بويىچە فېدېراتسىيە ئۇنىۋېرسىتېتى» مۇدىرى نىكولاي ئافاناسيېف، ئەزەربەيجان «مۇساۋات» پارتىيىسىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ئازېر خاسرېت، قىرىم تاتارلىرى مىللىي مەجلىسىنىڭ تاشقى ئالاقىلەر بويىچە رەھبىرى ئېلى خامزىن، ئۆزبېكىستاننىڭ ئورتا تۈرك تىلى ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى بەختىيار كەرىموف ۋە باشقىلار ئۆزلىرىنىڭ تەبرىك خەتلىرىنى يوللىدى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان يازغۇچى ئابدۇخالىق ماخمۇدوف ق. غوجامبەردىگە خاس ئالاھىدىلىكلەرنى مۇنداق دەپ چۈشەندۈردى: «بىزنىڭ بۈگۈن تەۋەللۇت ئىگىسى بولغان دوستىمىز قەھرىمان ئۆزىنىڭ پاك ۋىجدانى بىلەن ياشاپ كېلىۋاتقان، ئۆزىنىڭ غۇرۇرى، ۋىجدان ئەمرى بىلەن سۆزلەپ كېلىۋاتقان ئاكىلىرىمىز ئارىسىدا، بولۇپمۇ قازاقىستان تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئۆزىنىڭ كىملىك سالاھىيىتىنى ئۆزگەرتمەي كېلىۋاتقان ئالاھىدە بىر شەخس. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۇنى قەدىرلەيمىز. قەھرىماننىڭ بىزنىڭ ۋەتىنىمىزگە ئالاقىدار بولغان ھەر خىل تارىخىي كۈنلەرنى ئەسلەش، خاتىرىلەش ئىشلىرىنى بېشىغا ئېلىپ ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقى مىللىتىمىزنىڭ ساقلىنىشىغا، ۋەتەننى ئۇنتۇپ قالماسلىقىغا، شۇنى خىيالىدا مۇستەھكەملەشكە ناھايىتى ياخشى بىر تۈرتكە بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. مەن قەھرىماننىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتىغىمۇ ئائىلەۋىي بەخت-سائادەت، مىللەت ئۈچۈن قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىگە ھازىرغىچە تەبىئىتىگە سىڭىشكەن بەرداشلىقنىڭ ئەبەدىي بولۇپ قېلىشىنى خالايمەن.»

مۇراسىمدا پېشقەدەم ژۇرنالىست يادىكار سابىتوف ق. غوجامبەردىنىڭ تەرجىمىھالى ۋە ئىش-پائالىيەتلىرى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتى رەھمەتجان يۈسۈپوف بولسا، ئۇنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرى ھەققىدە دوكلات قىلدى. ئۇنىڭدا سۆزگە چىققان رۇسىيە ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەدەنىيەت مەركىزى رەئىسى رەفقەت سادىقوف، قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى ۋە جامائەتچىلىكى نامىدىن ئەكبەرجان باۋۇدۇنوف، دىلمۇرات ئەكبەروف، ئوسمان تۇردىيېف، ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ياركەنت تەۋەسىدىن پانفىلوف ناھىيىلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى دىلشات ناسىروف، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنومەدەنىيەت مەركىزى يېنىدىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى شاۋكەت ئۆمەروف، شۇ مەركەز تەركىبىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر يىگىت باشلىرى كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئابدۇرېشىت مەخسۈتوف، تالغىر ناھىيىلىك ژىگىت باشلىرىنىڭ رەئىسى جامالدىن ناسىروف، «ئىنايەت» جەمئىيەتلىك بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى تۇرغانجان روزاخۇنوف باشچىلىقىدىكى باشقارما ئەزالىرى، «ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي بىرلەشمىسى» رەئىسى تامارا مەمەتوۋا، دۇنيا ئۇيغۇر ئاياللىرى بىرلىكى رەئىسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بويىچە ئورۇنباسارى ئاسىيەم تۇردىيېۋا، ئالىم ۋە يازغۇچىلاردىن رابىك ئىسمايىلوف، جەمشىت روزاخۇنوف، مەھەممەتئىمىن ئوبۇلقاسىموف، ئابدۇخالىق ماخمۇدوف، شاۋكەت نەزەروف، ئالىمجان ھەمرايېف، رۇسلان ئارزىيېف ۋە باشقىمۇ كۆپلىگەن زىيالىيلار، تىجارەتچىلەر، يۇرت ئاكتىپلىرى ئۆزلىرىنىڭ تەۋەللۇت ئىگىسى نامىغا ئىللىق تىلەكلىرىنى بىلدۈردى، شائىرلار بولسا ئۇنىڭغا ئاتاپ يازغان شېئىرلىرىنى ئوقۇدى.

مەزكۇر تەنتەنىگە قاتناشقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يېنىدىكى ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش كومىتېتىنىڭ قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىدىكى ۋەكىلى، «بېيبىتشىلىك ئەلېمى» خەلقئارا قازاق ئىجادىي بىرلەشمىسى پرېزىدېنتى ئابېن نۇرمانوف ق. غوجامبەردىنى تەبرىكلەپ، ئىجادىي بىرلەشمىنىڭ ئالتۇن مېدالى بىلەن تەقدىرلىسە، جەمئىيەت ئەربابى خاسېن كوجاخمېت تەۋەللۇت ئىگىسىگە ئۆزىنىڭ كىتابىنى سوغا قىلدى.

ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ جامبۇل ناھىيىسىدىن مۇشۇ مۇراسىمغا كەلگەن ئىمەرجان ئاكا ق. غوجامبەردى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «ھۆرمەتلىك دۇنيا قېرىنداشلىرىمىز، ۋەتەنداشلىرىمىز! بۈگۈن بىزنىڭ قېرىندىشىمىز قەھرىماننىڭ 70 ياشلىقىنى تەبرىكلەۋاتىمىز. قەھرىمان بولسا، پۈتۈن ھاياتىنى خەلق ئۈچۈن، ۋەتەن ئۈچۈن بېغىشلىغان ئادەم. ئۇيغۇردىن چىققان قەيسەر، ھەقىقىي قەھرىمانىمىز. بىز، ئۇيغۇر خەلقى، پۈتۈنلەي قەھرىماننى قوللايمىز ھەم بىرلىكتە ياردەم بېرىمىز. قەھرىمان ئىنىمىز بۇ يولدىن ھەرگىز چېكىنمەيدۇ. ئۇ، خەلقىمىز قاچان ئەركىنلىككە، ھۆرلۈككە يەتكۈچە ھاردىم، تالدىم دېمەي ھەرىكەت قىلىدىغان ئادەملەرنىڭ بىرى. بىز قەھرىماننىڭ 70 ياشلىقىدا ئالاھدىن بۇنىڭدىنمۇ كۆپ ئۆمرىنى تىلەيمىز. مۇشۇ تىلەكلىرىگە يەتسۇن. خۇشاللىقلاردا، ئەركىنلىكلەردە كۆرۈشەيلى.»

مۇراسىمنىڭ زىياپەت قىسمىدا ق. غوجامبەردىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، دوست-بۇرادەرلىرى، يۇرتداشلىرى تىلەكلىرىنى بىلدۈرۈشتى، مۇراسىم «دىيار» گۇرۇپپىسىنىڭ ئورۇنلىشىدا ئانا-يۇرت، ۋەتەن ھەققىدىكى ناخشىلار ۋە «تەكلىماكان» توپىنىڭ ئۇسسۇللىرى بىلەن داۋاملاشتى. مۇراسىمدا ق. غوجامبەردىنىڭ «ماقالىلەر» ناملىق كىتابىنىڭ 2-قىسمى پۈتكۈل مېھمانلارغا سوغا سۈپىتىدە تارقىتىلدى.