«ۋاشىنگتون ۋاقتى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى توم لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئادالەت فوندى 10-دېكابىر كۈنى رابىيە قادىر، ئىرشاد مانجى، خىرسى ئالى قاتارلىق «ئۈچ قەھرىمان ئايال» نى مۇكاپاتلايدىكەن.
توم لەنتوس فوندىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئوخشاش ھالدا مۇسۇلمانلار ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان بۇ ئۈچ ئايال مىسلىسىز روھىي بېسىم ۋە خەتەرلەرگە قارىماي، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش كۈرەشلىرىنى داۋام قىلىپ كەلگەنلەر بولۇپ، بىردەك ئۆز ئالدىغا تارىخ ياراتقانلار ئىكەن.
مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ رەئىسى كاترىنا لەنتوس خانىم يەر شارى مىقياسىدا «ئۇيغۇرلارنىڭ ئانىسى» دەپ ئېتىراپ قىلىنغان رابىيە قادىرنىڭ ئەينى ۋاقىتتا خىتايدىكى ئەڭ نامرات بىر رايوندا ئۆسۈپ چوڭ بولغانلىقىنى، كېيىنچە ئۆز ئەقىل-پاراسىتى ۋە تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ خىتايدىكى ئەڭ پۇلدار شەخسلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغانلىقىنى تىلغا ئالغان.
لەنتوس خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، رابىيە قادىرنىڭ مۇشۇنداق ئالەمشۇمۇل مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئۇنى ئەينى ۋاقىتتا خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ دىققىتىگە سازاۋەر قىلغان، شۇنداقلا ئۇنىڭغا خىتاينىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشتە مۇناسىۋەتلىك ۋەزىپىلەردە بولۇش پۇرسىتى ئاتا قىلغان. ئەمما، رابىيە قادىر ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەندىن كېيىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەھۋالى توغرىلىق ھەقىقەتنى سۆزلىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇزۇن ئۆتمەي ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان. كېيىنچە رابىيە قادىر خانىمنىڭ پاسپورتى مۇسادىرە قىلىنىپ، ئۆزى تۈرمىگە تاشلانغان.
لەنتوس خانىم يەنە، رابىيە قادىرنىڭ تۈرمىدىن چىقىپ ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىنمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆرلۈكى ۋە ئەقەللىي ئىنسان ھەقلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنى توختاتمىغانلىقىنى تەكىتلەپ، رابىيە قادىرنىڭ ئارزۇسى «پەرزەنتلىرى بىلەن ئۆز ۋەتىنىدە جەم بولۇش، شۇنداقلا پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھۆرلۈك ۋە ھۆرمەت ئاساسىدا ئۆز ۋەتىنىدە ياشىغانلىقىنى كۆرۈش» ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان.
ئالاقىدار ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، رابىيە قادىر خانىم بىلەن بىرلىكتە مۇكاپاتلىنىدىغان مىسىر قان سىستېمىسىدىكى كانادا پۇقراسى ئىرشاد مانجى ۋە سوملىدا تۇغۇلۇپ گوللاندىيەدە چوڭ بولغان سىياسىيون خىرسى ئالىمۇ ئۆز ئالدىغا زور مەنىۋى تۆھپە ياراتقانلاردىن ئىكەن.