erkin-asiya-radiosi.jpgئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى

خىتاي ھۆكۈمىتى يوقاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان ئاتالمىش «تېررورچى» لارنىڭ بايدىكى كۆمۈركان ھۇجۇمچىلىرى ئىكەنلىكى بىلىنمەكتە

خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى تورى 14‏-نويابىر كۈنى مەخسۇس خەۋەر ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 56 كۈن ئېلىپ بارغان ئىز قوغلاپ زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ «كاتتا نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكى» نى ۋە «تېررورچىلارنىڭ تولۇق يوقىتىلغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن.

خەۋەردە ئاتالمىش «تېررورچى» لارنىڭ 13-نويابىر كۈنى، يەنى پارىژدا تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەرگەن كۈنى خىتاي قوراللىق كۈچلىرى تەرىپىدىن تولۇق يوقىتىلغانلىقى ئالاھىدە قەيت قىلىنغان.

رادىئويىمىزنىڭ باي ناھىيەسىدىكى ئالاقىدار ئورۇنلاردىن مەلۇمات ئىگىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يوقاتتۇق دەپ داۋراڭ سېلىۋاتقان ئاتالمىش «تېررورچى» لارنىڭ بايدىكى كۆمۈركان ھۇجۇمچىلىرى ئىكەنلىكى بىلىنمەكتە.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ خاتىرە كۈنى» نى تەبرىكلىدى

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان تارىخىدا قۇرۇلغان ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ «خاتىرە كۈنى» نى داغدۇغىلىق تەبرىكلىدى.

14-نويابىر ئۆتكۈزۈلگەن «ئىككى جۇمھۇرىيەت كۈنى» نى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى تەشكىللىدى.

خاتىرىلەش پائالىيىتى داۋامىدا «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ دۆلەت مارشى» ئورۇنلاندى. تارىختىكى «ئىككى جۇمھۇرىيەت» نى قۇرۇش يولىدا ھاياتىنى تەقدىم قىلغان شېھىتلارنىڭ روھىغا ئاتاپ خەتمە قۇرئان ئوقۇلدى.

ئاخىرىدا «ئىككى جۇمھۇرىيەت» نىڭ قۇرۇلۇشى ۋە يىقىلىش تارىخىغا بېغىشلانغان مەخسۇس ئىلمىي دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

رابىيە قادىر خانىم «20 دۆلەت گۇرۇھى» رەھبەرلىرىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى دۆلەت تېررورلۇقىنى تەكشۈرۈشكە چاقىردى

تۈركىيەدە ئېچىلىۋاتقان «20 دۆلەت گۇرۇھى» باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى 15-نويابىر سۆز قىلىپ، «خىتايمۇ تېررورلۇقنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقان دۆلەت» دەپ كۆرسەتكەن.

ئۇ سۆزىدە «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىگە زەربە بېرىش خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولۇشى كېرەك» دېگەنلەرنى تەكىتلىگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ۋاڭ يىنىڭ سۆزىگە قارشى ئىنكاس قايتۇردى.

تۆھپىكار مۇزىكا تەھرىرى يادىكار ئابدۇسالام ئالەمدىن ئۆتتى

ئۈنگە ئېلىش تېخنىكىسىنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەن «ئالتۇن قۇلاق» دەپ تەرىپلىنىپ كەلگەن مۇزىكا تەھرىرى يادىكار ئابدۇسالام 17-نويابىر كۈنى ئۈرۈمچىدە ئالەمدىن ئۆتكەن.

قىرانلىق يېشىدا تۇرۇۋاتقان يادىكار ئابدۇسالامنىڭ كېسەللىك سەۋەبى بىلەن قازا قىلىشى ئۇيغۇر سەنئەت ساھەسىدىكى كەسىپداشلىرى ۋە شاگىرتلىرىنى چوڭقۇر قايغۇغا چۆمدۈرگەن.

مۇسىبەت كۈنىدە بىر قىسىم ئۇيغۇر سەنئەتكارلار رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مەرھۇم يادىكار ئابدۇسالامنىڭ ھاياتىنى ئەسلەپ ئۆتتى ھەمدە ئۇنىڭ ئۇيغۇر مىللىي مۇزىكا مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى.

كۇچا دېھقانلىرىنىڭ «جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» نىڭ روھىنى ھاشار ئەمگىكى بىلەن ئۆگىنىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا

قەشقەردە چاقىرىلغان «جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» ئاخىرلىشىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مەزكۇر يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش مەزمۇن قىلىنغان سىياسىي پائالىيەتلەرنى جىددىي ئورۇنلاشتۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

رادىئويىمىزنىڭ كۇچا ناھىيەسىدىكى ئالاقىدار ئورگانلار ۋە شەخسلەردىن ئىگىلىشىچە، يەرلىك دائىرىلەر ناھىيەدىكى دېھقانلارنى ھاشارغا تەشكىللەش ئارقىلىق «جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» نىڭ روھىنى ئۆگىنىۋاتقانلىقى ئاشكارا بولماقتا.

گۇما يېزىلىرىدىكى بالىلارنىڭ قارانچۇقسىز قېلىۋاتقانلىقى ئوقۇتقۇچىلارنى ئەندىشىگە سالماقتىكەن

گۇما ناھىيەسىنىڭ مۇجى بازىرىغا قاراشلىق يېڭىباغ باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇيدىغان بالىلارنىڭ ئۇزۇن مەزگىل قارانچۇقسىز قالغانلىقى دىققەت قوزغىماقتا.

مەلۇم بولۇشىچە، مۇجى بازىرىغا قاراشلىق كەنتلەردىكى يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمى بولمىغاچقا يىللاردىن بۇيان ئاقسۇ تەۋەسىدىكى بىڭتۇەننىڭ كېۋەزلىكلىرىگە ياللىنىپ ئىشلىمەكتىكەن.

كەنتتىكى ئاتا، ئانىلار بىر يىلنىڭ كۆپ قىسمىنى بىڭتۇەننىڭ كېۋەزلىكلىرىدە ئىشلەپ ئۆتكۈزگەچكە بالىلارنىڭ قارانچۇقسىز قېلىۋاتقانلىقى ئوقۇتقۇچىلارنى ئەندىشىگە سالغان.

ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئوقۇتقۇچىلار مەكتەپتىكى بالىلارنىڭ قىشلىق كىيىم-كېچەكلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن توردا مۇراجىئەت ئېلان قىلىپ، كونا كىيىم-كېچەك توپلىماقتىكەن.