دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ 26-نۆۋەتلىك خىزمەت يىلىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. بۇ يىل 6-ئايدىكى پارلامېنت ئەزالىرى سايلىمىدا ھېچقانداق سىياسىي پارتىيە ئۆز ئالدىغا ھۆكۈمەت قۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە بولالمىغاندىن كېيىن قايتا سايلام ئۆتكۈزۈش قارار قىلىنغان ئىدى.
11-ئاينىڭ بېشىدا ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ئۆز ئالدىغا ھۆكۈمەت قۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە بولدى. يېڭى سايلانغان 4 سىياسىي پارتىيەدىن 550 پارلامېنت ئەزاسى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئېچىلىش مۇراسىمىدا بىر - بىرلەپ سەھنىگە چىقىپ قەسەم ئىچىپ خىزمەتكە باشلىدى. بۇ مۇراسىمغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ۋاكالىتەن سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى رەسمىي تەكلىپ بويىچە ئىشتىراك قىلدى. ئۇ، مىنىستىر ۋە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، دۇنيا ئۇيغۇر رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ سالامىنى يەتكۈزۈش بىلەن بىرلىكتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نامىدىن ئۇلارنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.
بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندىن كېيىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نامىدىن ئۇلار بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تەلەپلىرىنى يەتكۈزىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
17-نويابىر كۈنى قەسەم ئىچىپ ۋەزىپىسىنى باشلىغان پارلامېنت ئەزالىرى 4 يىلغىچە ۋەزىپە ئۆتەيدۇ.