wang-yi-Albert-del-Rosario.jpgخىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى(ئوڭدا) فىلىپپىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئالبەرت دېل روسارىو بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەكتە. 2015-يىلى 10-نويابىر، مانىلا.

خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى، ئانتالىيەدە ئېچىلىۋاتقان 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا، 15-نويابىر كۈنى سۆز قىلىپ، «خىتايمۇ تېررورلۇقنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچى دۆلەت» دەپ كۆرسىتىپ، «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىگە زەربە بېرىش خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولۇشى كېرەك» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاينى قوللاشقا چاقىرغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بۈگۈن رادىيومىز مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ۋاڭ يىنىڭ سۆزلىرىگە ئىنكاس قايتۇردى. رابىيە قادىر، «ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇققا چېتىپ باستۇرۇپ كەلگەن خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا خەلقئارانىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدىن، ھەتتا پارىجدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدىنمۇ پايدىلىنىشقا ئۇرۇندى»دەپ تەنقىد قىلدى.

رابىيە قادىر خانىم سۆزى داۋامىدا: «20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى دۆلەت تېررورلۇقىنى تەكشۈرۈشكە چاقىرىمەن» دېدى.

-ھۆرمەتلىك رابىيە قادىر خانىم، بۈگۈنكى خەۋەرلەردىكى بىر قىزىق نۇقتا، خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى يىغىنىدا خىتاينىمۇ تېررورلۇقنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچى دۆلەت دەپ كۆرسىتىپ «شەرقىي تۈركىستان تېررور كۈچلىرى» گە زەربە بېرىشتە خەلقئارانى ھەمكارلىققا چاقىرىق قىلدى، سىز، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ چاقىرىقى نېمىنىڭ ئىپادىسى دەپ قارايسىز؟

-خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا خەلقئارانى ھەمكارلىققا چاقىردى. بىزمۇ خەلقئارانىڭ خىتاي ئۆزى چاقىرىق قىلغان بۇ پەيتنى مەھكەم تۇتۇپ، شەرقىي تۈركستانغا بېرىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان دۆلەت خاراكتېرلىك تېررورلۇق ھەرىكىتىنى تەكشۈرۈشكە چاقىرىمىز. چۈنكى خىتاي شىنجاڭ رايونى دەۋاتقان شەرقىي تۈركىستاندا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان تېررورلۇق ھەرىكىتى، خەلقىمىزنىڭ ئۆزىنى قوغداش ھەرىكىتى بار. شۇڭا شەرقىي تۈركستاندا ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنى قوغداش ھەرىكىتى ئېلىپ بارىدۇ، خىتاينىڭ دۆلەت تېرورلۇقىنى يوقىتىش بولسا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھەمكارلىشىپ قارشى تۇرىدىغان ئوبيېكتى بولۇشى كېرەك.

-سىز دېگەندەك، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى تېررورلۇققا باغلاپ چۈشەندۈرىۋاتىدۇ، فرانسىيىدە 13-نويابىر تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئەتىسىلا خىتاي تاراتقۇلىرى ساقچىلارنىڭ 56 كۈن ئىز قوغلاش ئارقىلىق» تېررورچىلار » ئۈستىدىن غەلىبە قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. خىتاي نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتىن قانداق پايدىلىنىۋاتىدۇ دەپ قارايسىز؟
-خىتاي ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇشلىرىنى ھەقلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۆزىنى خەلقئاراغا مەن تېررورنىڭ قۇربانى دەپ كەلدى، خىتاي، فىرانسىيە پارىجدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ۋەقەسى چىقىشى بىلەن تەڭ، باي كۆمۈركان ۋەقەسىنى تۇغدۇرغانلارنى تۇتۇپ زەربە بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى، ئۇ خەۋەرلەرگە گۇمان بىلەن قارايمىز. خەۋەردە قانچە ئادەمنى تۇتتى، ئۇلار كىملەر؟ بۇنىڭغا ئوچۇقلىما بېرىلمىدى. بىز دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى فرانسىيىدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھەرىكىتىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز ھەم فرانسىيىدىكى ۋەقەدە قۇربان بولغانلارغا ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا تەزىيە بىلدۈرىمىز. ئەمما فىرانسىيەدىكى ۋەقە بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى باشقا ‏-باشقا مەسىلە.

_20 دۆلەت گۇرۇھى ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ يىغىنى بۇ قېتىم تۈركىيىدە ئۆتكۈزۈلىۋاتىدۇ، تۈركىيە بولسا ئۇيغۇر ھەرىكىتى ئەڭ جانلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ۋە قوللاشقا ئېرىشكەن بىر دۆلەت، خىتاينىڭ 20 دۆلەت ئالىي رەھبەرلىرى ئالدىدا خەلقئارانىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش غەرىزىدە ئۆزىنى «شەرقىي تۈركىستان تېررورلۇق كۈچلىرى»نىڭ قۇربانى دەپ قەيت قىلىشى ۋە دۇنيانى ئۇلارغا قارشى تۇرۇشقا ھەمكارلىققا چاقىرىشى بىلەن، تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە بېسىم ئېلىپ كېلىشى مۇمكىنمۇ؟
-ھەرگىزمۇ بېسىم ئېلىپ كېلەلمەيدۇ، تۈركىيەدىكى تەشكىلاتلارغا، خەلقئارادىكى تىنچلىق يولىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تەشكىلاتلىرىمىزغا ۋە ۋەتىنىمىز ئىچىدە ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلارغا، ئوخشاشلا بېسىم ئېلىپ كېلەلمەيدۇ، دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە بىزنىڭ دېموكراتىك ۋە تىنچلىق بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكىتىمىزنى خىتاينىڭ بۇرمىلاۋاتقانلىقىنى بىلىدۇ. خىتاي ئۆزىنىڭ تېررورلۇق ھەرىكىتىنى نىقابلاپ كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى 20 دۆلەت رەھبەرلىرىمۇ ياخشى بىلىدۇ دەپ قارايمەن. ئۆزى باستۇرۇۋاتقان بىر مىللەتنىڭ قارشىلىق ھەرىكىتىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن باغلاش ئۈچۈن فرانسىيە تېررورلۇق ۋەقەسىگىمۇ باغلاشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنىمۇ ياخشى بىلىدۇ، دەپ قارايمەن.

-مەلۇم بولغاندەك مۇساپىرلار مەسىلىسىمۇ ئانتالىيەدىكى 20 دۆلەت گۇرۇھى يىغىنىنىڭ مۇھىم كۈن تەرتىپىنىڭ بىرى، خىتاينىڭ سىياسىي، دىنىي زۇلۇملىرىدىن قېچىپ چەتئەللەرگە چىقىۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قانداق مەسئۇلىيىتى بار دەپ قارايسىز؟

-ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىمۇ دۇنيادىكى قۇتقۇزۇشقا تېگىشلىك مۇساپىرلارنىڭ بىر قىسمى، ئۇيغۇر سەرگەردانلىرىمۇ، سۈرىيىدىن قېچىۋاتقان، ئۇرۇشلاردىن قېچىۋاتقان سەرگەردانلارغا ئوخشاشلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت تېررورىدىن، ناھەقچىلىكلەردىن جېنىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن قېچىشقا مەجبۇر بولغانلار. شۇڭا بىز خەلقئارانىڭ مۇساپىرلار مەسىلىسىدە ئالغان قارارلىرىدا كىشىلىك ھوقۇق پرىنسىپلىرىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى قۇتۇلدۇرۇشنىمۇ كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈدۇ دەپ قارايمەن.

‏-رەھمەت سىزگە رابىيە قادىر خانىم.