erkin-asiya-radiosi.jpgئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى

رابىيە قادىر خانىم «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى خاتىرە كۈنى» دە بايانات ئېلان قىلدى

12-نويابىر- ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى زامان تارىخىدا ئارقا-ئارقىدىن قۇرغان ئىككى قېتىملىق «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى خاتىرە كۈنى».

1933-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى ۋە 1944-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۇيغۇرلار ئۆز ۋەتىنىدە باشقا قېرىنداش خەلقلەر بىلەن بىرلىكتە ئىككى قېتىم شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى ئېلان قىلغان.

نۆۋەتتە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى بۇ تارىخىي كۈننى خاتىرىلىمەكتە.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم رادىئومىزدا بايانات ئېلان قىلدى. ئۇ «ئىككى جۇمھۇرىيىتىمىزنى ھەر ۋاقىت ياد ئېتىپ تۇرۇش، بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مىللىي ھەم ۋىجدانى بۇرچى» دەپ كۆرسەتتى.

ئېلدوس غەيرەت 2015-يىللىق نورۋېگىيە تالانت سەھنىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە تاللانغان

نورۋېگىيەدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر ياش ناخشىچى ئېلدوس غەيرەت 2015-يىللىق نورۋېگىيە تالانت سەھنىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە تاللانغان.

ياش ناخشىچى ئېلدوس بۇ يىل يازدىن بۇيان ئۆزىنىڭ «يۇرتۇم»، «ئانا» قاتارلىق بىر يۈرۈش لىرىك ناخشىلىرى بىلەن نورۋېگىيە سەھنىسىدە كۆزگە كۆرۈنۈشكە باشلىغان.

ئۇ، «نورۋېگىيە تالانت سەھنىسى» نىڭ ئالدىنقى بىرقانچە قېتىملىق ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىلىرىدە ئىزچىل نەتىجە قازىنىپ، نەچچە مىڭ ماھىر ئىچىدىن يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرگەن 54 ماھىرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.

ئېلدوس غەيرەت 13-نويابىر، يەنى جۈمە كۈنى نورۋېگىيە ۋاقتى كەچ سائەت 7:30 دە ئوسلودا ئۆتكۈزۈلىدىغان يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىدىكەن.

18 ياشلىق ئېلى مامۇت «تېررورلۇق تەشكىلاتىغا رەھبەرلىك قىلىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان

رادىئويىمىزنىڭ ئېنىقلاشلىرىغا قارىغاندا، ئاقسۇنىڭ ئايكۆل يېزىسىدىكى 18 ياشلىق ئېلى مامۇت «تېررورلۇق تەشكىلاتىغا رەھبەرلىك قىلغان» دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئېلى مامۇت 2014-يىلى 9-ئاينىڭ ئاخىرى ئاقسۇ شەھىرىدىكى تېخنىك-ئىشچىلار مەكتىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن.

2015-يىلى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى ئېلى مامۇت سوتلىنىپ مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان. ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى سوتقا قاتناشتۇرۇلمىغان.

ئىگىلىنىشىچە، ئېلى مامۇتنىڭ ئائىلىسى يېقىندا ئوغلىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى 5‏-تۈرمىگە يۆتكەلگەنلىكى ھەققىدە تۈرمە دائىرىلىرىدىن خەت تاپشۇرۇۋالغان. خەتتە ئېلى مامۇتنىڭ «تېررورلۇققا كۈچ توپلاش ۋە رەھبەرلىك قىلىش جىنايىتى» بىلەن ئەيىبلىنىپ مۇددەتسىز كېسىلگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ناھىيەلەردە پىلانلىق تۇغۇت كونتروللۇقىنى كۈچەيتمەكتىكەن

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە 1986‏-يىلى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى رەسمىي يولغا قويغاندىن بۇيان، شەھەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 2، يېزا نوپۇسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 3 پەرزەنتلىك بولۇشىنى بەلگىلىگەن ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى يېقىندا قارار چىقىرىپ، خىتايلارغىمۇ بىردەك 2 پەرزەنتلىك بولۇشنى يولغا قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ ھال خىتايدا بىر پەرزەنتلىك پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە خاتىمە بېرىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

كۆزەتكۈچىلەر، «بېيجىڭ ھۆكۈمىتى خىتاي ئاھالىلىرىنىڭ 2 پەرزەنتلىك بولۇشىنى تەستىقلىغان بولسىمۇ، بىراق دائىرىلەر ئۇيغۇر ئېلىدە، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىۋاتقانلىقى مەلۇم» دەپ ھېسابلىماقتا.

22 ياشلىق ھۈسەنجان «تېلېفوندا دىنىي مەزمۇندىكى ئۇچۇر تارقاتقان» دەپ ئەيىبلىنىپ 15 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان

ئىگىلىشىمىزچە، دائىرىلەرنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېفون ئىشلەتكۈچىلەرگە بولغان كونتروللۇقىنىڭ قاتتىق كۈچەيگەنلىكى مەلۇم.

رادىئويىمىزنىڭ نەق مەيداندىن ئەھۋال ئېنىقلىشىچە، بۇ يىل 7-ئايلاردا ئاۋات ناھىيەلىك سوت مەھكىمىسى 30 نەچچە ئۇيغۇر گۇماندارغا جازا ھۆكۈمى ئېلان قىلغان.

«مۇقىملىق» كادىرلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ھۆكۈم ئېلان قىلىنغانلار ئىچىدە ئاۋات ناھىيەسىنىڭ يېڭىئېرىق يېزا ئۈستۈن لەڭگەر كەنتىدىن 3 كىشى بار ئىكەن.

ئۇلارنىڭ ھەممىسى «تېلېفوندا دىنىي مەزمۇندىكى ئۇچۇر تارقاتقان» دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەن. بۇلاردىن 22 ياشلىق ھۈسەنجاننىڭ 15 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى مەلۇم.

دائىرىلەر خىتاي ياسىغان «ئىسسىز كاۋاپدان» نى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەممە جايىغا ئومۇملاشتۇرماقچىكەن

ئىگىلىنىشىچە، دائىرىلەر بۇ يىل ئۈرۈمچىدە يەن شىڭمىڭ ئىسىملىك بىر خىتاي ئىشچى لايىھەلىگەن «بۇس چىقمايدىغان ئىسسىز كاۋاپدان» غا زور مەبلەغ ئاجراتقانلىقى مەلۇم.

مەزكۇر كاۋاپدان ئالدى بىلەن ئۈرۈمچىدە ئاندىن پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا ئومۇملاشتۇرۇلىدىكەن.

مەلۇمكى، كاۋاپ ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مىللىي تائاملىرى ئىچىدىكى ئەڭ مۆتىۋەر يېمەك تۈرلىرىنىڭ بىرى. ئۈرۈمچىنىڭ ئۆزىدىلا ئۇيغۇرلار ماڭدۇرۇۋاتقان ئەنئەنىۋى كاۋاپدانلارنىڭ 8 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقى مەلۇم.

كۆزەتكۈچىلەر، دائىرىلەرنىڭ «كۆك ئاسمان قۇرۇلۇشى»، «مەدەنىي ۋە پاكىز شەھەر قۇرۇلۇشى» دېگەندەك شوئارلارنى باھانە قىلىپ، خىتايلار بازارغا سالغان «ئىسسىز كاۋاپدان» نى رايوندا مەجبۇرىي ئومۇملاشتۇرۇشى ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى تاماق مەدەنىيىتىگە خىرىس ئېلىپ كېلىدۇ، دەپ قارىماقتا.