
خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ بايدىكى كۆمۈركان ھۇجۇمچىلىرىنى ئىزدەش ئوپېراتسىيەسى 40 كۈندىن ئاشقان
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ بايدىكى كۆمۈركان ھۇجۇمچىلىرىنى ئىزدەش ئوپېراتسىيەسى 40 كۈندىن ئاشقان.
رادىئويىمىزنىڭ بايدىكى تېرەكبازار ۋە ئۇنىڭغا قوشنا يېزىلاردىكى ساقچىخانا ھەمدە ئالاقىدار ئىدارە-جەمئىيەتلەرنىڭ نۆۋەتچى خادىملىرىدىن ئېنىقلىشىچە، گۇماندارلار تا بۈگۈنگە قەدەر تۇتۇلمىغان.
ئىگىلىنىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ۋەقە گۇماندارلىرىنى تۇتۇشقا قانچىلىك ئۇرۇنۇۋاتقان بولسا، مەزكۇر ۋەقە ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە دۇنياغا ئاشكارىلىنىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈنمۇ شۇنچىلىك تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتىكەن.
ئىگىلىشىمىزچە، خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر ۋەقە ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى شۇنچە قاتتىق قامال قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاۋام خەلقنىڭ بۇنىڭدىن ئاللىقاچان خەۋەر تېپىپ بولغانلىقى مەلۇم بولماقتا.
رابىيە قادىر خانىم توم لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ توم لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى يەنە بىر قېتىم سۆيۈندۈردى.
27-ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكىدىكى توم لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئادالەت فوندى رابىيە قادىر خانىمنىڭ باشقا ئىككى نەپەر ئايال پائالىيەتچى بىلەن بىرگە 2015-يىللىق توم لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر، «بۇ مۇكاپاتنىڭ رابىيە خانىمغا بېرىلىشى ئۇنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈن ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى ۋە تۆلىگەن بەدەللىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئاراغا تونۇلۇشىدىمۇ زور ئەھمىيەتكە ئىگە،» دەپ قارىماقتا.
شوتلاندىيەلىك ناخشىچى جو ھامىلتون ئىلھام توختىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆزگىچە خاتىرىلىدى
25-ئۆكتەبىر تۈرمىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى.
دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئەركىنلىكنى ھىمايە قىلغۇچى شەخسلەر خىتاي تۈرمىسىگە ئۆمۈرلۈك قامالغان ئىلھام توختىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن خاتىرىلىدى.
ئىگىلىنىشىچە، ئۇلار ئىلھام توختىغا ئاتاپ ئۈرۈمچىدىكى تۈرمە ئادرېسىغا تۇغۇلغان كۈنى كارتىسى ئەۋەتكەن ياكى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىق قىلىپ بايانات ئېلان قىلغان.
شوتلاندىيەلىك ناخشىچى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى جو ھامىلتون ئەپەندىمۇ شۇ كۈنى تاڭ سەھەردىن كۈن پاتقىچە پىيادە يول مېڭىپ ئىلھام توختىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلىگەن.
بېيجىڭغا ئەرز قىلىپ بارغان 4 قېرىنداش 1 يىلدىن 3 يىلغىچە قاماقتا ياتقان
قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ماڭلاي يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق ئەرزدار غوجىمۇھەممەت جاپپار ئائىلىسىدىكى 4 قېرىنداشنىڭ بېيجىڭغا بېرىپ ئەرز قىلغانلىقى ئۈچۈن 1 يىلدىن 3 يىلغىچە قاماقتا ياتقانلىقى ئاشكارىلاندى.
مەلۇم بولۇشىچە، غوجىمۇھەممەت جاپپار تارتىۋېلىنغان ئۆي-زېمىنىنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن ئۈچ ئىنىسى ۋە بىر سىڭلىسى بىلەن بىرلىكتە 2007-يىلى بېيجىڭغا ئەرز قىلىپ بارغان.
ئۇلارنىڭ ئەرزى ئېتىبارغا ئېلىنمىغاندىن كېيىن، ئۇلار بېيجىڭدىكى چەتئەل ئەلچىخانىلىرى ئالدىدا تۇرۇۋېلىپ خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.
ئۇلار يۇرتىغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن يەرلىك دائىرىلەر تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان. ئالاقىدار كەنت سېكرىتارىمۇ غوجىمۇھەممەت ئائىلىسىدىكى 4 قېرىنداشنىڭ 1 يىلدىن 3 يىلغىچە قاماقتا يېتىپ چىققانلىقىنى دەلىللىدى.
بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىدىكى پاختىكار دېھقانلارنىڭ زىيان تارتقانلىقى مەلۇم بولماقتا
ئىگىلىشىمىزچە، بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىدىكى پاختىكار دېھقانلارنىڭ ئېغىر زىيانغا دۇچ كەلگەنلىكى مەلۇم.
تەبىئىي ئاپەت ۋە باشقا تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىدىكى كېۋەزلىكلەرنىڭ مو بېشى مەھسۇلاتى ئىلگىرىكى يىللارغا قارىغاندا خېلى تۆۋەن بولغان. خىتاي شىركەتلىرىنىڭ پاختا سېتىۋېلىش باھاسىمۇ ئىلگىرىكى يىللاردىن چۈشۈپ كەتكەن.
مەلۇمكى، ئۇيغۇر دىيارى خىتاي مىقياسىدىكى ئەڭ چوڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىش رايونى بولۇپ، ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى پۈتۈن خىتايدىكى پاختا ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %60 دىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن.
رادىئويىمىزنىڭ نەق مەيداندىن ئەھۋال ئىگىلىشىچە، ئۇيغۇر پاختىكار دېھقانلارنىڭ ئېغىر ئىقتىسادىي زىيانغا بولغان ئەندىشىسى بارغانسېرى ئاشماقتىكەن.
ئۈرۈمچىدىكى ئىتتىپاق تىياتىرخانىسىنىڭ چېقىلغانلىقى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا غۇلغۇلا قوزغىدى
مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى سىمۋوللۇق قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرى بولغان «ئىتتىپاق تىياتىرخانىسى» چېقىلغان.
بۇ خەۋەر تارقىلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئېلى ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەندىشىسىنى ئىپادىلىگەن.
«ئىتتىپاق تىياتىرخانىسى» 1964-يىلى سېلىنغان ئاممىۋى مەدەنىيەت بىناسى بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان دۆڭكۆۋرۈك بازىرىدىن ئورۇن ئالغان.
كۆزەتكۈچىلەر، بۇنداق بىر سىمۋوللۇق خاراكتېرگە ئىگە مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ چېقىۋېتىلىشى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ قەلبىدىكى مىللىي مەدەنىيەت مۇھىتىغا بولغان كۈچلۈك رىشتىسىگە زەربە بېرىدۇ، دەپ ھېسابلىماقتا.