
ئامېرىكىدىكى توم لانتوس كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئادالەت فوندى 27-ئۆكتەبىر كۈنى، مەزكۇر ئورگان تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان 2015-يىللىق خەلقئارالىق لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپات ساھىبلىرىنى ئېلان قىلدى.
لانتوس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بۇ يىللىق مەزكۇر مۇكاپات ساھىبلىقىغا ئېرىشكەن 3 شەخسنىڭ بىرىدۇر. مەزكۇر خەۋەر ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى سۆيۈندۈردى. ئۇلار «بۇ مۇكاپاتنىڭ رابىيە قادىر خانىمغا بېرىلىشى ئۇنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى ئۈچۈن ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى ۋە تۆلىگەن بەدەللىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى بولۇپلا قالماي، ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنىڭ تونۇلۇشىدىمۇ زور ئەھمىيەتكە ئىگە» دەپ باھا بەرمەكتە.
مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى توم لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئادالەت فوندى ئېلان قىلغان 2015-يىللىق خەلقئارالىق لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن 3 قەھرىمان ئايال شەخس، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى، كىشىلىك ھوقۇقى ئۈچۈن تەھدىت ۋە زور بەدەللەرگە قارىماي كۈرەش قىلىپ كېلىۋاتقان لىدېرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر، ئاياللارنىڭ ئېتىقاد ئەركىنلىكى، مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ باراۋەرلىك ھوقۇقى ئۈچۈن خەلقئارا مىقياسىدا پائالىيەتلىرى ۋە قەلەم كۈرەشلىرىنى داۋام قىلىۋاتقان داڭلىق ئاپتور ئىرشاد مانجى، قىز، ئاياللارنىڭ ئائىلە زوراۋانلىقىغا ئۇچرىشى ۋە مەجبۇرىي نىكاھلاندۇرۇلۇشىغا قارشى دۇنيا مىقياسىدا جانلىق پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىۋاتقان ئايائان خىرسى ئالىي بولۇپ، لانتوس كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئادالەت فوندى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۇ 3 نەپەر مۇكاپات ساھىبلىرىنىڭ مىسلىسىز روھىي بېسىم ۋە خەتەرلەرگە قارىماي كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش كۈرەشلىرىنى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە يورۇتۇپ، توم لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئادالەت فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى كاترىنا سېۋەت لەنتوس خانىمنىڭ مۇنۇ سۆزلىرىنى نەقىل ئالغان:
«فوندىمىز پەخىرلىنىش ۋە ھۆرمەت تۇيغۇسى ئىچىدە، بۇ 3 نەپەر كىشىلىك ھوقۇق ئايال لىدېرلارنىڭ لانتوس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى ساھىبى بولغانلىقىنى تەبرىكلەيدۇ. بۇ مۇكاپات ساھىبلىرى ھاياتىنىڭ تەھدىتكە ئۇچرىشىغا قارىماي، ئاجىز ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتىغانلار، ئۇلار پۈتكۈل ئىنسانىي ھەقلەرنىڭ كاپالەتچىسى بولمىش نېگىزلىك ئەركىنلىكنى قايىل قىلارلىق شەكىلدە تەرغىب قىلىپ كەلدى.»
توم لەنتوس فوندىنىڭ رەئىسى كاترىنا سېۋەت لەنتوس خانىمنىڭ ياردەمچىسى كاتىپلىرىدىن دەننىېس خانىم، لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىنى چۈشەندۈرۈپ:
«بۇ مۇكاپات يىللىق مۇكاپات، بىرىنچى قېتىم 2009 يىلى تارقىتىلدى. بۇ مۇكاپات ساھىبلىرى خەلقئارادىكى تونۇلغان كىشىلىك ھوقۇق لىدېرلىرى ئىچىدىن ئىنسان ھەقلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئېلىپ بارغان خىزمەتلىرى ۋە نەتىجىلىرىنى ئاساس قىلىپ تاللىنىدۇ. ئىلگىرى ھەممىگە تونۇشلۇق لىدېرلاردىن سابىق ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى ھىللارىي كلىنتون، ئىسرائىلىيە سابىق پرېزىدېنتى شىمون پېرېس، دىنىي داھى دالاي لاما، ئەما كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى چېڭ گۇاڭچېڭلارمۇ بۇ مۇكاپات ساھىبلىرى بولغان. »
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ مەزكۇر مۇكاپات ساھىبى بولغانلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىمۇ سۆيۈندۈردى. ئىشخانىسىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى مۇدىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىن دوستى ت. كۇمار ئەپەندى، رابىيە قادىر خانىمنى ئالاھىدە تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى «لانتوس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتلىرىنىڭ بىرى، بۇ مۇكاپاتنىڭ رابىيە قادىر خانىمدەك ئۆزى ۋە ئائىلىسىنىڭ مەنپەئەتلىرىنىڭ ھەتتا ھاياتىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدىن قورقماي بارلىقىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقلىق كۈرەشلىرىگە، كىشىلىك ھوقۇق كۈرىشىگە ئاتاپ ھەر جەھەتتىن تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز زور بەدەللەرنى تۆلەۋاتقان، مۇشۇ كۈرەشلىرى سەۋەبلىك ئوغۇللىرى تۈرمىگە ئېلىنغان بىر ئايال لىدېرغا بېرىلگەنلىكىدىن مەمنۇن بولدۇم، رابىيە قادىر خانىم بۇ مۇكاپات ساھىبى بولۇشقا تامامەن لايىق. بۇ رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى شۇنداقلا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق دەۋاسىنىڭ نەزەرگە ئېلىنىشىغا ۋە باشقىلارنىڭمۇ زىيانكەشلىكلەرگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ھەرىكەتكە كېلىشىگە تۈرتكە بولىدىغان زور ئەھمىيەتكە ئىگە مۇكاپات.»
رابىيە قادىر خانىم سەپەردە بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھاۋالىسى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى بىلەن لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە سۆھبەتتە بولدۇق، ئالىم سېيىتوف ئەپەندى خەلقئارا نوپۇزغا ئىگە بۇ كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىغا رابىيە قادىر خانىمنىڭ لايىق كۆرۈلگەنلىكى، ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن خۇشاللىنارلىق بىر خەۋەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ «رابىيە قادىر خانىمنىڭ لانتوس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى ساھىبى بولۇشى، كەلگۈسىدە نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا يېقىنلاشتۇرىدىغان ئەھمىيەتلىك بىر قەدەم، ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈنمۇ بىر ئىلگىرىلەش» دېدى.