ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم «خەلقئارالىق لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى. مەزكۇر مۇكاپات مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى توم لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئادالەت فوندى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان.
مەزكۇر فوندى جەمئىيەت قارارىنى چارشەنبە كۈنى ئۆز تور بېتىدە ئېلان قىلدى. تور بەتتىن قارىغاندا، بۇ يىللىق لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىغا رابىيە قادىر خانىمدىن باشقا يەنە، ئاياللارنىڭ ئېتىقاد ئەركىنلىكى ۋە مۇسۇلمان ئاياللىرىنىڭ باراۋەرلىك مەسىلىسىدە پائالىيەت قىلىپ، كىتاب يېزىپ كەلگەن يازغۇچى ئېرشاد مانجى ۋە شۇنداقلا قىز-ئاياللارنىڭ ئائىلە ئىچى زوراۋانلىققا ئۇچراش ۋە مەجبۇرىي نىكاھلاندۇرۇلۇشىغا قارشى كۈرەش قىلىپ كېلىۋاتقان ئايان خىرسى ئالىي خانىملارمۇ ئېرىشكەن.
لانتوس كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئادالەت فوندى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۇ خانىملارنىڭ مىسلىسىز روھىي بېسىم ۋە خەتەرلەرگە قارىماي كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن كۈرەش قىلغان قەھرىمانلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئىگىلىنىشىچە، مۇكاپاتنىڭ تارقىتىلىش مۇراسىمى بۇ يىل 10- دېكابىر كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلىدىكەن.