erkin-asiya-radiosi.jpgئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى

بايدىكى كۆمۈر كانغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنىڭ قوزغاتقۇچى سەۋەبلىرى ئاشكارا بولدى

بايدىكى كۆمۈر كانغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، رادىئويىمىزنىڭ نەق مەيداندىن ئەھۋال ئىگىلىشى داۋامىدا مەزكۇر ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولغان بىر قىسىم يىپ ئۇچلىرى ئاشكارا بولدى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق ۋەقەدىكى ئاساسلىق ھۇجۇمچىلارنىڭ باي چارۋىدارلار ئىكەنلىكى، ھۇجۇمغا قاتناشقان ھەر بىر ئائىلىنىڭ ھال-كۈنى ياخشى كىشىلەردىن ئىكەنلىكى مەلۇم. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بايدىكى يۇقىرى بېسىملىق سىياسىتى يەرلىك ئۇيغۇرلارنى شىددەت ئۇسۇلىنى قوللىنىپ قارشىلىق كۆرسىتىشكە مەجبۇرلىغان.

ئاشكارىلىنىشىچە، گۇماندارلار ۋەقە يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى ئاتالمىش «دىنىي ئەسەبىيلىك» كە قارشى «تەلىم-تەربىيە» گە زورلانغانلار، «زامانىۋى ئۇسسۇل» ئويناشقا مەجبۇرلانغانلار ياكى ساقچىخانىدا تۇتۇپ تۇرۇلغان ھەم جەرىمانە تۆلىگەنلەر ئىكەن.

ئىنسانىي غۇرۇرى ۋە ئەقىدىسى قاتتىق دەپسەندە قىلىنغان 3 جەمەت كىشىلىرى ئاخىرى بىرلىشىپ مەزكۇر كۆمۈر كان ھۇجۇمىنى ئېلىپ بارغان ئىكەن.

رابىيە خانىمنىڭ شى جىنپىڭنىڭ ئەنگلىيە زىيارىتىگە قايتۇرغان ئىنكاسى خەلقئارادا تەسىر قوزغىدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم شى جىنپىڭنىڭ ئەنگلىيە زىيارىتىگە كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرغان.

رابىيە خانىم رېيتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا «ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ شى جىنپىڭنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن سالغان قىزىل گىلىمى ئۇيغۇر، تىبەت ۋە باشقا ئوخشىمىغان پىكىردىكى كىشىلەرنىڭ قىزىل قېنى بىلەن بويىلىدۇ،» دېگەن.

رابىيە خانىمنىڭ جىددىي ئىنكاسى خەلقئارادىكى چوڭ-كىچىك تاراتقۇلاردا زور تەسىر قوزغىغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۋا چۈنيىڭ شۇ كۈنى دەرھال بايانات بېرىپ، «شىنجاڭدا ھەر مىللەت خەلقى ئىناق-ئىتتىپاق ۋە تىنچ ياشىماقتا» دېگەن.

ھالبۇكى، رابىيە خانىم توكيودا مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى بېسىملىق سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى «بىر جەڭ مەيدانىغا ئايلاندۇرۇپ قويغانلىقى» نى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

ئۇچتۇرپانلىق دېھقانلار «دىنىي ئەسەبىيلىك» قالپىقىنىڭ ھاشارغا چىقمىغانلارغىمۇ كىيدۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

ئىگىلىنىشىچە، 2014‏-يىلى كۆچمەن خىتايلاردىن 3 ئائىلە ھۇجۇمغا ئۇچراپ ئۆلتۈرۈلگەن ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئىمامالىرىم يېزىسى نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرتىپكە سالىدىغان نىشانلىق يېزىلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر يېزىنىڭ 99% نوپۇسى ئۇيغۇر بولسىمۇ، بىراق بۇ يەردىكى تېرىلغۇ يەرنىڭ 40% نى 3 ئائىلە كۆچمەن خىتاي كونترول قىلىۋالغان ئىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر، بۇ رېئاللىقنىڭ ئۆزى نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئىلىدا يۈز بېرىۋاتقان زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ سەۋەبىنى قىسمەن بولسىمۇ چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، دەپ قارىماقتا.

شۇ قېتىملىق ۋەقەدىن كېيىن، يەرلىك دائىرىلەر «دىنىي ئەسەبىيلىك» قالپىقى بىلەن ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى كونترول قىلىۋاتقانلىقى، ھەتتا ھاشارغا چىقىشتىن باش تارتقانلارغىمۇ بۇ قالپاقنى كىيدۈرۈۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

لوپ ناھىيەسىدە تۇنجى بولۇپ يولغا قويۇلغان «مەسچىتكە كىرىش كىنىشكىسى» نىڭ تارقىتىلىش دائىرىسى ئاشماقتىكەن

ئىگىلىنىشىچە، لوپ ناھىيەسىدە تۇنجى بولۇپ يولغا قويۇلغان «مەسچىتكە كىرىش كىنىشكىسى» نىڭ تارقىتىلىش دائىرىلىرى بارغانسېرى ئاشماقتىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، «مەسچىتكە كىرىش كىنىشكىسى» 2014-يىلىنىڭ ئاخىرىدا خوتەن ۋىلايىتىگە قاراشلىق لوپ ناھىيەسىنىڭ ھاڭگىيا يېزا ئاياغ خانىقائېرىق كەنتىدە تۇنجى بولۇپ يولغا قويۇلغان.

رادىئويىمىزنىڭ بۇ ھەقتە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئۇچۇر ئىگىلىشى داۋامىدا مەزكۇر كىنىشكىنىڭ نۆۋەتتە ھاڭگىيا يېزىسىدىن ھالقىپ ئۇنىڭغا قوشنا باشقا يېزىلارغىمۇ كېڭىيىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى.

ھالبۇكى، لوپ ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسىدا نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان بىر خىتاي خادىم لوپتا «مەسچىتكە كىرىش كىنىشكىسى» نىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى تىلغا ئالغان، لېكىن لوپتىكى يەرلىك ئامما تەمىنلىگەن ئۇچۇرلار بىلەن يەرلىك دائىرىلەر تارقاتقان «مەسچىتكە كىرىش كىنىشكىسى» نىڭ سۈرىتى بۇنىڭ راستلىقىنى دەلىللىمەكتە.

تايلاندتىن قايتۇرۇلغان 2 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئاۋات ناھىيەسىدە سوتلانغانلىقى ۋە «توۋا» قىلدۇرۇلغانلىقى مەلۇم

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل 7-ئاينىڭ باشلىرىدا تايلاندتىن قايتۇرۇپ كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن 2 نەپىرىنىڭ ئاۋات ناھىيەسىدە سوتلانغانلىقى ۋە «توۋا» قىلدۇرۇلغانلىقى مەلۇم بولدى.

ئاۋات ناھىيەسىدىكى ساقچىلار بىلەن «مۇقىملىق» كادىرلىرى رادىئومىز زىيارىتى جەريانىدا بۇ ئىككىيلەن ھەققىدە ئىشلەنگەن 25 مىنۇتلۇق بىر تەشۋىقات فىلىمىنىڭ يېزا-كەنتلەردە قويۇلۇۋاتقانلىقىنى ئاشكارا قىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئىككىيلەن ئاۋات ناھىيەلىك سوت مەھكىمىسىدە سوتلىنىشتىن بۇرۇن، ناھىيەلىك سىياسىي-قانۇن كومىتېتى ئۇلارنى مەجبۇرىي ھالدا «ئۆز قىلمىشىغا توۋا قىلدۇرغان». ئاندىن بۇ كۆرۈنۈشنى سۈرەتكە ئېلىپ، ئۇنى 25 مىنۇتلۇق بىر تەشۋىقات فىلىمى قىلىپ ئىشلىگەن.

نۆۋەتتە مەزكۇر تەشۋىقات فىلىمى كەنت كادىرلىرى ۋە ئاساسىي قاتلامغا چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئاۋات ناھىيەسىنىڭ ھەرقايسى يېزا-كەنتلىرىدىكى دېھقانلارغا ھەپتىدە بىر قېتىمدىن كۆرسىتىلمەكتىكەن.

ياۋروپا پارلامېنتىدا «دىنىي ئەركىنلىكنى قوغداش: ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى كۈرىشى» ماۋزۇلۇق يىغىن ئۆتكۈزۈلدى

22-ئۆكتەبىر كۈنى ياۋروپا پارلامېنتىدا «دىنىي ئەركىنلىكنى قوغداش: ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى كۈرىشى» ناملىق يىغىن ئۆتكۈزۈلگەن.

مەزكۇر يىغىننى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان.

يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم سۆزلىگەن. رابىيە خانىم سۆزىدە بۇ يىغىننىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكنى قوغداش بويىچە ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق يىغىن ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

3 كۈن داۋاملىشىدىغان بۇ يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكنى قوغداش ۋە ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىش مەسىلىلىرى نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.