uyghur-ayal-baliliri-bilen.jpgبالىلىرىنى ئوينىتىۋاتقان ئۇيغۇر ئايال. 2012-يىلى 1-ئىيۇل، قەشقەر.

14-ئۆكتەبىر ئىشخانىسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان «ئاياللار ھوقۇقى فرونتى» نىڭ پرېزىدېنتى رېججى لىتېلجون خانىم، ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭمۇ خىتايدىكى بارلىق ئاياللارغا ئوخشاشلا خىتاي كوممۇنىستىك ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق قوللۇق بىلەن يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ ئېغىر زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقىنى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئۆز ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىشقا ئامالسىز ئىكەنلىكىدەك رىئاللىقنىڭ بولسا، مەسىلىنىڭ تېخىمۇ ئېغىر تەرىپى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى. بىز ئۇنىڭدىن يەنە دۇنيا مىقياسىدا قىز، ئاياللارنىڭ ھەق ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان بىر ئورگان بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۇچراۋاتقان ئەڭ ئېغىر مەسىلە نېمە دەپ تونۇيدىغانلىقىنى سورىدۇق.

ئۇيغۇر قىز، ئاياللىرىنىڭ يېقىنقى ۋەزىيىتى ھەققىدە ئېنىق مەلۇماتى يوقلۇقىنى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزلىرىگە شۇنداقلا دۇنياغا يەنىلا قاراڭغۇ بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، تەكىتلىگەن رېججى لىتېلجون خانىم، پەقەت چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى تەمىنلىگەن ھەمدە مەتبۇئاتلاردا ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلارغا ئاساسەن جاۋاب بېرەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
-كەچۈرىسىز، ئۇيغۇر قىز، ئاياللىرىنىڭ ۋەزىيىتى ھەقىقەتەن بىزدە ئەندىشە قوزغاۋاتقان بولسىمۇ، قولىمىزدا ئۇيغۇر قىز، ئاياللىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە يېڭى مەلۇمات يوق. ئۇ جايدا زادى نېمە بولۇۋاتقانلىقىنى ئىگىلىمەك بەك قىيىن. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇ جايغا كىرىشىنى قاتتىق چەكلەيدۇ. ئەمما رابىيە قادىر خانىمدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ياش قىزلىرى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش باھانىسىدە ئائىلىلىرىدىن ئايرىلىپ خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەلمەكتە. بۇ دۆلەت تەرىپىدىن سىياسەت ئارقىلىق مەجبۇرىي ۋە قەرەللىك بىر يوسۇندا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولغاچقا، بۇنى خىتاينىڭ نوپۇسىدىكى جىنسىي تەڭپۇڭسىزلىقنى تەڭشەش ئۈچۈن قوللىنىلىۋاتقان ئىستراتېگىيىلىك تەدبىرى دەپ قاراشقا بولىدۇ شۇنداقلا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى چەكلەش ۋە باشقا نۇرغۇن مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

رېججى خانىم يەنە، خىتاينىڭ رايوندىكى قاتتىق كونتروللۇقى ھەم پەۋقۇلئاددە سەزگۈرلۈكى تۈپەيلى، غەرب مەتبۇئاتلىرى ھەمدە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەشتە زور توسالغۇلارغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى ۋە خىتاينى ئاياللارغا زۇلۇم قىلىشتا ئەڭ قەبىھ ھۆكۈمەت دەپ ئەيىبلىدى:
-بۇ توسالغۇ ئىككى تەرەپتىن، بىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇ جايدا ئاخباراتنى قاتتىق قامال قىلىشى، يەنە بىرى كىشىلەرنىڭ ئۆز ئەھۋالىنى ئاڭلىتىشقا ئامالسىز قېلىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەمەلىيەتتە دۇنيادا قىز، ئاياللارنىڭ ھوقۇقىنى ئەڭ ئېغىر دەپسەندە قىلىۋاتقان، ئۇلارغا زۇلۇم سېلىۋاتقان ۋە ھەتتا مىللىي ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان ئەڭ قەبىھ بىر ھاكىمىيەت دېيىشكە بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ھاكىمىيەت دىنىي باستۇرۇشنى ئالاھىدە قاتتىق ئېلىپ بېرىۋاتقان شىنجاڭ رايونىدا، ئۇيغۇر قىز، ئاياللىرىنىڭ تۇغۇت، نىكاھ ۋە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىمۇ كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىغا ئىشىنىمەن شۇنداقلا بۇلار ئەڭ زور ئەندىشە قوزغايدىغان مەسىلىلەر.

ئۇيغۇر ئاياللىرى شۇنداقلا پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى، ئامېرىكىدىكى شۇنداقلا خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭمۇ كۆزىتىشى ئاستىدا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلغان يەنى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى باھالاپ چىقىلغان 2015-يىللىق دوكلاتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە ئائىت قىسمىدا، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە رېججى خانىم ئېيتىپ ئۆتكەن مەسىلىلەر بىلەن باراۋەر، ئۇيغۇرلارنىڭ پىكىر-ئىپادە ئەركىنلىكى، دىنىي ئەركىنلىك، مىللىي ھوقۇقلىرى، ئۆز مەيلىچە ساياھەت قىلىش ۋە كۆچۈش ئەركىنلىكىنىڭ كەڭ كۆلەمدە دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى، پىلانلىق تۇغۇت ۋە ھاشار سىياسەتلىرىنىڭ ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ قاتتىق قامال قىلىنىۋاتقانلىقىدەك ئەھۋاللارمۇ يورۇتۇلغان ئىدى.