
9-ئۆكتەبىردىن باشلاپ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئىتالىيە سوتسىيال لىبېرال پارتىيەسىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپى بىلەن ئىتالىيەدە زىيارەتتە بولدى.
رابىيە قادىر خانىم بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە ئىتالىيەدىكى بىر قىسىم ھۆكۈمەت ئەربابلىرى ۋە شۇنداقلا كۆپلىگەن سىياسىيونلار بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەتتە بولغان ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات بەرگەن.
ئىتالىيە زىيارىتى جەريانىدا رابىيە قادىر خانىم يەنە 10-ئۆكتەبىر رىمدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتىنىڭ نامايىشىغا كەڭ كۆلەملىك نامايىشىغا ئىشتىراك قىلغان.
بىز رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئىتالىيە سەپىرى ھەققىدە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.