خىتاينىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دىپلوماتلىرى ب د ت غا قارا تىزىملىك تاپشۇرۇپ، تىزىملىكتىكى كىشىلەرنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يىغىنلىرىغا قاتناشتۇرماسلىقنى تەلەپ قىلغان. ئەمما خىتاي دىپلوماتلىرىنىڭ تەلىپى رەت قىلىنغان.
رېيتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 2 ئەمەلدارى ئەھۋالنى ئاشكارىلاپ، خىتاي تاپشۇرغان 10 كىشىلىك تىزىملىك ئىچىدە د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن.
كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يۇقىرىقى 2 ئەمەلدارى خىتاي دىپلوماتلىرىنىڭ ھەر قېتىملىق يىغىندىن بۇرۇن ئىزچىل قارا تىزىملىك تاپشۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ بۇ يىل 9- ئايدىكى يىللىق يىغىندىن بۇرۇن يەنە قارا تىزىملىك تاپشۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىكى دىپلوماتىك ئەمەلدارى رېن يىشېڭ، ب د ت ئەمەلدارلىرىغا د ئۇ ق نىڭ «تېررورلۇق ھەرىكەتلەر بىلەن ئالاقىسى بار، ئۇ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە تەھدىت» دېگەن.
بىراق ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ باياناتچىسى گومەز، رېيتېرس ئاگېنتلىقىغا قىلغان سۆزىدە، ب د ت ئۇيغۇرلارنى ھېچقاچان ب د ت يىغىنىغا قاتنىشىشتىن توسۇپ باقمىدى، دەپ كۆرسەتتى.
دولقۇن ئەيسا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ بۇ يىل 9-ئايدىكى يىللىق يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆز قىلغان ئىدى.