
خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكا زىيارىتىدىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ خىتاي سىياسىتى، نۆۋەتتە ئامېرىكا پرېزىدېنتلىق سايلاملىرىدا نامزاتلار ئەڭ كۈچلۈك مۇنازىرىلىشىۋاتقان تېمىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. پرېزىدېنت نامزاتلىرى ئوبامانىڭ خىتاي سىياسىتىنى تەنقىد قىلىپلا قالماي، ئۆزلىرى پرېزىدېنت بولغان تەقدىردە خىتايغا قارىتا قاتتىق قول بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە. بولۇپمۇ جۇمھۇرىيەتچى نامزاتلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى مەيدانى ئىنتايىن كەسكىن. ئۇيغۇرلارنىڭ قوللىغۇچىسى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى توم لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ سابىق رەئىسى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ سابىق ئەزاسى فرانك ۋولف ئەپەندىمۇ ئىزچىل ھالدا خىتايغا قارىتا قاتتىق قول بولۇشنى تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتقان ئەربابلارنىڭ بىرى. ئۇ شى جىنپىڭ ۋاشىنگتوننى زىيارەت قىلىۋاتقان مەزگىللەردە مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ «كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە كەلگەندە ئوباما، شى جىنپىڭ ئۇچرىشىشلىرىنىڭ نەتىجىسىگە قارىتا ئۈمىدىم سۇس ۋە ھەتتا يوق دېيەرلىك» دەپ بىلدۈرگەن ئىدى.
خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 25- سېنتەبىر ئامېرىكا پايتەختىدە ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما بىلەن ئۇچراشتى. ئىككى رەھبەر سۆھبەتتىن كېيىن چاقىرغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئوباما، «مەن بىزنىڭ ژۇرنالىستلارنى، ئادۋوكاتلارنى، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى ئەركىن ھەرىكەت قىلىشتىن توسۇش ياكى چېركاۋلارنى تاقاش، ئاز سانلىق مىللەتلەرگە باراۋەر مۇئامىلە قىلىشنى رەت قىلىشقا بولغان كۈچلۈك قارىشىمىزنى سەمىمىي ئوتتۇرىغا قويدۇم» دېدى. ھالبۇكى، خىتاي رەئىسى شى «دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق ئارزۇسى» ئىكەنلىكىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ئوخشىمايدىغان تارىخ ۋە پەرقلىق رېئاللىققا ئىگە ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت كونا دىپلوماتىك بايانلارنى قايتا تەكرارلاپ مەسىلىنىڭ نېگىزىدىن ئۆزىنى قاچۇردى.
شى جىنپىڭنىڭ ۋاشىنگتون زىيارىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنمۇ، ئامېرىكىنىڭ خىتاي سىياسىتى مەتبۇئاتلار، كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولۇپ كەلمەكتە. شى جىنپىڭ ئوباما بىلەن بولغان ئۇچرىشىشلىرى داۋامىدا پايتەخت ۋاشىنگتوندىكى خىتايغا قارشى كۈچلەرنىڭ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى تېما قىلغان تۈرلۈك پائالىيەتلىرى داۋام قىلغان ئىدى.
ۋاشىنگتوندىكى ئاخبارات مۇزېيىدا داۋام قىلغان «ئەركىنلىك ھەپتىلىكى» پائالىيەتلىرىنىڭ بىرىگە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئەيىبلەش بىلەن تونۇلغان جۇمھۇرىيەتچى ئەزا فرانك ۋولف ئەپەندى نۇتقىدا «ئوباما ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتايغا يۇمشاق قوللۇق قىلىپ كەلدى» دەپ ئىلگىرى سۈردى.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ سابىق ئەزاسى فرانك ۋولف ئەپەندى پائالىيەت ئاخىرىدا مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى تىلغا ئالساق، يېقىندىن بۇيان مېنى خوش قىلغان بىرلا خەۋەر-بىر ئاي ئىلگىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئوغلىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى بولدى» دەپ بىلدۈردى ۋە يەنە پرېزىدېنت ئوبامانىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئالدىغا ئوچۇق-ئاشكارا ۋە دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويمىغانلىقىنى ئەيىبلىدى.
ئۇ بۇ ھەقتە: «ناھايىتى روشەنكى، خىتايغا قارىتىلغان ھازىرقى سىياسەت ئاقمىدى. مەن ئون نەچچە قارار دۆلەت مەجلىسى ئەزالىق ۋەزىپەمنى ئاتقۇرۇش جەريانىدا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشتا ھازىرقى ئوباما ھۆكۈمىتىدەك بېجىرىكسىز بىر ھۆكۈمەتنى كۆرمىدىم، شى بىلەن ئوبامانىڭ ئۇچرىشىشلىرىدىنمۇ ئۈمىدىم سۇس ھەتتا يوق دېيەرلىك، بۇ ئۇچرىشىشنىڭ ۋەزىيەتنى ياخشىلاشتا بىر نەتىجىسى بولىدۇ دەپ قارىمايمەن. ھازىر بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيىسى پەقەت سودا بىلەنلا چەكلىنىۋاتىدۇ. ئالما شىركىتىگە ئوخشاش ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ئىلغار تېخنىكىلاردا خىتاي بىلەن بىلەن بولغان سودىلىشىش قىزغىنلىقى مېنى قاتتىق بىئارام قىلماقتا» دەپ تەكىتلىدى.
فرانك ۋولف ئەپەندىدىن خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى دېگەندە قايسى مەسىلىلەرنى ئەڭ ئۆتكۈر ۋە نۇقتىلىق مەسىلە دەپ تونۇيدىغانلىقىنى سورىدۇق، ئۇ، «خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە خىتايدىكى خرىستىئان مۇرىتلىرى، تىبەت بۇددستلىرى ۋە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ باستۇرۇشقا ئۇچرىشى ئامېرىكا خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودىنىڭ ئالدىدا ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدىغان، ھەتتا كۆرمەسكە سالىدىغان مەسىلىگە ئايلىنىپ قالدى، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىلەرنى ئاشكارا سورۇنلاردا ناھايىتى ئاز تىلغا ئېلىشى ھېچقانداق نەتىجە بەرمىدى. ئەكسىچە بۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى تېخىمۇ جاسارەتلەندۈرمەكتە. خىتايدا چېركاۋلارنىڭ كۆيدۈرۈلۈشى، تىبەتلەرنىڭ ئۆزلىرىگە ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈشى، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ باستۇرۇلۇشى، زەربە نىشانى قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئامېرىكىنىڭ خىتايدىكى ئەلچىخانىسىنىڭمۇ ئاشكارىلاش، ھېچبولمىغاندا بۇ خىل ۋەزىيەتكە شاھىت بولغانلىقى ئۈچۈن ئىنكاس قايتۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار، ئەپسۇس ھازىرغىچە ئۇلاردىن ھېچقانداق ئىنكاس بولمىدى، شۇڭا مەن بۇ ھۆكۈمەتتىن بۇ جەھەتتە ھېچقانداق يېڭى بىر نەتىجە كۈتمەيمەن.
ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى بېيجىڭنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى، ئىنتېرنېت ھۇجۇملىرىدىكى مەسئۇلىيىتى، ھەربىي جىددىيلىكلەر، سودا ئىختىلاپلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى سەۋەبلىك خەتەرلىك ھالغا كەپ قالدى. ئىككى تەرەپنىڭ يۇقىرىدىكى مەسىلىلەرنى سۆزلىشىدىغانلىقى ئېنىق بولسىمۇ، ئەمما ھېچكىم شەخسەن مەنمۇ ئۇنىڭدىن نەتىجە چىقىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن. ئەكسىچە ھازىر بىزنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىزگە قايتىدىن قاراپ چىقىدىغان ۋاقتىمىز كېلىپ قالدى، يېڭى نۆۋەتلىك پرېزىدېتلىققا ئۈمىد باغلىماقتىن باشقا ئامال يوق» دېدى.
ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى 2016-يىلىدىكى سايلامدا مەيلى قايسى پارتىيە ئۇتۇپ چىقىشىدىن قەتئىينەزەر، ئامېرىكىنىڭ بۇندىن كېيىنكى خىتاي سىياسىتىنىڭ ھازىرقىدىن قاتتىق بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتە. زىيارىتىمىزنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارغا دوستانە بىر تەكلىپىم دەپ سۆزىنى باشلىغان فرانك ۋولف ئەپەندىمۇ ئامېرىكا يېڭى نۆۋەتلىك پرېزىدېنتلىقىنى تالىشىش داۋاملىشىۋاتقان بۇ پەيتنىڭ، ئامېرىكىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ۋەزىيىتىنى كەڭرى ئاڭلىتىپ داۋا قىلىدىغان ئەڭ ياخشى بىر پۇرسەت دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ھازىر ئامېرىكىدا داۋام قىلىۋاتقان پرېزىدېنتلىق سايلاملىرىدا نامزاتلار قىزغىن مۇنازىرىلىشىۋاتقان تېمىلارنىڭ بىرىمۇ ئامېرىكىنىڭ خىتاي سىياسىتى. ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئۆزلىرىگە ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئاڭلىتىشى، دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى، پرېزىدېنت نامزاتلىرىدىن خىتايغا كەسكىن بولۇشنى بىر-بىرلەپ جىددىي تەلەپ قىلىشى كېرەك، ئوخشاشلا باشتا خىتاينىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچرىغان خرستىئانلار، بۇددىست، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بىلەن بىرلىشىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا ئاخبارات ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىش مەسىلىسىنى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشى كېرەك ۋە مەن داۋاملىق ئۇيغۇرلارنى قوللايمەن» دەپ تەكىتلىدى.
كىشىلىك ھوقۇق تېمىسىدا ئىزچىل ھالدا خىتايغا قارشى مەيداندا تۇرۇپ كېلىۋاتقان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى سابىق ئەزاسى فرانك ۋولف، ئىلگىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن كۆپ خىزمەتلەرنى قىلغان ۋە ئامېرىكىنىڭ خىتايدىكى ۋەكىلىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا بېرىپ، تۈرمىدە يېتىۋاتقان رابىيە قادىرنى يوقلىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى ۋە كۆپ قېتىم دۆلەت مەجلىسىدە ئېچىلغان گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنلىرىدا ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن ئورناتقان ھەر ساھە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى كۈچلەندۈرۈپ، ئۇنىڭ سىياسىي تۈزۈمىنى ئۆزگەرتمەي تۇرۇۋېلىشىغا ۋە خىتاي ئارمىيىسىنىڭ كۈچلىنىشىگە سەۋەب بوپقالغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ بىخەتەرلىكىنى خەۋپكە ئاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن.
«توم لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى» خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىدىن بىرى. مەزكۇر ئورگاننىڭ سابىق رەئىسى فرانك ۋولف رەئىسلىكىدىكى«توم لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى» ئىلگىرى «5-ئىيۇل نامايىشى» نىڭ 4 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زوراۋانلىقلارنى دەرھال توختىتىشقا چاقىرغان.
باياناتتا 2009-يىلى 5-ئىيۇلدىكى نامايىشنىڭ يېقىنقى 30 يىل مابەينىدە خىتايدا يۈز بەرگەن ئەڭ ئېغىر ئىرقىي توقۇنۇش ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن ئىدى.
مەزكۇر باياناتتا ئاخىرىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان نىشانلىق ۋە ھۆكۈمەت ھىمايىسىدىكى زوراۋانلىقلارنى توختىتىشقا ۋە بارلىق پۇقرالىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا شۇنداقلا يەنە، پرېزىدېنت ئوبامانى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇشتىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاي رەھبەرلىرىگە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان خاتا مۇئامىلىگە قاتتىق قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرۈشكە چاقىرغان ئىدى.