erkin-asiya-radiosi.jpgئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى

بايدا ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىكى، خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ پىدائىيلارنى داۋاملىق ئىزدەۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا

ئاشكارىلىنىشىچە، باي ناھىيىسىدە 18‏-سېنتەبىر كۈنى يۈز بەرگەن كۆمۈركانغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن ۋەزىيەت كۈندىن-كۈنگە جىددىيلەشكەن.

ۋەقە يۈز بەرگىنىگە ئىككى ھەپتە بولغان بولسىمۇ، لېكىن پىدائىيلارنىڭ تېخىچە تۇتۇلمىغانلىقى مەلۇم.

ئىگىلىنىشىچە، پىدائىيلارنىڭ تۇتۇلماسلىقىغا ئۇلار چېكىنگەن تاغ يوللىرىنىڭ مۇرەككەپ ۋە خەتەرلىك بولۇشى، پىدائىيلارنىڭ تاغ مۇھىتى بىلەن پۇختا تونۇشلۇقى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ قولىدا ساقچىلاردىن ئولجا ئېلىنغان قوراللارنىڭ بارلىقى سەۋەب بولماقتىكەن.

نۆۋەتتە باي ناھىيىسىنىڭ تېرەك بازار، بۇلۇڭ ۋە قاراباغ يېزىسىدىكى كەنت مەركەزلىرىدە ئاياللار تىنتىغۇچىلارغا تاماق ئېتىشكە سېلىنسا، ياشلار دوقمۇش-دوقمۇشتا نۆۋەتچىلىككە قويۇلماقتىكەن.

رابىيە قادىر خانىم خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا بەرگەن ئاتالمىش «ئاپتونومىيىسى ۋە ئۇنىڭ 60 يىلى» قارشى بايانات ئېلان قىلدى

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەۋاتقان بىر مەزگىلدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم رادىئومىز ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا بايانات ئېلان قىلدى.

رابىيە خانىم باياناتىدا: «ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ يالغان ئاپتونومىيىسىنى ئەزەلدىن قوبۇل قىلغان ئەمەس ھەم بۇندىن كېيىنمۇ قوبۇل قىلمايدۇ،» دېدى.

مەلۇمكى، خىتاي ھۆكۈمىتى بىر تەرەپتىن ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 60 يىللىق شانلىق مۇساپىسى» ناملىق ساختا كىتاب نەشر قىلىپ خەلقئارانى ئالداشقا ئۇرۇنسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر ئېلىدە «ئۈچ خىل كۈچ» كە قارشى كۈرەشنى بىر مىنۇتمۇ توختاتمايدىغانلىقىنى جاكارلىماقتا.

رابىيە خانىم «خىتاي ھۆكۈمىتى مەيلى قايسى ئۇسۇلدا باستۇرمىسۇن، ئۇيغۇرلار ئەركىنلىك يولىدىكى بۇ كۈرەشنى داۋام قىلىدۇ،» دەپ كۆرسەتتى.

قۇربانجان سەمەتنىڭ ئامېرىكىدىكى لېكسىيەلىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ كۈچلۈك رەددىيەسىگە دۇچ كەلدى

ئۆتكەن يىلىدىن بۇيان خىتايدا «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» ناملىق كىتابى بىلەن داڭدار شەخسكە ئايلانغان قۇربانجان سەمەت بۇ يىل 9-ئاينىڭ 29-كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى جورجتوۋن ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىر مەيدان لېكسىيە بەرگەن.

قۇربانجان سەمەتنىڭ «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» ناملىق خىتايچە كىتابى ئۆتكەن يىلى بېيجىڭدا نەشر قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىگە ئېرىشكەن.

قۇربانجان سەمەتنىڭ بۇ كىتابى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەبلەغ سېلىشى بىلەن ئىنگلىز، ياپون، ئەرەب ۋە تۈرك تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنىپ چەتئەللەرگە تارقىتىلماقتىكەن.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى قۇربانجان سەمەتنىڭ «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» ناملىق كىتابىغا ۋە ئۇنىڭ ئامېرىكىدىكى بىرقانچە مەيدان لېكسىيەسىگە قاتتىق رەددىيە قايتۇردى.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ھەرقايسى ئەللەردىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى

30-سېنتەبىردىن بۇيان پۈتۈن دۇنيادىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەرنىڭ قانۇنى يولغا قويغان دائىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىق نامايىشلىرى ئۆتكۈزدى.

نامايىشچىلار، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىق تويى» دەپ تەبرىكلەۋاتقان 1-ئۆكتەبىرنى «شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ماتەم كۈنى» دەپ جاكارلىدى.

30-سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىغا يىغىلىپ كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى. نامايىشقا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم شەخسەن ئۆزى يېتەكچىلىك قىلدى ۋە خىتايغا قارشى نارازىلىق باياناتى ئېلان قىلدى.

ئۆكتەبىر بايرىمى مەزگىلىدە ئۇيغۇر ئېلىدە خەتەرلىك بۇيۇملارنى توشۇيدىغان ماشىنىلار بىردەك قاتناش توختاتقان

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۆكتەبىر بايرىمى مەزگىلىدە ئۇيغۇر ئېلىدە خەتەرلىك بۇيۇملارنى توشۇيدىغان ماشىنىلارنى ۋاقىتلىق توختىتىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقارغان.

ئۇقتۇرۇشتىن مەلۇم بولۇشىچە، 9-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 3-كۈنىگىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى تەۋەسىدىكى بارلىق يوللاردا خەتەرلىك بۇيۇملارنى توشۇيدىغان يۈك ماشىنىلىرى بىردەك قاتناشتىن توختايدىكەن. يۇقىرىقى مۇددەت ئىچىدە بۇ تۈردىكى ماشىنىلارنىڭ ماي قاچىلاش پونكىتلىرىغا كىرىپ بېنزىن ياكى دىزېل قاچىلىشىمۇ چەكلىنىدىكەن.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ئېلىدىكى ماي قاچىلاش پونكىتلىرى بۇ ئەھۋالنىڭ راستلىقىنى دەلىللىدى.

شوتلاندىيەلىك مۇزىكانت جو خامىلتون تۈرمىدىكى ئىلھام توختىغا بېغىشلاپ ئىككىنچى ناخشىسىنى ئىجات قىلدى

شوتلاندىيەلىك مۇزىكانت ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى جو خامىلتون ئەپەندى 28-سېنتەبىر كۈنى خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان ئىلھام توختىنىڭ بىر يىللىق تۈرمە ھاياتىنى خاتىرىلەپ، ئۇنىڭغا بېغىشلىغان ئىككىنچى ناخشىسىنى ئىجات قىلغان.

مۇزىكانت جو خامىلتون ئەپەندى ئۆز ئىجادىيەتلىرىدە مەشھۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىدىن نېلسون ماندېلا، دالاي لاما قاتارلىق مەشھۇر ئەربابلارغا ئاتاپ كۆپلىگەن ناخشىلارنى ئىجات قىلغان.

ئۇنىڭ 2014-يىلىدىن بۇيان، بالىسىنى يوقاتقان ئۇيغۇر ئانا پاتىگۈل غۇلام، تۈرمىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ۋە 5-ئىيۇل تۇتقۇنلىرىغا ئاتاپ ئىجات قىلغان بىر يۈرۈش ناخشىلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا زور تەسىر قوزغاپ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشمەكتە.