ئۇيغۇرلار سىياسىي، مىللىي ۋە دىنىي ھوقۇقلىرىنىڭ مىسلىسىز دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى شىكايەت قىلىۋاتقان پەيتلەردە خىتاي دائىرىلىرى ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىگە يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللىرىنى ئەۋەتىشكە باشلىغان.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، 25- سېنتەبىر خىتاي سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى يۇ جېڭسېڭ 69 كىشىلىك بىر ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلگەن. مىڭ نەپەر ئامما ئۇنى كۈتۈۋېلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان ئاقتاشلىق كىتابىدا بۇ يەردىكى خەلقلەرنىڭ« ئىقتىسادىي تەرەققىيات، دىنىي ئەركىنلىك ۋە مىللىي باراۋەرلىكتىن بەھرىمەن »بولۇپ كەلگەنلىكىنى كۆرسەتكەن.
شىنخۇا ئاخباراتىدا بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋىرىدە نۆۋەتتە رايوننىڭ «60 يىللىق ئاپتونومىيەسىنى تەبرىكلەشكە ھازىرلانغان» لىقىنى يازغان.
ھالبۇكى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى پرېزىدېنتى رابىيە قادىر خانىم ئالدىنقى كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئېچىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىندا خىتاينىڭ 60 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرى دەپسەندە قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپلا قالماي، بەلكى بۇنى يېقىنقى يىللاردا تېخىمۇ ئەۋجىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە خىتاينى بۇ قىلمىشلىرىنى دەرھال توختىشىشقا چاقىرغان ئىدى.