25-سېنتەبىر ئەتىگەن سائەت 11 دىن باشلاپ، ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى ئاقساراي ئالدىدا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭغا قارشى زور كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.
نەچچە ئونلىغان تەشكىلات ۋە مىڭلارچە كىشىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ نامايىشتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى پۇقرالارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇمى، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە ھەتتا رايوندىكى قوشنا دۆلەت ۋە رايونلارغا قىلىۋاتقان تەھدىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈلدى. ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلىرى بىلەن نامايىشقا قاتناشقان ئۇيغۇرلارمۇ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك تەلەپ قىلدى.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئاقساراي ئالدىدىكى نامايىش ھازىر ناھايىتى قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئۆتۈۋاتىدۇ. نامايىشقا ئىشتىراك قىلىۋاتقان مىڭلارچە كىشى بار. نامايىش قىلىۋاتقانلار ئىچىدە ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، دېموكرات خىتايلار، فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرى، تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى قوللايدىغانلار ۋە ھەتتا «خىتاي ۋىيېتنام دېڭىزىدىن چىقىپ كەت» دەپ نامايىش قىلىۋاتقان ۋېيتناملىقلار بار. نۇرغۇنلىغان كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئەزالىرى بار. يەنى ئاقساراينىڭ ئالدى ھازىر تۈرلۈك رەڭلىك بايراقلار، شوئار تاختىلىرى ۋە مىڭلىغان نامايىشچىلار بىلەن تولۇپ تاشقان بىر ۋەزىيەتتە.
ھازىر بۇ يەردە ئۇيغۇرلارمۇ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدا نامايىش قىلىۋاتىدۇ. ئۇلار قوللىرىدا كۆك بايراقلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك، ئۇيغۇرلارغا كىشىلىك ھوقۇق، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت» دېگەن شوئارلارنى توۋلىماقتا.
نامايىش جەريانىدا يەنە بىر قانچە مۇھىم تەشكىلات رەھبەرلىرى مەتبۇئاتلارغا ئورتاق بايانات بەردى. بۇ تەشكىلاتلار ئىچىدە پۇقرالار كۈچى تەشكىلاتى، خىتايدا ھوقۇق تەشكىلاتى، ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى، جەنۇبىي موڭغۇلىيە ھەمكارلىق تەشكىلاتى، خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى، كوممۇنىست خىتاي زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلار تەشكىلاتى قاتارلىق تەشكىلاتلار بار. رابىيە قادىر خانىم مۇنبەردە بايانات بېرىپ مۇنداق دېدى:
-بۈگۈن مۇشۇ ئېزىلگەن مىللەتلەرنىڭ كۆز يېشى ۋە ئەركىنلىكى ئۈچۈن بۇ يەرگە يىغىلغانلارغا، شى جىنپىڭغا ئۆزىنىڭ نارازىلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن كەلگەنلەرگە ۋە بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغانلارغا رەھمەت. شى جىنپىڭ بۈگۈن ئاقسارايدا مېھمان بولىدۇ. ئەمما ئۇ بۇ يەرگە كېلىشتىن بۇرۇن مىڭلىغان كىشىنى تۈرمىگە قاماپ، نۇرغۇن كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولۇپ بۇ يەرگە كەلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە مىڭلىغان كىشىنى قولغا ئالدى. يېقىندا شى جىنپىڭ نۇرغۇن خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنى قولغا ئالدى. ئۇ ھەتتا باراۋەرلىك تەلەپ قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى 60 يىلدىن بۇيان ھەر خىل شەكىلدىكى باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى يۈرگۈزۈپ كەلگەن، ئەمما شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن بۇيان سوتسىز ئۆلۈم، مەجبۇرىي يوقىتىۋېتىشتەك قانۇنسىز ھەرىكەتلەرنىڭ سالمىقى تېخىمۇ ئاشتى. بىز بۈگۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە موڭغۇللار ۋە مەيلى خىتايلار بولسۇن، تۈرمىدىكى بارلىق سىياسىي مەھبۇسلارنى ئازاد قىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز. ئەگەر ئوباما ھۆكۈمىتى بۇ قېتىم كىشىلىك ھوقۇقنى مۇھىم مەسىلە قاتارىدا ئوتتۇرىغا قويمايدىكەن، ئۇ ھالدا بۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە بىر يېشىل چىراغ يېقىپ بەرگەن ھېسابلىنىدۇ.
بىز نامايىش جەريانىدا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئامېرىكا ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى تى كۇمار ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. تى كۇمار ئەپەندى سۆزىدە مۇنداق دېدى:
-بىز ئوباما ھۆكۈمىتىنى خىتاي بىلەن ئۇچرىشىشلىرىدا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى سودا ۋە تېخنىكا مەسىلىلىرى بىلەن ئوخشاش مۇھىم ئورۇنغا قويۇشقا چاقىرىمىز. ھەم شۇنداق قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئەگەر ئۇ ئۇنداق قىلمايدىكەن، بۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ بىر مەغلۇبىيەت بولغان بولىدۇ. بىزنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا تۈرمىدە يېتىۋاتقان سىياسىي مەھبۇسلار ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ئۈستىدە جىددىي ئەندىشىلىرىمىز بار. شۇڭا بىز ئوبامانى بۇ مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىرىمىز.
بىز شۇنداقلا نامايىشتا ئالىم سېيىتوف ئەپەندى ۋە بىر نامايىشچى ئۇيغۇر ياشنى زىيارەت قىلدۇق.