erdoghan-shi-jinping.jpgتۈركىيە رەئىس جۇمھۇرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن تۈركىيە-خىتاي سودا ئىشلىرى توغرىسىدا سۆھبەتتە. 2015-يىلى 30-ئىيۇل، بېيجىڭ.

تۈركىيەدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان، بۇ مەسىلە توغرىسىدا داۋاملىق ھالدا ئوبزور، ماقالىلەر يېزىپ ئېلان قىلىۋاتقان ژۇرنالىست ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭمۇ سانى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە.

بۇلاردىن بىرى تۈركىيە قىرشېھىر ئاخى-ئەۋران ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت ئوقۇتقۇچىسى، «يېڭىچاغ» گېزىتىنىڭ ئوبزورچىسى دوكتور كۈرشات زورلۇ ئەپەندىدۇر. دوكتور كۈرشات زورلۇ ئەپەندى 2014-يىلى ۋاشىنگتونغا بېرىپ رابىيە قادىر خانىمنى زىيارەت قىلىپ، زىيارەت خاتىرىسىنى تۈركىيەدىكى«يېڭىچاغ» گېزىتىدە ئېلان قىلغان ئىدى. ئۇ، تۈركىيەدە كۆپ قېتىم تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىغا چىقىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كەلگەن تونۇلغان كىشىلەردىن بىرى. بىز ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تۈرك دۇنياسىدىكى ۋەزىيىتى ۋە تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

-سىزگىمۇ مەلۇم، تۈركىيەدە رامزان ئېيىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى پۈتۈن تۈركىيە تۈركلىرىنىڭ مەسىلىسىگە ئايلانغان ئىدى. بۈگۈن بۇ مەسىلە كۈنتەرتىپتىن چۈشۈپ قالدى. بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟ -دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ، مۇنداق جاۋاب بەردى:
‏-شۇنى دېيىش كېرەك، بىرىنچىسى شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان مەسىلىلەر توغرىسىدا تۈرك مەتبۇئاتلىرىدا توغرا، ئىشەنچلىك مەلۇماتلار كەمچىل بولۇۋاتىدۇ. ئۇ، يەردە نېمىلەرنىڭ مەيدانغا كېلىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى مەلۇماتلارنىڭ كۆپى ئامېرىكىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق تۈركىيەگە تارقىلىۋاتىدۇ. كېيىنكى بىر يىلدىن بېرى تۈركىيەدىكى بەزى كىشىلەر شەرقىي تۈركىستاندىن بىۋاسىتە ھالدا مەلۇماتلارنى ئىگىلەپ تۈرك مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىۋاتىدۇ. تۈركلەر شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە قىزىقىدۇ، كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئەمما كېيىنكى يىللاردا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى مەلۇماتلار كىشىلەرنىڭ كاللىسىنى ئېلىشتۇرغىلى تۇردى. بۇ رەسىملەر تۈركلەرنىڭ كاللىسىدا بەزى كىشىلەر دېگەندەك زۇلۇم، بېسىم ۋە قىرغىنچىلىق راستىنىلا بارمۇ يوق؟ دېگەن سوئالنى پەيدا قىلىشقا باشلىدى. بۇ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن بىر خەۋپ، كىشىلەرنىڭ كاللىسىدىكى بۇ سوئالغا جاۋاب بەرمىسەك، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا تۈركىيەنىڭ يېڭى قەدەم تاشلىشىغىمۇ توسالغۇ بولىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا بۇلار شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن ئىجابىي رول ئوينايدۇ. تۈرك ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، تۈرك ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى شەرقىي تۈركىستاندا زادى نېمىلەر بولۇۋاتىدۇ؟ بۇنى يورۇققا چىقىرىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدۇ، ئۇلارنى قامچىلايدۇ.

-ھۆرمەتلىك كۈرشات زورلۇ ئەپەندى رەئىس جۇمھۇرى ئەردوغاننىڭ خىتايغا ئېلىپ بارغان زىيارىتىگە قانداق قارايسىز؟ -دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ، مۇنداق جاۋاب بەردى:
-بىز بىلمەيدىغان ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئورۇن ئالمىغان بەزى مەخپىي ئۇچرىشىشلار بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما بۇ ئاخباراتلاردا ئورۇن ئالمىدى. بىز كۆرگەنلىرىمىزنى دەيدىغان بولساق، خىتاي بىلەن نۇقتىلىق ھالدا ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان بىر ساياھەت بولدى. شەرقىي تۈركىستاندا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارگا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى راستمۇ-يالغانمۇ دېگەن مەسىلىلەر رەئىس جۇمھۇرى خىتايغا مېڭىشتىن بۇرۇن كۆپ مۇزاكىرە قىلىنغان ئىدى. بىزنىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى توغرىسىدا تەپسىلىي دوكلات يېزىش، شەرقىي تۈركىستاندىن داۋاملىق ھالدا ئىشەنچلىك مەلۇمات ئىگىلەشكە ئېھتىياجىمىز بار. شۇڭا بۇ قېتىمقى زىيارەتتە كۆپرەك تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.

-سىزگىمۇ مەلۇم تۈركىيەنىڭ دۆلەت رەئىسى ئەردوغان خىتاينى زىيارەت قىلغاندا شى جىنپىڭ بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن، مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا توختالمىدى، بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟‏-دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ، مۇنداق جاۋاب بەردى:
-مەنمۇ ھۆرمەتلىك رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ خىتايغا ئېلىپ بارغان زىيارىتى جەريانىدا خىتايدا قىلغان سۆزلىرىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلاتتىم. مەن دۆلىتىمىزنىڭ رەئىس جۇمھۇرىنىڭ خىتاي رەھبەرلەر بىلەن كۆرۈشكەندە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگەنلىكىگە ئىشەنگۈم كېلىدۇ. ئەمما ئۇچرىشىشتا بۇ مەسىلە تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، بۇنى باياناتىدا ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويۇشىنى ئارزۇ قىلاتتىم. تۈركىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ھەققانىي دەۋاسىغا ئىگە چىقىشى ئۇيغۇرلارغا مەنىۋى جەھەتتىن كۈچ-قۇۋۋەت بېغىشلايتتى. ئۇيغۇرلارنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشىمىزگە ئېھتىياجى بار. رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ بۇ زىيارىتىدە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگىلى بولاتتى، ئەمما بۇ ئەمەلگە ئاشماي قالدى.

-كۈرشات زورلۇ ئەپەندى سىز، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىگە داۋاملىق ھالدا بېرىپ كېلىپ تۇرۇۋاتقان، ئۇ دۆلەتلەر توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر كىشى. تۈركىيە ۋە ئەزەربەيجان پارلامېنتلىرىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تىلغا ئېلىنىۋاتىدۇ، باشقا جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى بىلەن كارى يوق. بۇ مەسىلىنى باشقا جۇمھۇرىيەتلەرنىڭمۇ تاشقى سىياسىتىگە كىرگۈزۈش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش كېرەك؟ -دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى:
-رابىيە قادىر خانىم بىلەن ۋاشىنگتوندا سۆھبەت ئېلىپ بارغان ئىدىم. ئۇمۇ بۇ مەسىلىدىن كۆڭلىنىڭ بەك يېرىم ئىكەنلىكىنى دېگەن ئىدى. شەرقىي تۈركىستاندا 500 مىڭ ئەتراپىدا قازاق نوپۇسىمۇ بار. شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا، غەربكە ئېچىلغان دەرۋازىسى. خىتاي بۇرۇنلا ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى قۇردى. بۇ تەشكىلات تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قىلىش، دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكى نامى ئاستىدا ئۇيغۇرلار بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى توسۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ. خىتاي دۆلىتى بۇ جۇمھۇرىيەتلەر بىلەن ئېنېرگىيە تۇرۇبىسى ياسىدى، توختامنامىلەر تۈزدى. بۇ جۇمھۇرىيەتلەرنى ئۆزىگە بېقىنىدىغان دۆلەتكە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تىرىشتى، مەلۇم دەرىجىدە مۇۋەپپەق بولدى. بىز تەبىئىي ھالدا قازاقىستاننىڭ، قىرغىزىستاننىڭ، ئۆزبېكىستان ۋە تۈركمەنىستانلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە تۈركىيەدەك كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئارزۇ قىلىمىز. ئەمما بۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۇنداق ئاسان ئەمەس. بۇ مەسىلىدە تۈركىيەگە چۈشكەن ۋەزىپە زور. تۈركىيە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە تىنچلىقنى ئاساس قىلغان بىر سىياسەت يۈرگۈزسە، باشقا جۇمھۇرىيەتلەرنىمۇ بىرئاز بۇ مەسىلىگە تارتالايدۇ. مەسىلەن، تۈرك كېڭىشىنىڭ مەركىزى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە. بۇ تەشكىلات تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ ھەممىسى ئەزا بولغان بىر تەشكىلات. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى داۋاملىق ھالدا تۈركىيەنىڭ كۈن تەرتىپىگە كېلىپ تۇرسا، باشقا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەردىمۇ كۈن تەرتىپكە كېلىدۇ دەپ ئويلايمەن. ئەگەر تۈركىيە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئىگە چىقمىسا، ئۇ جۇمھۇرىيەتلەرمۇ تۈركىيە ئىگە چىقمىغان يەردە بىز نېمىشقا ئىگە چىقايلى دېيىشى مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋال بۇرۇنمۇ بولغان، شۇڭا ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا يالغۇز ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدۇرۇش ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ ئىگە چىقىشى كېرەك.