erkin-asiya-radiosi.jpgئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى

بېيجىڭدىكى پارات مەزگىلىدە يەكەن ساقچىخانىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىغان

خىتاي بېيجىڭدا ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەشكە تەييارلىق قىلىۋاتقان مەزگىلدە يەكەن ساقچىخانىسىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ۋەقە توغرىسىدىكى چەكلىك ئۇچۇرلار باشتا خىتايچە ۋە ياپونچە خەۋەر ۋاسىتىلىرىدە ئاشكارىلانغان.

بۇ ھەقتە تېلېفون زىيارىتىمىزگە جاۋاب بەرگەن يەكەن يېڭىئۆستەڭ ساقچىخانىسىنىڭ بىر خادىمى ۋەقەنىڭ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ئىكەنلىكى، يەكەن ناھىيەلىك ساقچىخانىسىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقى، ساقچىلارنىڭ نۆۋەتتە ئۇرۇش ھالىتىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ھالبۇكى، باشقا ساقچىخانىلاردىكى بىر قىسىم ساقچىلار ۋەقەدىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتسا، بەزىلىرى ۋەقەلەرنى ئاشكارىلىماسلىق ھەققىدە يۇقىرىدىن ئۇقتۇرۇش بارلىقىنى، شۇڭا بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە تولۇق ئۇچۇر ئېلىشقا مۇۋەققەت بولالمىغان بولساقمۇ، تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ساقچى خادىملىرىنىڭ جىددىي ۋە ئالاقزادە كەيپىياتى ھەربىي پارات ھارپىسىدا يەكەندە ۋەقە چىققانلىقىنى ۋە ۋەقە ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ قاتتىق كونترول قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىماقتا.

ئۆتكەن يىلى 28-ئىيۇل يەكەننىڭ ئېلىشقۇ يېزىسىدا قانلىق ۋەقە يۈز بەرگەن. خىتاي ئاخباراتلىرى ئاتالمىش توپىلاڭچىلاردىن 60 قا يېقىن ئادەمنىڭ ئېتىپ تاشلانغانلىقىنى خەۋەر قىلغان بولسىمۇ، د ئو ق ۋەقەدە ئاز دېگەندە 2000 ئۇيغۇرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ۋە ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

رابىيە قادىر خانىم شى جىنپىڭنىڭ «تىنچلىق» بايانلىرىغا رەددىيە بەردى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ھەربىي پاراتتا قىلغان «تىنچلىق» بايانلىرىغا رەددىيە بەردى. خىتاي رەئىسى ياپونغا قارىشى ئۇرۇشنىڭ 70 يىللىقى ئۈچۈن 3 -سېنتەبىر بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي پاراتنىڭ ئېچىلىش نۇقتىدا «جۇڭگو تەرەققىي قىلىپ قانداق نۇقتىغا كەلسە كەلسۇن، ئۇ مەڭگۈ زوراۋانلىق قىلمايدۇ، مەڭگۈ كېڭەيمىچىلىك قىلمايدۇ، مەڭگۈ ئۇ ئۆزى بۇرۇن ئۇچرىغان پاجىئەلىك تەقدىرنى باشقىلارغا تاڭمايدۇ» دېگەن.

بۇ ھەقتە توختالغان د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم: «پۈتۈن دۇنيا تىنچلىقنى تەكىتلەۋاتقاندا ئۆتكۈزۈلگەن بۇنداق ھەربىي پارات دۇنياغا بېرىلگەن قورقۇنچلۇق سىگنال» دېدى.

ئۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتى: خىتاي ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا، تىبەتلەرگە جۈملىدىن خىتاي خەلقىگە قىلغان -ئەتكەنلىرىدىن ساۋاق ئېلىشى، ئۇلارغا قاراتقان باستۇرۇش ۋە قىرغىن قىلىش ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشى كېرەك، دەپ كۆرسەتتى.

ئۇيغۇر ئېلىدە تىغلىق ئەسۋابلارغا قارىتىلغان چەكلىمىلەر ھېلىھەم مەۋجۇت

ئۇيغۇر رايونىدا، بولۇپمۇ جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدە تىغلىق ئەسۋابلارغا قارىتىلغان چەكلىمىلەرنىڭ ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

قەشقەر شەھەرلىك جەنۇبىي ئازادلىق يولى ساقچىخانىسى 26-ئاۋغۇست مەلۇم بىر كىشىگە تەستىقلاپ بەرگەن «قىڭراق سېتىۋېلىش ئىجازەتنامىسى» بۇ نۇقتىنى دەلىللىمەكتە.

مەزكۇر «ئىجازەتنامە» دە سېتىۋېلىشقا ئىجازەت بېرىلگەن تىغلىق ئەسۋابنىڭ تۈرى، سانى، سۈرۈكى ۋە مال سېتىۋېلىش ئورنى قاتارلىقلار ئېنىق ئەسكەرتىلگەن.

يېقىنقى بىرقانچە يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىكى تىغلىق ئەسۋابلارنىڭ خىتاي مەمۇرلىرى، ئامانلىق خادىملىرى جۈملىدىن خىتاي كۆچمەنلىرىنى قاتتىق تەشۋىشكە سېلىۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

ئۇيغۇر دېھقاننى مېيىپ قىلىپ قويغان خىتاي سېكرېتار ئىككى قېتىم ئۆستۈرۈلگەن

ئۆتكەن يىلى خوتەننىڭ كېرىيە ناھىيە شەنبەبازار يېزىسىدا ئۇيغۇر دېھقان مەمتىمىن مەتتوختىنى ئۇرۇپ مېيىپ قىلىپ قويغان خىتاي سېكرېتار لۈ رۇڭ ئۇدا ئىككى قېتىم ئۆستۈرۈلگەن.

ئۆتكەن يىلى ئۇنىڭ شۇ ۋەقەدىن كېيىنلا كېرىيە ناھىيىلىك بىرلىكسەپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىقىغا ئۆستۈرۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدۇق.

مەلۇم بولۇشىچە، لۈ رۇڭنىڭ بۇ يىل يەنە ئۆستۈرۈلۈپ، خوتەن ۋىلايەتلىك بىرلىك سەپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن. ھالبۇكى، زىيانكەشلىككە ئۇچراپ تۇرۇپمۇ 2 يىل قاماقتا يېتىپ چىققان مەمتىمىن مەتتوختى نۆۋەتتە «پىلاندىن سىرت تۇغۇلغان پەرزەنتى» ئۈچۈن جەرىمانە تۆلىمەكتە ئىكەن.

زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئائىلىدىكىلەرمۇ يۇقىرىلارنى دەلىللىدى.

د ئۇ ق تايلاند دائىرىلىرىنى ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشقا چاقىردى

د ئۇ ق تايلاند دائىرىلىرىنى ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشقا، پارتلاشقا ئائىت دەلىللەرنى تولۇق ئېلان قىلىشقا چاقىردى.

تايلاند ھۆكۈمىتى كامبودژا چېگراسىدا قولغا ئېلىنغان «مىرئەلى يۈسۈپ» ئىسىملىك گۇماندارنىڭ بارماق ئىزى، بايقالغان بومبا ماتېرىياللىرىدىكى بارماق ئىزى بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

لېكىن د ئۇ ق گۇماندارلارغا ئالاقىدار نۇرغۇن زىددىيەتلىك نۇقتىلارنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، تايلاند دائىرىلىرىنى ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشقا، پارتلاشقا ئائىت بارلىق دەلىللەرنى تولۇق ئېلان قىلىشقا، ۋەقە ھەققىدە مۈجمەل ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىپ، ئاخباراتتا ھەرخىل پەرزلەرنىڭ يامراپ كېتىشىگە يول ئاچماسلىققا چاقىردى.

بۇ 17-ئىيۇل باڭكوك ئېراۋان ئىبادەتخانىسى بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ كۆپىنچىسى خىتاي پۇقرالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 22 ئادەم ئۆلگەن ئىدى.

دائىرىلەر ھازىرغا كەلگۈچە ۋەقەگە ئالاقىدارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىككى گۇماندارنى قولغا ئالغانلىقى، بۇلارنىڭ تۈرك پۇقراسى ۋە ياكى ئۇيغۇر بولۇش ئېھتىماللىقىنىمۇ چەتكە قاقمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.