2015.09.03

ئامېرىكىدا ئەنگىلىز ۋە خىتاي تىللىرىدا نەشردىن چىقىدىغان، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تارقىتىلىدىغان فالۇڭگۇڭچىلارنىڭ ئەپكارى بولغان ئۇلۇق ئېرا ۋاقتى گېزىتىدە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم رەسىملىرى بىلەن تونۇشتۇرۇلدى. گېزىتنىڭ 3 – سىنتەبىر كۈنىدىكى سانىنىڭ باش سەھىپىسىدىن كەڭ ئورۇن ئالغان بۇ ماقالە رابىيە قادىر خانىم، ئۇنىڭ ئائىلىسى، يېقىن سەپداشلىرى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ئامېرىكىلىق تەتقىقاتچىلار بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتلەر ئاساسىدا تەييارلىنىپ چىققان.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىن قۇتۇلۇپ ئامېرىكىغا كەلگەنلىكىگە 10 يىل تولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلىنغان ماقالىدە، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئاددىي بىر ئايالدىن داڭلىق بىر كارخانىچىغا ۋە كېيىن بىر ئەركىنلىك كۈرەشچىسىگە ئايلىنىش جەريانلىرى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغان.

ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىنمۇ ئۆز خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن پائالىيىتىنى بىر كۈنمۇ توختىتىپ قويمىغان رابىيە قادىر خانىم گېزىت مۇخبىرىغا قىلغان سۆزىدە «خەلقىم ئەركىنلىككە چىقمىغۇچە مەن دەم ئالالمايمەن» دېگەن. خەۋەردە، خىتاي ھۆكۈمىتى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۈرۈمچىدە قالغان پەرزەنتلىرىنى تۈرمىگە قاماش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئىرادىسىنى سۇندۇرۇشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئەمما خەلقى ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىنى ئەڭ ئەلا، دەپ بىلگەن رابىيە خانىمنىڭ تەھدىتلەرگە بويۇن ئەگمىگەنلىكى بايان قىلىنغان.