erkin-asiya-radiosi.jpgئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى

رابىيە قادىر: نۆۋەتتىكى مەسىلە-ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئوباما-شى جىنپىڭ سۆھبىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى

ئۆتكەن ھەپتە ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى ھەققىدە توختالغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم: نۆۋەتتىكى مەسىلە-ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئوباما-شى جىنپىڭ سۆھبىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى، دېدى.

مەلۇم بولۇشىچە،  12- ئاۋغۇست ئۆتكۈزۈلگەن 19- نۆۋەتلىك دىئالوگتا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى نۇقتىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولغان.

ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئاشكارىلىشىچە، دىئالوگتا تېررورلۇقىنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش، ئىلھام توختى دېلوسى، دىنىي ئەركىنلىك قاتارلىق مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

د ئۇ ق قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، دىئالوگتا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ جىددىي رەۋىشتە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم شى جىنپىڭ كېلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ. بىز شى جىنپىڭ كەلگەندە ئامېرىكىنىڭ گۇناھسىز تۇتقۇن قىلىنغانلار، يوقاپ كەتكەنلەر، مۇساپىرلار مەسىلىسى قاتارلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلىۋاتىمىز.

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بۇ يىل سېنتەبىر ئامېرىكىدا دۆلەت زىيارىتىدە بولىدۇ.

ئۇيغۇر دېھقانلار ھالا بۈگۈنگىچە ھاشاردىن قۇتۇلمىغان

خىتاي ھاشارنى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر دېھقانلار ھالا بۈگۈنگىچە ھاشار ئەمگىكىدىن قۇتۇلمىغان.

يەكەنلىك دېھقانلارنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ناھىيە تەۋەسىدىكى يېزىلاردا دېھقانلار ھەر يىلى 40 ھاشارغا ئىشلەشكە مەجبۇرلىنىدىكەن.

ئېلىشقۇ يېزىلىق ساقچى پونكىتىنىڭ بىر ئامانلىق خادىمى: ئاپتونوم رايون ھاشارنى بىكار قىلىۋەتكەن بىلەن ئۇ بىزنىڭ بۇ يەردە ئاقمايدۇ، دېدى.

مەزكۇر يېزىدا ئولتۇرۇشلۇق بىر دېھقان، ھاشارغا چىقمىغانلارنىڭ جەرىمانە تۆلەيدىغانلىقى، مەجلىسكە بىر كۈن قاتناشمىغان دېھقانلارنىڭ 15 كۈن سىياسىي تەلىم تەربىيە كۇرسىغا ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھاشار مەسىلىسى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىزچىل تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلگەن.

د ئۇ ق باش كاتىپى نۇرمەمەت مۇساباي، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھاشارنى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى ئېكسپىلاتاتسىيە ۋە كونترول قىلىش قورالى قىلىۋالغانلىقىنى بىلدۈردى.

«جۇڭگو يولى» يېغىنىدا ئۇيغۇر مۇستەقىللىقى پىكرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان

2015‏-يىلى 16‏-ئاۋغۇست گوللاندىيەنىڭ پايتەختى دەنھاخ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 2‏-قېتىملىق «جۇڭگو يولى» يېغىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق دەۋاسىغا مۇناسىۋەتلىك پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

مەزكۇر پائالىيەتنى گوللاندىيەدىكى«ياۋروپا جۇڭگو يولى تەتقىقات مەركىزى» ئۇيۇشتۇرغان.

خوڭكوڭ، تەيۋەن، گېرمانىيە، فىرانسىيە، دانىيە، گوللاندىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق ئەللەردىكى دېموكراتىك خىتاي زىيالىيلىرى ئىشتىراك قىلغان مەزكۇر پائالىيەتكە «گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى» تەشكىلاتىنىڭ خادىملىرىدىن بەختىيار ناسىر، غەيرەتجان روزى ۋە سادىقجان سەلەي ئەپەندىلەر تەكلىپ بىلەن قاتناشقان.

ئۇلار مەزكۇر پائالىيەت ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ دېموكراتىك ئاڭدىكى خىتاي زىيالىيلىرى ئىچىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق خاھىشى ۋە تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىدىغانلارمۇ بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي رايونلىرىدا ئەيدىز شىددەت بىلەن يامرىماقتا

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي رايونلىرىدا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانى شىددەت بىلەن ئاشماقتا ئىكەن. بۇلارنى ئىلگىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جىنسىي كېسەللىكلەرنى تىزگىنلەش ۋە ئالدىنى ئېلىش مەركىزىدە ئۇزۇن يىل خىزمەت قىلغان ئۇيغۇر كەسپىي خادىم ئاشكارىلىدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ئەيدىزنىڭ زەھەر چېكىش ياكى شپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىش ئارقىلىق يۇقۇش- يۇقتۇرۇش قاناللىرى شىمالدا ئاساسىي جەھەتتىن تىزگىنلەنگەن، ئەمما ئۇيغۇرلار مەركەزلىك جايلاشقان جەنۇبىي رايونلاردا ئەيدىز ۋىرۇسى جىنسىي مۇناسىۋەت يولى بىلەن جىددىي تارقالماقتا ئىكەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: بۇنىڭدا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرى، بولۇپمۇ ئەيدىز پاھىشە ئاياللارنىڭ «ساتىراشخانا»، «ھورداقخانا»، «ئۇۋىلاش مەركىزى» دېگەندەك ناملاردا جىنسىي مۇلازىمەت قىلىشى ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب بولماقتا.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، جەنۇبتىكى ئەيدىز ۋەزىيىتىنىڭ ئەكسىچە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى مۇقىملىقنى باھانە قىلىپ ئەيدىزگە قارشى تەشۋىقىي خىزمەتلەرگە توسقۇنلۇق قىلغان.