
شى جىنپىڭ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى خىتاينىڭ جەنۇبى دېڭىزدىكى ئىگىلىك ھوقۇق تەلىپى، پۇل كۇرسىنى ئۆستۈرۈشى، ئامېرىكىغا قاراتقان تور ھۇجۇمى قاتارلىق مەسىلىلەر سەۋەبلىك كەسكىنلىشىپ كەتكەن، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى پرېزىدېنت ئوباماغا شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە كىشىلىك ھوقۇقنى كەسكىن ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلىپ، كۈچلۈك بېسىم ئىشلىتىۋاتقان مەزگىلدە ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىدۇ.
رابىيە قادىر خانىم، «بىز ئوبامانىڭ بۇ قېتىم شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە خىتاي قايتۇرۇپ كەتكەن ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈشتۈرۈشىنى تەلەپ قىلدۇق» دېدى.
رابىيە قادىر: ئۆتكەندە تايلاندتىن بىزنىڭ قېچىپ چىققان مۇساپىرلىرىمىزنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلىپ كەتتى. ئۇلارنىڭ تەقدىرى قانداق بولدى، ئۇلارنى قانداق قىلىۋاتىدۇ، بىز ھازىر ئۇلارنى ئۇقمايمىز. شۇڭا، بىز ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنىڭ مەسىلىسىنى سۈيلىشىنى ۋە ئارقىدىن تەقىب قىلىشىنى تەلەپ قىلدۇق.
شۇنداقلا يەنە بۇ قېتىم (ئوباما) كۆرۈشكەندە ئوتتۇرىغا قويۇش تەلىپىمىزنى يەتكۈزدۇق. بۇنىڭدىن باشقا تۈرمىدە يېتىۋاتقان نەچچە مىڭ گۇناھسىز ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى، ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىشى ھەققىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقى زوراۋانلىقنى توختىتىشى، قانۇنسىز ئادەم ئۆلتۈرۈش، بېسىپ كىرىپ ئائىلىلەردە ئادەم ئۆلتۈرۈش، دىنىي ئەركىنلىكنى دەپسەندە قىلىش، دۇنيا تېررورلۇق ھەرىكىتىدىن پايدىلىنىپ، گۇناھسىز ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىش ۋە ئۆلتۈرۈشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدۇق.
مۇخبىر: دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخباراتىدا بۇ مەسىلىلەرنىڭ يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن كىشىلىك ھوقۇق دېئالوگىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى قەيت قىلىنغان. بۇ سۆھبەتنىڭ نەتىجىسىگە قانداق قارايسىز؟ ئامېرىكىنىڭ پوزىتسىيەسىگە ۋە خىتاينىڭ ئىنكاسىغا؟
رابىيە قادىر: ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە رەھمەت. خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەندە ئامېرىكا دېگەندەك بۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەممىنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ. ناھايىتى خوش بولدۇق. گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ نەرسىلەرنى ھازىرلا ئۆزگەرتەلمىسىمۇ، لېكىن ئامېرىكىنىڭ بۇ مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇر مەسىلىسى سېنىڭ ئىچكى مەسىلەڭ ئەمەس، بۇ دۇنيا ئارىلىشىدىغان مەسىلە، دەپ سىگنال بەرگەنلىكى، دەپ قارايمەن.
بۇ قېتىم شى جىنپىڭ كېلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ. يەنىلا بىز شى جىنپىڭ كەلگەندە ئامېرىكىنىڭ گۇناھسىز تۇتقۇن قىلىنغانلار، يوقاپ كەتكەنلەر، مۇساپىرلار، چەتئەلدە پائالىيەت قىلىۋاتقانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا زىيان سېلىشنى توختىتىشى، قولغا ئېلىنغان مۇخبىرلار ۋە زىيالىيلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلىۋاتىمىز.
مۇخبىر: ئالدىنقى كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ جۇڭگو كومىتېتىدا بەزى سۆھبەتلەردە بولدىڭىز. ئۇ يەردىكى مۇناسىۋەتلىك مەجلىس ئەزالىرىنىڭ، ئالاقىدار ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئادەملىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىڭىز ھەققىدە خەۋەرلەرنى ئالدۇق. بۇ يەردىكى كۆرۈشۈشمۇ شۇ شى جىنپىڭنىڭ كېلىشى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئۇنىڭ ئالدىغا قويۇشقا دائىر سۆھبەتمىتى ئۇ؟
رابىيە قادىر: بىز بارغان ئامېرىكىنىڭ ھەرقانداق يېرىدە بىز دېگەن گەپنى بىزدىن بۇرۇن بىزنىڭ ئالدىمىزغا قويۇۋاتىدۇ. بىز ئەلۋەتتە بۇ مەسىلىلەرنى قويىمىز. بىز ئۇيغۇر مەسىلىسى بىزنىڭلا مەسىلە ئەمەس، پۈتۈن دۇنيانىڭ مەسىلىسى دەۋاتىمىز.
شۇڭا، بىز بارغان كومىتېتلاردا بىز ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلىرىمىزنىڭ چوقۇم ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە يېتىپ بارىدىغانلىقىنى، ئاقساراينى، دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنى بۇ قېتىم بۇنداق مەسىلىلەرنى شى جىنپىڭغا چوقۇم دەيدۇ، دەپ قارايمىز.
مۇخبىر: دۆلەت مەجلىسىدىكى سۆھبەت ھەققىدە بىر ئاز كونكرېتراق توختالغان بولسىڭىز؟ ئۇلار نېمىلەرنى دېدى؟
رابىيە قادىر: كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتلىرىنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ ھەممىسى بىلەن كۆرۈشتۇق. خىتاي كومىتېتىنىڭ رەھبەر ۋە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ھەممىسى بىلەن كۆرۈشتۇق. ئۇلار ۋەزىيەتنى داۋاملىق تەقىب قىلىپ تۇرۇۋاتقانلىقى، ئۆزلىرىنىڭ ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.بىز ئەمدى دۆلەت مەجلىسىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان نۆۋەتتىكى مانا مۇشۇنداق مەسىلىلەرنى ئاڭلىتىشنى تەلەپ قىلدۇق. ئۇلار مۇشۇ يېقىندا ئۆزلىرىنىڭ بۇنىڭغا جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
مۇخبىر : ئاخىرقى بىر سوئال شۇ، ھازىر ئوغۇل ۋە نەۋرىلىرىڭىزنىڭ (ۋەتەندە) ئېغىر تەقىب ئاستىدا ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئىقتىسادى قورشاۋدا قالغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنى ئاڭلىدۇق. ئۇلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە بىر ئاز توختىلىپ باققان بولسىڭىز. ئۇلارنىڭ ئەھۋالى قەيەردىن قەيەرگىچە؟
رابىيە قادىر: خىتاي ھۆكۈمىتى مېنىڭ ئابلىكىم، ئالىم بالامنى ۋاقتى توشۇپ قويۇپ بەردى. ھازىر تۈرمىدە ھېچقانداق ئوغلۇم قالمىدى. قىزىم روشەنگۈل، ئالىم، ئابلىكىم، ئادىل، قاھار قاتارلىق 5 پەرزەنتىم، نەۋرىلىرىم، قېرىنداش- تۇغقانلىرىم بولۇپ 100 دىن ئارتۇق ئائىلە ئەزالىرىم بار.
ئۇلارنىڭ ئەھۋالى ئىنتايىن ئېغىر. بىرى، ئىقتىسادى چىقىش يولى يوق. ھېچقايسىنىڭ ئىش ئورنى يوق. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن نەۋرىلىرىمگىچە ئۆينىڭ ئىچىدە ئولتۇرۇۋاتىدۇ. ئەگەر ئۇلار ئىشلەيمەن، دەپ بىر يەرگە بارسا، ئۇلارنىڭ كىملىكى سايراپ كېتىدىكەن. ئۇلارغا ھېچقانداق ئىش بېرىلمەيدىكەن.
ئۇلار باشقا ۋىلايەت، ناھىيەلەرگە بارسا ئۇلارنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىپ، خارلاپ، كىملىكىنى يول-يولدا تەكشۈرىدىكەن. كومپيۇتېرغا سالغاندىن كېيىنلا مېنىڭ بالىلىرىمغا قوپاللىق، خارلاش، ھاقارەت باشلىنىدىكەن.
ئۇلارنىڭ ھېچقانداق تىجارەت قىلىش، جان بېقىش يولى يوق. ئۇلارنىڭ ئاشخانىسى تارتىۋېلىندى، ئۇلارنىڭ ئىجارىگە قويغان ئورۇنلىرىنى تارتىۋالدى. مال-مۈلكى توڭلىتىپ قويۇلدى. بالىلارنىڭ ھېچقانداق چىقىش يولى قالمىغانلىقى ئۈچۈن بۇ مەسىلىدە ئۆزۈم مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن كۆرۈشۈپ، بالىلىرىمنى قايتۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بۇ ھەرىكەتنى بىللە ئېلىپ بېرىۋاتىمەن.